WordPress ھەققىدە يىللىق خۇلاسە

21-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى تۇنجى ئون يىلى ئاياغلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا،بۇ يەردە بىز WordPressنىڭ ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئۇتۇقلىرىنى خۇلاسىلەپ ئۆتەيلۇق.


WWW دۇنياسىدىكى WordPress

Alexaدە ئالدىنقى بىرمىليون قاتاردىكى توربېكەتلەر ئىچىدە،تەخمىنەن 22.5% توربېكەتلەر CMSلىق بېكەتلەر بولۇپ،مۇشۇ بېكەتلەردىن WordPress ئىشلەتكەنلەر 55.3%نى ئىگەللىگەن،Joomla ئىشلەتكەنلەر بولسا 10.8،Drupal ئىشلەتكەنلەر6.3%،Blogger ئىشلەتكەنلەر بولسا 2.7%.ئېشىپ قالغانلىرى باشقا CMSسېستىمىلىرىنى ئىشلەتمەكتىكەن.

WordPress مەستانىلىرى ھەققىدە ئىستاتىكا

2010-يىلى 9-ئايغىچە قەدەر،پۈتكۈل دۇنيادا 27 مىليوندىن ئارتۇق بلوگگېرلار WordPress ئارقىلىق يازما يوللىشىدىغان بولۇپ،بۇلاردىن 13مىليون توققۇزيۈزمىڭ كىشى wordpress.comنىڭ بلوگىنى ئىشلىتىشكەن،13مىليون سەككىزيۈزمىڭ كىشى بولسا WordPressسېستىمىنى ئورنىتىپ ئىشلىتىشكەن.

(يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلار WordPress.com دىكى بلوگلار ئاساسىدا ئېلىنغان)

WordPressنەشىرى

نۆۋەتتە، WordPress سېستىمىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلار ئىچىدە،جەمئىي 42.9% كىشى WordPressنىڭ  3.x نەشىرىدىكى نۇسخىلىرىنى،57%كىشى بولسا 2.xنەشىرىدىكى نۇسخىلىرىنى ئىشلەتمەكتە ئىكەن.ئۇنىڭدىن باشقا،يەنە 0.1% كىشى ھېلىھەم 1.x نەشىرىدە چۈرگىلەپ يۈرۈشكەن،بۇ قانداق ئىنقىلابىي روھكىنا…

WordPressگە دائىر تىللار

نۆۋەتتە،WordPress 120دىن ئارتۇق تىللاردا قوللىنىۋاتقان بولۇپ،ئەڭ كۆپ قوللىنىۋاتقان بەش تىل بولسا:ئىنگىلىز تىلى(66%)،ئىسپان تىلى(8.7%)،پورتۇگال تىلى(6.5%)،ھىندونىزىيە تىلى(3.5%)،ئىتالىيان تىلى(2%) بولۇپ،ئاندىن قالسا گېرمان تىلى،تۈرك تىلى،فىرانسۇز تىلى،ئورۇس تىلى،ۋېيىتنام تىلى ۋە سىۋىد تىلى ئىكەن.

WordPress مەستانىلىرىنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتى

WordPress مەستانىلىرى ھەركۈنى ئوتتۇرا  تەخمىنەن 350،000 پارچە يازما،400،000 پارچە ئىنكاس يوللايدىكەن.

WordPressگە دائىر سانلىق مەلۇمات

2010-يىلى 11-ئايغا قەدەر،WordPress 3.0نىڭ چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى 23211650گە يەتكەن بولۇپ،نۆۋەتتە بار بولغان قىستۇرما 12000دىن ئارتۇق،ئۇسلۇبلار 1285 دىن(ئۇيغۇربەگدىن:بەلكىم،بۇيەردىكى ئۇسلۇبلار WordPressنىڭ ئورگان ئۇسلۇبلىرىنى كۆرسەتسە كېرەك) ئاشقان.

(10-ئايدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا بۇ ئايدا بۇ سانلىق مەلۇماتلار كۆرۈنەرلىك ئاشقان.)

WordPress نىڭ Google مىڭ كۈچلۈك بېكەتلەردىكى ئىپادىسى

Google باھالاپ چىققان ئېنتېرنېتتىكى زىيارەت سانى ئەڭ كۆپ مىڭ توربېكەتلەر ئىچىدە،2010-يىلى 9-ئايدا WordPress.comنىڭ مۇستەقىل زىيارەتچىلىرى 96 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ،زىيارەت ئېقىمى بىر مىليارد يۈز مىليوندىن ئاشقان.بۇ مىڭ بېكەتلەر ئىچىدە،WordPress.com 15-ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ،بلوگ مۇلازىمىتى تۈرىدىكى بېكەتلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif