- سەھىپە:IE تېخنىكىسى
- | باھا:2
- | زىيارەت: 768 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، ئۇسلۇب, بلوگبۇس, پرېستان
سىلەر بۇ بىر پارچە يازمىنى كۆرۈۋاتقان چاغدا، مەن تېخى بايىلا ئىنتايىن قايغۇلۇق بىر بايانات ئېلان قىلدىم، گەرچە مېنىڭ قەتئىي مەيلىم بولمىسىمۇ ۋە ياكى تورداشلار مەزكۇر ئۇسلۇبدىن ۋاز كېچىشكە قەتئىي چىدىمىسىمۇ،بۇ جاكارنامىنى تەنتەنىلىك ئېلان قىلمىسام بولمايدۇ: بلوگباس Prestan ئۇسلۇبىدا مەسىلە كۆرۈلدى(بەلكىم ۋاقىتلىقتۇ)!
مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى
مەن بلوگبۇس بىلەن تونۇشقاندىن تارتىپ تا ھازىرقەدەر بلوگبۇستا ئىزچىل چاتاق چىقىپ كېلىۋاتىدۇ. بىردەم يازغان ماقالە يوق، بىر دەم ئىنكاس يوق، بىردەم بلوگ ئېچىلمايۋاتقان، بىردەم يېپىلماي، بىردە سۈرەت ئاستا، بىردەم ئىتتىك. ئەمدىلىكتە 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن بۇرۇن بلوگېرلار يوللىغان رەسىملەر يوق! prestan ئۇسلۇبىنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىك ھادىسىسىنىڭ سەۋەبى بولسا،مەزكۇر ئۇسلۇب-يەنى prestan ئۇسلۇبىدا ئىشلىتىلگەن رەسىملەر بلوگبۇسنىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن ھۆججەت بوشلۇقىغا يوللانغان بولۇپ،ئۇسلۇب ھۆججىتى بولمىش css ئىچىدىكى سۆرەت ئۇلانما ئادرىسى دەل بلوگبۇسنىڭ ھۆججەت ئادرىسلىرى ئىدى. بۇنىڭغا بلوگبۇستى ھاجىملار تۆۋەندىكىدەك چۈشەنچە بېرىپتۇ.
سۆرەتتە:بلوگبۇس شىركىتىدىكىلەرنىڭ مەزكۇر يوقۇتۇشقا بەرگەن ئىنكاسى
مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى
بۇ قېتىملىق ‹‹چوڭ يوقىتىش››دا بلوگبۇسنىڭ مۇلازىمىتىرىدىكى نۇرغۇن سۆرەت ھۆججەتلىرى،جۈملىدىن Prestan ئۇسلۇبىنى تەشكىل تاپقۇچى مۇھىم سۆرەت ھۆججەتلىرىمۇ يۇيۇلۇپ كەتكەن.ئەينى چاغدا،مەن مەزكۇر بوشلۇققا قاتتىق ئىشەنچ باغلاپ،ئۇ ھۆججەتلەرنى زاپاس ساقلاپ قويمىغاچقا،رەسىملەرنى قايتۇرۇپ ئەپكەلگىلى بولمىدى.ھازىر بارلىق ئۈمىد-بلوگبۇسدىكى ئاتارمەن-چاپارمەنلەرنىڭ يۇقالغان ھۆججەتلەرنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىرىش قىزغىنلىقىدا قالدى.
ئۇسلۇبدا كۆرۈلگەن مەسىلىنى نۆۋەتتە ھەل قىلىشقا چارىسىزمىز.ھەل قىلىش چارىسى تېپىلغان ھامان،مەزكۇر يازمىدا تولۇقلىنىپ ئېلان قىلىنىدۇ.شۇڭا،كەڭ بلوگگېر دوستلارنىڭ كەڭ-قورساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- پرېستان نەگە كەتتى؟ (11)
- [WordPress دەرسلىكى] يىراق مۇساپىلىق بوشلۇقتا WordPress سېستىمىسىنى قاچىلاش(سىنلىق)
- بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (1-باب: قىستۇرمىلار بىلەن جەڭگە تەييارلىنىش) (9)
- WordPressدىكى بلوگىمىزغا «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» ئىقتىدارىنى قوشۇشنىڭ تەدبىرى (14)
- ۋەتەن بلوگى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئۇسلۇب!
- [تەۋسىيە يۇمتال]توربەتچىلەرنىڭ ياخشى قورالى-FlashFXP
- مېدىيا فورماتلىرىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش قورالى Format Factory