‹‹تېررورلۇققا قارشى 24 سائەت››نىڭ بەشىنچى بۆلۈمىنى كۆرۈپ تۈگەتتىم…

24ssatlik urux
تەتىلدىن بۇيان،بارلىق دىققىتىم بىلەن كۆرۈۋاتقان ئامېرىكا كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ‹‹تېررورلۇققا قارشى 24 سائەت››نىڭ بەشىنچى بۆلۈمىنى شۇنداق قىلىپ تۈگەتتىم،مېڭەمدە ھېلىھەم ئالدىنقى بۆلۈملەردىكى تونۇش ھەمدە مەن ئامراق بولۇپ قالغان مۇھىم پېرسوناژلارنىڭ ئۆلۈمى شۇنداقلا باش پېرسوناژ Jack Bauer نىڭ ئىدراك ئارقىلىق رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىش جەريانلىرى قايتىلانماقتا ئىدى...فىلىمنىڭ تۇنجى قىسمىدىلا،ئالدىنقى بۆلۈملەردە ئۆزىنىڭ ناتىقلىقى شۇنداقلا  قابىلىيىتى ئارقىلىق ھەربىر كۆرۈرمەنلەرگە چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرغان قارا تەنلىك پرىزدېنىت پامۇل قەستكە ئۇچرايدۇ،باش پېرسوناژ جەكنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرى شۇنداقلا ئالدىنقى بۆلۈم(4-بۆلۈم)دە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ،ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان تېررورلۇققا قارشى گوروپپىسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن michelle dessler ۋە tony almeidaلەرمۇ قەستكە ئۇچراپ،جەككە بىردىنبىر شاھىد بولۇپ قالغان chloeلا جەكنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ سۇيىقەستتىن ئامان قالىدۇ.تۈرلۈك بىشارەتلەردىن تېررورلۇققا قارشى گوروپپىسى بۇ سۇيىقەستلەرنى جەك بىلەن باغلاپ،جەكنى تۇتۇش ھەرىكىتىنى باشلايدۇ،جەك بولسا دوستى chloe قاتارلىقلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بۇ سۇيىقەستلەرنىڭ پلانلىغۇچىسىنى تېپىش مۈشكۈل سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن،بىريېرىم يىلدىن بىرى يۇشۇرۇنۇپ يۈرگەن جەكنىڭ يېڭى بىر كۈنى-رەزىللىكنى قوغداپ ھەققانىيەت ۋە ئادىللىق ئۈچۈن جەڭ قىلىدىغان بىركۈنى باشلىنىدۇ.

بۇ كۈنى،دەل ئامېرىكا پرىزدېنىتى بىلەن رۇسىيە پرىزدېنىتى تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر كىلىشىم ئىمزالاشماقچى بولغان بولۇپ،رۇسىيە چىگرىسىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر باركۈچى بىلەن بۇ كىلىشىمگە قارشى ھەرىكەت شۇغۇللىنىدۇ ھەمدە مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ئامېرىكىنىڭ يۇشۇرۇپ قويغان زەھەرلىك گازىنى قولغا چۈشۈرۈپ پرېزدىنىت چارلىسقا تەھتىد سالىدۇ ھەمدە بىر نەچچە جايدا گازنى قۇيۇۋېتىدۇ.‹‹قېيىن ئەھۋالدا قالغان››ئامېرىكا پرىزدېنىتى ھەتتا رۇسىيە پرېزدىنىتىنىڭ لېنىيەسىنى تېررورچىلارغا تاشلاپ بېرىپ تېررورچىلارنىڭ پرېزدىنىت ماشىنىسىغا ھۇجۇم قىلىشىغا پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ .لوس-ئانجىلىس  تېررورلۇققا قارشى گوروپپىسى جەكنىڭ ياردىمى ئاستىدا بۇ تېررورچىلارنىڭ ئارقىسىدا ئاق ساراينىڭ قارا قولىنىڭ بارلىقىنى بايقاپ قېلىشىدۇ،شۇنىڭ بىلەن،ئاق سارايدىكى كۈچلەر بىلەن تېررورلۇققا قارشى گوروپپىسى ئوتتۇرىسىدا يۇشۇرۇن كۈرەشلەر بولۇپ،فىلىمنىڭ كۆرۈشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

بۇ بۆلۈمدە،ئامېرىكا پرىزدېنىتى باش قول بولۇپ،لوس-ئانجىلىسدا يۈزبەرگەن بىرقاتار ۋەقەلەرنى پلانلىغان بولۇپ،ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئىمتىيازى ئارقىلىق بۇ ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قۇتۇلماقچى بولۇپ،بارلىق رەزىل ۋاستىلەرنى قوللىنىشدىن يانمايدۇ.فىلىمدىكى ئاق سارايدىكى بەزى ئەمەلدارلارنىڭ زىيادە چىرىكلىشىشى كىشىنى چۆچۈتسە،ئەمما،دۆلەت بىخەتەرلىكى شۇنداقلا تېررورلۇققا قارشى گوروپپىسىدىكى ئەزالارنىڭ قاتتىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ھەربىر كۆرۈرمەننى ھاياجانغا سالماي قالمايدۇ.ھەتتا،تېررورلۇققا قارشى گوروپپىسى زەھەرلىك گاز ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كىيىنمۇ،گوروپپا ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنى يۇقۇتۇپ قويماي نىشانلىرى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشى كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ.ئەڭ مۇھىم يىرى شۇكى،تېررلۇققا قارشى گوروپپىسى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئالمىشىش جەريانى بولۇپ،بۇ جەريانلاردىكى ئىدىيە توقۇنۇشلىرىنىڭ ھەممىسى ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈنلا ئىدى.

بۇ بۆلۈمدە،باش پېرسوناژ جەكنىڭ خاراكتىرىدە ئازراق يېڭىلىنىش بولىدۇ،ئالدىنقى بۆلۈملىرىدە،ۋەزىپە ئۈچۈن ھەممىنى قىلىشدىن ۋاز كەچمەيدىغان،ھەتتا قىزىنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ قولىنى چېپىۋېتىشدىن يانمىغان جەك بۇ قېتىم دۈشمەنلىرىنى سوراق قىلىشدىمۇ،ئالدىنقى بۆلۈملىرىدە ئوخشىمايدىغان ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ،ئەمما،ئۇنىڭ ئىشلارغا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ھېلىھەم ناھايىتى جايىدا بولۇپ،بۇ بۆلۈمدىكى بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق بىرتەرەپ قىلىنىشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئالدىنقى تۆت بۆلۈمگە سېلىشتۇرغاندا،بۇ بۆلۈمنىڭ ئەڭ ئۇتۇقلۇق بولغان يىرى شۇكى،بۇ قېتىملىق تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قوش لېنىيەدە-يەنى،رۇس بۆلگۈنچى كۈچلىرى بىلەن پرىزدېنىتغا قارشى لېنىيەسىدا داۋام ئېتىشى بولۇپ،مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرگىنى ئالدىنقى بۆلۈملەردىكى قەھرىمانلار-سابىق پرىزدېنىت پامۇل،تېررورلۇققا قارشى گوروپپىسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن michelle dessler ، tony almeida ۋە edgar لەرنىڭ بىراقلا ئۆلۈپ كېتىشى بولدى،ئەمما مېنى يەنە قىزىقتۇرغىنى،فىلىم تۈگەنچىسىدە،جەكنىڭ جۇڭگو دېپلوماتى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىشى بولدى،دېمەك،ئالتىنچى بۆلۈمىدە يەنە بىر تاماشا بار دېگەن گەپ،قېنى،ئەمدى شۇ ئالتىنچى بۆلۈمىنى كۆرۈشكە تەييارلىق قىلاي.

‹‹تېررورلۇققا قارشى 24 سائەت›› ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش:
مەزكۇر فىلىم ئامېرىكا Fox Film Corporation تەرىپىدىن تارقىتىلغان،لوس-ئانجىلىس تېررورلۇققا قارشى گوروپپىسىنىڭ بىرقاتار تېررورلۇققا قارشى كۈرەشلىرى باش تېما قىلىنغان  كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتېرى .نۆۋەتتە جەمئىي سەككىز بۆلۈم،ھەربىر بۆلۈمى 24 قىسىم،بىر قىسمدا بىر سائەتلىك جەريان سۆزلىنىدۇ.



无觅相关文章插件,快速提升流量


11 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • 24سائەت 5 بۆلۈمدىمۇ تۈگىمىدى؟
    يا ئاللا ، بۇرۇن شۇنداق ئامراقتىم مۇشۇ قىسىملىق كىنو دىگەنگە، ئېزىقىش نى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن تازا قىزىقماس بولدۇم. كىنو دىگەن ئاز بولسا بىر قىسىمدا تۈگىسە ياخشى بولىدىكەن جۇمۇسلا…

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.26

      ھاھا،شۇ تۈگىمىدى دىسىلە،ئەمدى قالغان ئۈچ بۆلۈمىنى كۆرۈپ بولغۇچە تەتىل تۇشۇپ كەتتى،ئامال يوق،بۇ مەۋسۇمدىن كىيىن قىشلىق تەتىلدە كۆرىدىغان ئوخشايمەن ئەمدى… :mrgreen:

  • ئىلھام | 2010.08.26 جاۋاب

    كېنو تۈرمىدىن قېچىشمۇ تۈگىمەيدىكەن بۇلارمۇ تۈگىمەيدۇ ،كېنوكۈرۈپ ،رېزىسورلار يامانكەن مۇشۇنداق ئويلىيالىغاندىكىن
    :-o

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.26

      شۇنداق تۈگىمەيدىغان كېنولارغا خۇمار بوپ قالىدىغىنىمىز قىززىق ھە!…

  • 1-بۆلۈمىنى XJTV دا ئۇيغۇرچىسىنى كۆرۈۋەتكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن كۆرۈش خوشياقمىدى. Lost نى تولۇق قوغلاپتىمەن، ھازىر Lie To Me نى قوغلاۋاتىمەن. يېڭى ھولمېستىن بىر قىسىم كۆرۈپ باقتىم، يامان ئەمەستەك تۇرىدۇ. :?:

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.27

      پاھ،بۇ فىلىم تېخى ئۇيغۇرچە قانالدا قويۇلغانما؟ زاماننىڭ كەينىدە قاپتىمەن جۇمۇ زادى!…
      خىيالىمدا،بۇ 24-سائەتلىك فىلىملەردىن يېنىپ تۈرمىدىن قېچىشقا ئاتلىناي دەپ تۇرسام،سىز تىلغا ئالغان ئاۋۇ يېڭى ھولمىس كىشىنى جەلىب قىلىپ تۇرۇۋالدى،ھەي…

  • ھەي ماۋۇ مەندەك كارتون فېلىم مەستانىسىگە بىرەر ياخشى فېلىم تەۋسىيە قىلامسىلەر :lol:

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.27

      ھە،بولىدۇ بولىدۇ،شىر پادىشاھ،خىيمەن،ئۆمۈچۈك پالۋان…

  • ئەقلىم | 2010.09.2 جاۋاب

    سەككىز بۆلۈم ئۇياندىن چىقىپ بولغۇچە بۇ ياندىن كېچىچە نان چىشلەپ ئولتۇرۇپ،ئۇخلىماي دىگەندەك كۆرۋەتكەن.ئۇيغۇرچىسىنى بەك ناچار تەرجىمە قىلىپتۇ.مەن ياقتۇردىغان ئەڭ ياخشى فىلىم.ئەسلىدە تۇققۇز بۆلۈمگە توختام تۈزۈشكەن.ئەمدى چىقىدىغان فىلىم بىر يېرىم سائەت ئەتىراپىدىكى جېكنىڭ روسىيەلىكلەرنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قېچىپ ياۋروپادا ئېلىپ بارغان جەڭلىرىنى بايان قىلىدىغان ئوخشايدۇ.شۇنى تۆت كۆز بىلەن ساقلاۋاتىمەن.

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.09.2

      سەككىزىنچى بۆلۈم بىلەن بۇ بىر يۈرۈش فىلىم خاتىمە قىلىندى دىگەنىدىغۇ؟

  • بۇ كىنو تاتمامدا توپا بىسىپ ياتقىلى ئۇزۇن بولدى بىر كۆرۇپ باقسام بولغۇدەك ھە

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif