- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا يوق
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، ئۇيغۇربەگ
phpنى يېڭىدىن ئۆگەنگەن ھەۋەسكارلار ئۈچۈن، php مۇھىتى ھازىرلاش بىرقەدەر قېيىن بولغان ئۆتكەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بۈگۈن مەن مۇشۇ ھەۋەسكارلارغا php مۇھىتىنى AppServ ئارقىلىق تىز سۈرئەتتە،قولايلىق ھالدا قۇرۇپ چىقىشنى ئۆگىتىش مەقسىتىدە مەزكۇز يازمامنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن(AppServ ئارقىلىق php ئىجرا مۇھىتىنى ھازىرلىغىلى بولۇپمۇ قالماي يەنە
Apache مۇلازىمېتىرى،MySQL ساندان،phpMyAdmin قاتارلىقلارنىمۇ قۇرغىلى بولىدۇ)
ئاۋۋال،توردىن ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق بولغان نەشىردىكى AppServ يۇمتالىنى چۈشۈرىمىز.ئوخشىمايدىغان نەشىردىكى بۇ يۇمتالنىڭ پەرقى پەقەت شۇ Apache مۇلازىمىتىرى،MySQl ساندانى نەشىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن ئېبارەت.بۇ يەردە بىز 2.5.10 نەشىرىدىكى AppServ يۇمتالىنى چۈشەندۈرىمىز.
قاچىلاش پروگراممىسىنى قوزغاتتۇق.

قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن يۇمتالنى ئادەتتە بىز يۇمشاق دېتال قاچىلايدىغان رايونغا قاچىلايلى.

بۇ يەردىن بىزگە لازىملىق بولغان قىسمىنى تاللايمىز.

Apache مۇلازىمىتىرىنىڭ تەڭشىكى(ئەگەر كومپىيۇتېرىڭىزدا ئاللىقاچان IIS قاچىلانغان بولسا ئاۋۇ 80 نى 8080 گە ئۆزگەرتىڭ):

MySQL ساندان تەڭشىكى(root ئابونىتى پارولىنى كىرگۈزىمىز):

قاچىلاش تامام بولغاندىن كىيىن Apache مۇلازىمىتېرى بىلەن MySQL ساندانىنى قوزغىتىمىز.

زىيارەتچى ئادرىس ئىستونىغا http://localhost (ناۋادا ئەينى چاغ 8080 دەپ تولدۇرغان بولساق http://localhost:8080 )دەپ كىرگۈزگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى رەسىمدەك كۆرۈنۈش چىقسا Apache مۇلازىمىتىرىنىڭ قوزغالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا AppServ قاچىلانغان رايوندا رەسىمدىكىدەك مۇندەرىجە پەيدا بولىدۇ:

شۇنداق قىلىپ php مۇھىتى ھازىرلاش تامام بولدى.
ئەسكەرتىش: مۇندەرىجىدىكى www ھۆججەت قىسقۇچى سىز ئىجرا قىلىدىغان پروگراممىلارنى ساقلايدىغان جاي.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- WordPress نىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشدىن ئېرىشكەن تەجرىبەم (10)
- ئۇيغۇر پاركورچى باللا ئىشلىگەن مىكرو كىنو – سۈرئەت (14)
- [يەرلىك قىستۇرما] Wp-Aptor –يازمىغا ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىماھالىنى قىستۇرۇش قىستۇرمىسى (1)
- WordPressدە بلوگ ئۈچۈن چىرايلىق رەڭدار خەتكۈچ بېتى قۇرۇشنىڭ تەدبىرى (16)
- [يەرلىك قىستۇرما] WP-beFont – ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى (8)
- [ئالەششەنى]ناۋادا كىلاسسىك رەسىملەر 3D بولۇپ قالسا…مانا كارامەت!!!
- «2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ»ئىچىگە كىرگەنلىكىمىزگە ئاتاپ
- SEO ئوينايدىغان بلوگگېر كېلىڭ، SEO قىستۇرمىسىنىڭ ھاجىم دادىسىنى تونۇشتۇرۇپ قوياي… (19)
- WordPressنىڭ يازما تەھرىرلىگۈچىنى قىستۇرمىسىز ئىقتىدار كېڭەيتىش تەدبىرى (7)
- wordpress سېستىمىسىدا jquery ئۈنۈمىدىكى بلوگ لىفىتى ئىقتىدارىنىڭ يېڭى تەدبىرى (5)
- WordPress سۇپىسىدا يازمىلارغا كود قىستۇرۇشنىڭ بىر نەچچە تەدبىرى (2) (13)
- پرېستان نەگە كەتتى؟ (11)