[تەۋسىيە يۇمتال]توربەتچىلەرنىڭ ياخشى قورالى-FlashFXP

flashfxp

توربەت ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان،شۇنداقلا مۇستەقىل بلوگ ئىشلىتىپ يۈرگەن تورداشلار ئۈچۈن،بوشلۇققا دائىم ھۆججەت يوللاش ياكى بوشلۇقدىن زاپاسلاپ ئېلىپ بېرىش كۈندىلىك نورمال ئىشلارنىڭ بىرى.بوشلۇققا ھۆججەت يوللاش ئۈچۈن،ئەلۋەتتە،ياخشى بولغان FTP قورالىنى تاللاش ناھايىتى زۆرۈر بىر ئىش.بۈگۈن تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدىغان FTP قورالى-FlashFXP نۆۋەتتە كۆپ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە سازاۋەر بولغان مۇنەۋۋەر بىر تور قورالى.

FlashFXP ھەققىدە

FlashFXP بولسا ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان FXP/FTP قورالى بولۇپ،باشقا FTP يۇمتاللىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.مەسىلەن،CuteFTPگە ئوخشاش ھۆججەت قىسقۇچلارنى پەرقلەندۈرۈش؛BpFTPگە ئوخشاش كۆپ ھۆججەت قىسقۇچلاردىكى ھۆججەتلەرنى تاللاش؛LeapFTPگە ئوخشاش پەيزى كۆرۈنۈش قاتارلىقلار.

flashfxp4_conew1

Windows 7 ئابونتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ،يېڭى نەشىردىكى FlashFXP يۇمتالنىڭ كۆرۈنۈش جەھەتتە يۈكسىلىش بولغان بولۇپ،Win7 پاسونىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان،ئۇنىڭدىن باشقا FTP يوللاش جەريانى Win7دىكى ۋەزىپە ئىستونىدا كۆرسىتىلىدىغان بولغان.

ئۇنىڭدىن باشقا،FlashFXP 4.0 يالغۇز سىرىتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىنلا يۈكسەلگەن بولماستىن،يەنە ھۆججەت يوللاش جەھەتتىكى ئىقتىدارىمۇ كېڭەيگەن بولۇپ،ھۆججەت يوللاش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان،ھۆججەت يوللاش جەريانى تېخىمۇ مۇقىملاشقان.ئىشىنىمىزكى،Win7 مۇھىتىدا مەشخۇلات قىلىۋاتقان توربەتچىلىرىمىزگە يېڭى نەشىردىكى بۇ FTP قورالى ئاقىلانە تاللاش بولۇپ ھىسابلانغۇسى.

FlashFXP 4.0 چۈشۈرۈش

FlashFXP ئورگان بېتى:http://www.flashfxp.com/

FlashFXP نەشىرى:4.0.0 Build 1513 Final

ھۆججەت نامى: FlashFXP 4.0 ھۆججەت سىغىمى: 2.24 MB
MDB تەستىقى:نامەلۇم ۋىروسخورنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن!
يۈك مەنزىلى:بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ [چاقماق(迅雷)نى ئىشلىتىپ چۈشۈرۈڭ]

◎تۇرايىمىزدىكى يۇمتاللارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىلغان،سودا خاراكتىرىدە پايدىلىنىش مەنئىي قىلىنىدۇ.

◎نەشىر ھوقۇقۇمغا دەغلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز،شۇ ھامان ئىنكاس قىلىڭ،24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرىمىز.



无觅相关文章插件,快速提升流量


باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif