[تەۋسىيە يۇمتال]Notepad++ ھەقسىز،ئۇچۇق كودلۇق تەھرىرلەش قورالى

NotepadaddNotepad++ بولسا Windows مۇھىتىدىكى ھەقسىز ئۇچۇق كودلۇق تەھرىرلەش قورالى بولۇپ،كود يۇرۇتۇش،كۆپ كۆزنەكلىك مەشخۇلات قىلىشنى قوللايدۇ،ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن تەھرىرلىمەكچى بولغان پروگرامما تىلىنى تاللاپ ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپ،كود بىلەن ھەپىلىشىدىغان كىشىلەر،بولۇپمۇ بلوگداش دوستلارغا نىسبەتەن ئاقىلانىلىق تاللاش قورالى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

Notepad++ ئىقتىدارلىرى

1.27 خىل پروگرامما تىلىنى شۇنداقلا بۇ تىللاردىكى كۆپ ئۇچرايدىغان،مۇھىم كودلارنى يۇرۇتۇشنى قوللايدۇ،شۇنداقلا،ئۆزلىرىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن تەھرىرلىمەكچى بولغان پروگرامما تىلىنى تاللاپ ئىشلىتەلەيدۇ.nfo ھۆججىتى تەھرىرلەشنى قوللايدۇ.

2.تەھرىرلەنمەكچى بولغان ھۆججەتنىڭ شەكلى(فورماتى)نى ئۆزلۈكىدىن تەكشۈرۈپ چىقالايدىغان بولۇپ،ھالقىلىق سۆزلەر ئارقىلىق كودلارنىڭ ئۇلىنىش نۇقتىسىنى تېپىپ بىرەلەيدۇ ھەمدە بۇ نۇقتىلارنى قاتلام بۇيىچە كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ.

3.ئىككى تەھرىرلەش كۆزنىكى ئېچىشقا بولىدۇ، شۇنداقلا ئېچىلغان بۇ ئىككى كۆزنەكتە باشقا كىچىك بالا كۆزنەكلەرنى ئاچقىلى بولىدۇ،ئاندىن F11 كونۇپكىسى ئارقىلىق پۈتۈن ئىكرانلىق ھالەتكە ئەپكەلگىلى ياكى بۇ ھالەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشەشكە بولىدۇ.

4.كودلاردىكى خەت سانىنى ساناپ بىرەلەيدۇ.

نۆۋەتتە،ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدا تارقىتىلىپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى ئۇسلۇبلار دەل مۇشۇ قورال ئارقىلىق تەھرىرلەش،بىزەش ئېلىپ بىرىلىۋاتىدۇ.بۇ قورال كود بىلەن ھەپىلىشىدىغان كىشىلەر،بولۇپمۇ بلوگداش دوستلارغا نىسبەتەن ئاقىلانىلىق تاللاش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

notepad

قوللايدىغان پروگرامما تىل ھۆججەتلىرى

C C++ Java C# XML HTML PHP CSS makefile ASCII(.nfo) doxygen ini    Javascript ASP VB/VBS SQL Objective-C RC  Pascal Perl Python Lua TeX TCL  Ruby Lisp Scheme Properties Diff Smalltalk Postscript VHDL Ada Caml AutoIt KiXtart Matlab Verilog Haskell InnoSetup CMake

Notepad++ چۈشۈرۈش

Notepad++ ئورگان بېتى:http://notepad-plus.sourceforge.net/

Notepad++ نەشىرى:5.8.6 كۆپ تىللىق يېشىل نەشىرى

ھۆججەت نامى: Notepad++ ھۆججەت سىغىمى: 3.25 MB
MDB تەستىقى:نامەلۇم ۋىروسخورنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن!
يۈك مەنزىلى:بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ [چاقماق(迅雷)نى ئىشلىتىپ چۈشۈرۈڭ]

◎تۇرايىمىزدىكى يۇمتاللارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىلغان،سودا خاراكتىرىدە پايدىلىنىش مەنئىي قىلىنىدۇ. ◎نەشىر ھوقۇقۇمغا دەغلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز،شۇ ھامان ئىنكاس قىلىڭ،24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرىمىز.


باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif