- سەھىپە:WP تېخنىكىسى
- | باھا:15
- | زىيارەت: 2,480 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، Flash, movie, Wordpress
ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر زامانلاردا WordPressگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان مەزگىللەردە(ئۇ چاغلاردا WordPressنىڭ 3.0 نەشىرى تۈگۈل ئارقا بېتىنى ئۇيغۇرچە كۆرسۈتۈش ئۈچۈن چارە تاپىدىغان زامانلارنى كۆزدە تۇتتۇم) ئارقا سۇپىدىكى يازما يوللاش كۆزنىكىدە بىر كونۇپكا بارتى، فىلەش ۋە ناخشا-مۇزىكىلارنى قىستۇرۇش شۇنداق ئەپلىكتى، كېيىن نېمە سەۋەبلەر بولدى ياكى WordPressنىڭ قايسى نەشىرلىرىدىن باشلاپ يوق بولدى، ياكى ھازىرقى نەشىرىدە ئۇنداق جاينى تاپالمىدىممۇ، ناخشا-مۇزىكا قىستۇردىغان جاينى تاپالمايلا قالدىم، ھەي دېدىم، ئامال يوق بۈگۈنكى «Wordpressدە يازمىلارغا فىلەش ۋە مۇزىكىلارنى كود ئارقىلىق قىستۇرۇشنىڭ تەدبىرى»نى يېزىپ چىقتىم، ئەلۋەتتە، باشقا تەدبىرلەرمۇ بار، ئۇلارنى كېيىنكى قېتىملىق يازمىلىرىمىزدا سۆزلەپ ئۆتكۈسىمىز، بۈگۈنكى بۇ ئاددىي ئۇسۇلنى ئۆگىنىپ تۇرايلى، پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس…
يازمىغا فىلەش ھۆججىتى قوشۇش ئۇسۇلى
يازما تەھرىرلىگۈچىگە كىرگەندىن كېيىن، html تەھرىرلەش ھالىتىگە ئۆتۈپ تۆۋەندىكى htmlكودىنى قوشۇڭ:
pluginspage=”http://www.macromedia.com/go/getflashplayer”>
ئىزاھات : كوددىكى FLASH ھۆججىتىنىڭ ئادرېسى دېگەن كودنى سىز قىستۇرماقچى بولغان فىلەش ھۆججىتىنىڭ مۇقىم ۋە توغرا ئادرېسىغا ئالماشتۇرۇۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
يازمىغا ناخشا-مۇزىكا قوشۇش ئۇسۇلى
يازما تەھرىرلىگۈچىگە كىرگەندىن كېيىن، html تەھرىرلەش ھالىتىگە ئۆتۈپ تۆۋەندىكى htmlكودىنى قوشۇڭ:
maxwidth=”500″ src=”ناخشا-مۇزىكا ھۆججىتىنىڭ توغرا ئادرېسى“>
ئىزاھات : كوددىكى ناخشا-مۇزىكا ھۆججىتىنىڭ توغرا ئادرېسى دېگەن كودنى سىز قىستۇرماقچى بولغان ناخشا0مۇزىكا ھۆججىتىنىڭ مۇقىم ۋە توغرا ئادرېسىغا ئالماشتۇرۇۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
كوددىكى بىر قانچە پارامىتىرلار ھەققىدە چۈشەنچە :
autostart : ناخشا ئۆزلىكىدىن قۇيۇلامدۇ، true بولسا ئۆزلىكىدىن قۇيۇلسۇن، false بولسا ئۆزلۈكىدىن قۇيۇلمايدۇ
loop : ناخشا قايتىلىنىپ تۇرامدۇ، true بولسا قايتىلىنىپ قويۇلسۇن، false بولسا بىر قېتىملا قۇيۇلسۇن، ئەلۋەتتە، ئۆزىمىز سان بەلگىلىسەكمۇ بولىدۇ، مەسىلەن : 2 بولسا ئىككى قېتىم قايتىلىنىپ قۇيۇلسۇن. 4 بولسا 4 قېتىم قايتىلىنىپ قويۇلسۇن دېگەندەك
width : قويغۇچنىڭ كەڭلىكى، نورمالدا يازما بېتىڭىزدىكى مەزمۇن ئورنىنىڭ كەڭلىكىدىن ئېشىپ كەتمىسىلا بولىدۇ
height : قويغۇچنىڭ ئىگىزلىكى، نورمالدا سىن ھۆججەتلىرىگە قاراپ بەرسەك بولىدۇ، ئۈن ھۆججەتلىرى بولسا بۇنىڭ قىممىتىنى بەك چوڭ بىرىۋەتمىسەكمۇ بولىدۇ
hidden : قويغۇچنىڭ يۇشۇرامدۇ، trueبولسا يۇشۇرۇن ھالەتتە بولىدۇ، false بولسا ئاشكارا ھالەتتە بولىدۇ
quality=high بولسا ئۈن-سىن ھۆججىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
خوش، سىناپ بېقىڭ، بلوگىڭىزدىكى يازمىلارغا يۇقارقى تەدبىرلەر ئىشلىدىمۇ يوق!…
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- بلوگگېرنىڭ باشقىلارنى بىزار قىلىدىغان 6 ئادىتى (11)
- [تەۋسىيە] چەتئەلدىكى 7 كۈچلۈك ئۇچۇق كودلۇق مۇنبەر سېستىمىلىرىنى تونۇشتۇرۇش
- PHPSay مىكروبلوگ سېستىمىسى بىلەن ئېتىشىپ كۆرگۈلۇق!…
- [تەرجىمە دەرسلىكى] WordPress مۇھىتى ھازىرلاش
- [WordPress دەرسلىكى] ئاكتىپ ئىنكاسچى تېمى قوپۇرۇش تېخنىكىسى(سىنلىق) (1)
- ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى ئەپسۇسلۇق ۋە ئەلەم ئىچىدە ئەسلىگە كەلدى! (51)
- مېدىيا فورماتلىرىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش قورالى Format Factory