- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا يوق
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، Blogbus

13-يانۋار كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا،نەچچە كۈندىن بىرى blogbus.com ئادرىسىنىڭ تور نامى ساتقان شىركەتنىڭ مۇلازىمەتنى توختىتىۋېتىشىدىن بلوگباس تورىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھالدا نورمال زىيارەت قىلغىلى بولماسلىقدەك ئەھۋالغا خاتىمە بىرىلىپ،بۈگۈندىن باشلاپ نورماللاشقان.بلوگباسنىڭ باشبېتىدە بلوگباس شىركىتى ئاتايىن بايانات چىقىرىپ،ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلار بىلەن نەچچە كۈندىن بىرى سۆھبەتلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى،تور نامىنىڭ قالايمىقانلىشىپ ئاخىرى ئۆزۈلۈش كېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن نورمالسىزلىق پەيدا بولۇپ بلوگباسنى نورمال زىيارەت قىلغىلى بولماسلىقدەك ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە كەڭ ئابونتلارنىڭ مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تۈرلۈك قولايسىزلىقلارغا بولغان ئۆزرىسىنى بىلدۈرگەن.
بىراق،بىزنىڭ كاللىمىزنى قوچۇۋاتقىنى،زادە نىمە سەۋەب بلوگباسنىڭ ئېچىلماسلىقىغا سەۋەب بولدى؟ تورداشلار بۇ ھەقتە تۈرلۈك قىياسلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشقان.
بىرىنچى قىياس: بلوگباس شەھۋانىي-سېرىق مەزمۇنلارغا چېتىلىپ قالدىمۇ؟
بلوگباسدا چاتاق چىققاندىن كىىن بلوگباس شىركىتى بىر بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ باياناتتا مۇنداق دىيىلگەن:<<ئەھۋال ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا،بۇ ئىش ئاللىبۇرۇن بىز تەرەپدىن تازىلىۋەتكەن بىر شەخسىي بلوگنىڭ سەزگۈر مەزمۇنلاردىكى تىما ۋە ئىنكاس يوللىشىدىن چىققان بولىشى ، ئاندىن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاشۇ مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈش يۈزىسىدىن باش بېتىمىزنىڭ IP ئادرىسىنى چەكلىۋەتكەن بولۇش مۇمكىنچىلىكى چوڭ...>> بلوگباس شىركىتى بۇ باياناتتىن كىيىن ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ <<بىز ئالاقىدار تارماقلار بىلەن كۆپ تەرەپمىلىك سۆھبەتلەشدۇق>>دېگەن ھەمدە باشبەت ۋە ئارقا سەپ باشقۇرۇش سۇپىسىنى نورماللاشتۇرغان.
بلوگباسنى ئىشلىتىش كىلىشىمنامىسىدىمۇ تىزىملاتقۇچىلارغا قارىتا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا شەرىتسىز بويسۇنۇپ قانۇنسىز مەزمۇنلاردىكى تىمىلارنى يوللىماسلىقى ئەسكەرتىلگەن.ئېيتىشلارغا قارىغاندا،ئالدىنقى يىلى بلوگباس <<شەھۋانىي-سېرىق>>مەزمۇنلارغا چېتىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن بىرمەزگىل ئېچىلمىغانىدى.
ئىككىنچى قىياس: بلوگباس شىركىتىنىڭ رەسمىيەتلىرى تولۇق ئەمەسمۇ؟
بلوگباسنى زىيارەت قىلغىلى بولمىغاندىن كىيىن نۇرغۇن تورداشلار بەزى توربېكەت ۋە مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە يازما يوللىشىپ ، ئالدىنقى قېتىم تېخى بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن BTCHINA قاتارلىق نوپۇزلۇق توربەتلەرنىڭ ئىشى بىلەن بۇ قېتىملىق بلوگباسنىڭ ئېچىلماسلىقى ئارىسىدا مەلۇم باغلىنىش بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.يەنە بەزى تورداشلار پەرەز قىلىشىپ بەلكىم بلوگباس تېخى ئالاقىدار تارماقلاردىن تور ئىجازەتنامىسىنى بېجىرمىگەن بۇلىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
ئۈچۈنچى قىياس:بلوگباس خاككىرلارنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچرىدىمۇ؟
12-چىسلا،يەنە 12-يانۋار كۈنى ئىلىمىزدىكى داڭلىق ئىزدەش ماتورى بولغان بەيدۇ تورىمۇ خاككىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بىر چۈشتىن بۇرۇن پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى.بەزى تورداشلار بۇ ھەقتە،بەلكىم بۇ ۋەقە بلوگباسنىڭ خاككىرلىنىشىنىڭ داۋامى بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.بىراق،بۇ پىكىرنى كۆپ قىسىم تورداشلار ئىنكار قىلغان.

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [WordPress قىستۇرمىسى] IE-Theme ۋە بۇ ئارقىلىق بىر بلوگدا ئىككى ئۇسلۇب ئىشلىتىش
- [قىززىق نۇقتا] بلوگباسدا يەنە نورمالسىزلىق كۆرۈلدى
- EOT ئادرىسىنى ئۆزگەرتىش يۇمتالىنى چۈشۈرۈڭ
- WordPress ئۇسلۇبىغا ئۆزى بەلگىلىگەن تىزىملىك ئىقتىدارىنى قوشۇش تەدبىرى (6)
- ۋەتەن بلوگى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئۇسلۇب!
- wordpress تا قىستۇرمىسىز كىچىك رەسىم چىقىرىش (11)
- [ھەسرەتلىك خىياللار]ئۇيغۇر توربېكەتلىرىنى ئەسلەيمەن…
- [WordPress قىستۇرمىسى] IE-Theme ۋە بۇ ئارقىلىق بىر بلوگدا ئىككى ئۇسلۇب ئىشلىتىش
- Web فونتى(خەت نۇسخىسى) چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە ھەرقايسى جاھاننامىلەردىكى سىغىشچانلىقى ھەققىدە بايان(تەرجىمە)
- ھەقسىز تور دىسكىسى DBank
- تور بېكەتنىڭ باشقىلارنى جەلپ قىلالماسلىقىدىكى يەتتە سەۋەب< (2)
- بلوگ سېستىمىسى] emlog 3.5.2 نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى تارقىتىلدى