- سەھىپە:WP قىستۇرمىسى
- | باھا:33
- | زىيارەت: 1,438 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، wordoress, قىستۇرما
WordPress ساھەسىدە ئازراق ئىزدىنىپ باققانلار ۋە ياكى WP-PostViews قىستۇرمىسىنى چۈشۈنىدىغانلار شۇنى ئەلەم بىلەن ئىتىراپ قىلىدۇكى، WP-PostViews قىستۇرمىسى بلوگدا كەم بولسا بولمايدىغان قىستۇرمىنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن نەچچە ئەسىر مۇقەددەم ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى «[مەخپىي رېتسىپ]WordPress قىستۇرمىسى WP-PostViews ۋە ئۇنى ئىشلىتىش» ناملىق يازمىمىزدا ھەم سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەپسۇسكى، تا ھازىرغا قەدەر بۇ قىستۇرمىنىڭ تەڭشىكى ئىنگىلىزچە ئىدى، بۈگۈن شۇنى تەنتەنىلىك جاكارلايمىزكى WP-PostViews قىستۇرمىسى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى، ئەمدى بۇنى ئىشلىتىش ھەققىدە تەپسىلىي مەزمۇنغا ئىگە بۇلايلۇق.
WP-PostViews ھەققىدە
بەلكىم،Wordpress بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەن تورداشلىرىمىز بايقىغان بۇلىشى مۇمكىن،بەزى ئۇسلۇبلاردا يازمىنىڭ ئوقۇلۇش سانىنى كۆرسۈتۈدىغان ئىقتىدار يوق.بۇنداق ئىقتىدارنى قۇشىمىز دەيدىكەنمىز،بەزىبىر قىستۇرمىلارنى قوزغىتىپ شۇ ئارقىلىق ھەل قىلىشىمىز زۆرۈر.جۈملىدىن،ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى يازما زىيارەت قېتىم سانى ئەمەلىيەتتە دەل مۇشۇنداق بىرخىل قىستۇرمىلاردىن پايدىلىنىپ ھاسىل قىلىنغان.رىۋايەتلەردىكى بۇ قىستۇرمىنىڭ نامى دەل WP-PostViews دۇر.
WP-PostViews قىستۇرمىسى WordPress ئۇسلۇبلىرىدا،يازما ياكى ئايرىم بەتلەرنىڭ ئېچىلىش(كۆرۈلۈش)سانىنى ئىستاتىسكىلاپ بىرىدىغان قىستۇرما بولۇپ،نۆۋەتتە،Wordpress ئورگان بېتىدىن ئەڭ كۆپ چۈشۈرۈلگەن قىستۇرمىلارنىڭ بىرى.بۇ قىستۇرما-بلوگلاردا كەم بولمايدىغان قىستۇرمىلارنىڭ بىرى بولۇپ،جۈملىدىن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى،پرېستان،يۈكسەل،تەدبىركار…قاتارلىق مەن تونۇيدىغان بلوگگېرلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ قىستۇرمىنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە ئىكەن.
قىستۇرمىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەققىدە
قىستۇرما بىۋاستە ھالدا ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىندى، نۆۋەتتىكى نەشرى 1.60 | ئاپتورى: Lester 'GaMerZ' Chan | قىستۇرما بېتىنى كۆرۈش
قىستۇرما تەڭشەك بېتىدىن كۆرۈنۈش :
قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش ۋە ئىشلىتىش
1. قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ.
2. قانداق قىلاتتۇق، قىستۇرمىنى قاچىلايمىزدە. قانداق قاچىلاشنى سوراۋاتامسىز؟ ئاپلا، مەنمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن…
3. يازمىنىڭ ئوقۇلۇش سانى كۆرسىتىلمەكچى بولغان ئورۇنغا تۆۋەندىكى كودنى قويۇڭ :
ئوقۇلۇش قېتىم سانى : if(function_exists('the_views')) { the_views(); } ?>
4. باشقا كودلار
ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان يازما ياكى بەتلەرنى ئىجرا قىلىش كودى :
ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان 10 پارچە يازما:
'post'); ?>
ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان 15 پارچە يازما:
'post',15); ?>
تېخىمۇ كۆپ تەڭشەك ياكى كود لازىم بولسا تۆۋەندىكى مەنزىلگە قاراپ غەزەب بىلەن : ئالغا!….
مەنزىل : http://itaooo.com/1892.html
باشقا تەڭشەك : قىستۇرما تەڭشىكىدىكى «كود كۆرسۈتۈلۈش قىممىتى (مەزكۇر قىستۇرمىنىڭ كودى ئىجرا بولغاندا قانداق كۆرسۈتۈلىدۇ دېمەكچى)»غا سۈكۈتتىكى قىممەت ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك يېزىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز :
%VIEW_COUNT% قېتىم ئوقۇلدى
قىستۇرمىنى ئىشلىتىش داۋامىدا مەسىلىگە يۇلۇقسىڭىز مۇنبەردە ياكى مەزكۇر يازمىدا ئىنكاس قالدۇرغايسىز.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- تېپىۋالغان پۇل،شەيتان ۋە ئادەم (ئەبجەش يازما)
- ئەمدى ھۆججەتلىرىڭىز يۇيۇلۇپ كەتسە غەم يىمەيسىز (9)
- يېڭى ياش،يېڭى مەۋسۇم:بۈگۈنمۇ چوڭ بولىۋاتىمەن!… (12)
- بۈگۈن تېخنىكا ئۆگەنمەيمىز، ئولتۇرۇپ پرېستاننىڭ يەنە بىر قاتىللىقىغا گۇۋاھ بولىمىز! (19)
- wordpress تا قىستۇرمىسىز كىچىك رەسىم چىقىرىش (11)
- xp دىن زادى قانداق قىلىپ ھازىرقى فەچەت بولغان win7 گە كۆچتۈم؟ (1)
- [بىخەتەرلىك قورالى] تور يۈزىدىكى باھادىر ئەزىمەت VirusTotal