مەخپىي رېتسىپ]WordPress قىستۇرمىسى WP-PostViews ۋە ئۇنى ئىشلىتىش

postview_conew1

بەلكىم،Wordpress بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەن تورداشلىرىمىز بايقىغان بۇلىشى مۇمكىن،بەزى ئۇسلۇبلاردا يازمىنىڭ ئوقۇلۇش سانىنى كۆرسۈتۈدىغان ئىقتىدار يوق.بۇنداق ئىقتىدارنى قۇشىمىز دەيدىكەنمىز،بەزىبىر قىستۇرمىلارنى قوزغىتىپ شۇ ئارقىلىق ھەل قىلىشىمىز زۆرۈر.جۈملىدىن،ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى يازما زىيارەت قېتىم سانى ئەمەلىيەتتە دەل مۇشۇنداق بىرخىل قىستۇرمىلاردىن پايدىلىنىپ ھاسىل قىلىنغان.رىۋايەتلەردىكى بۇ قىستۇرمىنىڭ نامى دەل WP-PostViews دۇر.

WP-PostViews ھەققىدە

WP-PostViews قىستۇرمىسى WordPress ئۇسلۇبلىرىدا،يازما ياكى ئايرىم بەتلەرنىڭ ئېچىلىش(كۆرۈلۈش)سانىنى ئىستاتىسكىلاپ بىرىدىغان قىستۇرما بولۇپ،نۆۋەتتە،Wordpress ئورگان بېتىدىن ئەڭ كۆپ چۈشۈرۈلگەن قىستۇرمىلارنىڭ بىرى.بۇ قىستۇرما-بلوگلاردا كەم بولمايدىغان قىستۇرمىلارنىڭ بىرى بولۇپ،جۈملىدىن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى،پرېستان،يۈكسەل،تەدبىركار…قاتارلىق مەن تونۇيدىغان بلوگگېرلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ قىستۇرمىنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە ئىكەن.

WP-PostViewsنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش

WP-PostViews قىستۇرمىسىنى قىستۇرما بېتىدىن ياكى سېستىمىنىڭ ئارقاسۇپىسىدىكى قىستۇرمىلار رايونىدىن قاچىلاپ،قوزغاتقاندىن كىيىن(جەريانىنى تۇرايىمىزدىكى قىستۇرما قاچىلاش دەرسلىكىدىن كۆرۈڭ)،Wordpress ئارقا سۇپىسى،تەڭشەكلەر رايونىدا PostViews تاللىشى قوشۇلىدۇ.

postview01

ئاندىن،بۇ يەرگە كىرىپ،قىستۇرمىنى تۆۋەندىكىدەك تەڭشەيمىز(ئەلۋەتتە،بۇلار ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى تەڭشەك،سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ).

postview02

postview03

يۇقارقىدەك تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن،تۆۋەندىكى كودنى سىز كۆرسەتمەكچى بولغان جايغا قويسىڭىز بولىدۇ.

<?php if(function_exists(’the_views’)) { the_views(); } ?>

WP-PostView يەنە تېخى كۆپ مۇشتەرى بولۇنغان يازمىلارنىمۇ كۆرسۈتۈپ بىرەلەيدۇ.كود:

<?php if (function_exists(’get_most_viewed’)): ?>
<?php get_most_viewed(); ?>
<?php endif; ?>

مەلۇم سەھىپىدىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن يازمىلار:

<?php if (function_exists(’get_most_viewed_category’)): ?>
<?php get_most_viewed_category(); ?>
<?php endif; ?>



无觅相关文章插件,快速提升流量


6 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • elpida | 2012.02.19 جاۋاب

    يۇقارقىدەك تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن،تۆۋەندىكى كودنى سىز كۆرسەتمەكچى بولغان جايغا قويسىڭىز بولىدۇ دەپ بۇ كودنى بېرىپسىز :

    لېكىن مەن بۇ كودنى نەگە قويۇشنى بىلەلمىدىم ، مەن كۆرسەتمەكچى بولغان جاي قايسى جاي ئۇ ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.20

      قەيەردە كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز شۇ يەردە قۇيىسىز، مەسىلەن باشبەتتە، يازما بېتىدە دېگەندەك…

  • elpida | 2012.02.19 جاۋاب

    قايسى جاينى خاتا قىلغانلىقىمنى بىلەلمىدىم ، مۇنداق چىقىۋالدى :
    كۆرۈلۈشى:%VIEW _ COUNT% قېتىم

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.20

      قىستۇرما قوزغالمىغان چېغى

  • elpida | 2012.02.19 جاۋاب

    %POST_TITLE% بۇ يەرلىرىنى سىز سۈرەت شەكىلىدە يوللاپتىكەنسىز، كوچۇرۈپ چاپلىيالمىغاچ ئوخشاش ئۇسۇلدا يېزىشقا ئىمكان بولماي قالدى ،

  • بەك ياردىمى بولدى ،رەخمەت

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif