ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان قىستۇرما: Recent Comments with Avatars

bax2_conew1

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى باش سۆرەتلىك ئىنكاس رايونىنى WordPress قىستۇرمىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ،بۈگۈن ئاشۇ قىستۇرمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىپ تارقىتىش ئالدىدا تۇرماقتىمەن.بەلكىم،مۇشۇنداق ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىشنى ئويلاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا نەپ تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
قىستۇرما نامى: Recent Comments with Avatars (باش سۆرەتلىك يېقىنقى ئىنكاسلار)
قىستۇرما ئاپتورى:Peter Sterling
ئاپتور ۋە ئۇسلۇبقا ئالاقىدار مەنزىل: http://wordpress.org/extend/plugins/profile/peterwsterling
ئۆزلەشتۈرگۈچى:ئۇيغۇربەگ
سىناق قىلىنغان ۋاقتى:2010-08-01
سىناق قىلىنغان تور كۆرگۈچ:  Firefox,IE6,IE7,IE8,Safari,Opera,世界之窗,360游览器
سىناق قىلىنغان سېستىما نەشىرى: WordPress 2.8.9

قىستۇرما ئىقتىدارلىرى ھەققىدە:
■ ئىنكاس قالدۇرۇلغان يازمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
■ ئىنكاس سانىنى بەلگىلىيەلەيسىز(ئەڭ يۇقىرى چەك 15 پارچە )
■ ئىنكاس ئاپتورىنىڭ نامىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ.
■ باش سۆرەت (Avatar)نى كۆرسۈتۈپ بېرىش تاللىشى بار.
■ باش سۆرەت چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشەش تاللىشى بار.
■ ئىنكاس ئاپتورى توربېتىنى يېڭى كۆزنەكدە ئېچىش تاللىشى بار.
■ ئىنكاس ۋاقتىنى كۆرسۈتۈش تاللىشى بار.
■ ئىنكاس ۋاقتى شەكلىنى تاللاش مەشخۇلاتى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.
■ چىقىرىلغان ۋاقت خېتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.
■ ئىنكاسدىن ئۈزۈندە بىرىش تاللىشى بار.
■ ئىنكاسدا چىراي ئىپادىسىنى كۆرسۈتۈش تاللىشى بار.
■ ئىنكاسدا دۆلەتلەرنىڭ بايرىقىنى كۆرسۈتۈش تاللىشى بار(ئەمما،بۇ ئىقتىدار ئۈچۈن MySQL سانداننى تەڭشەش لازىم بولىدۇ)
■ ئالدى-ئارقى بەتلەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلاشقان،ئىشلىتىشىڭىزغا ئەپلىك.
كۆرۈش مەنزىلى: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى
كۆرگەزمە رەسىمى :

asdgfdg

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
قىستۇرمىنى چۈشۈرۈپ،پرىسدىن يەشكەندىن كىيىن،بوشلۇققا يوللاپ،بلوگ ئارقا سۇپىسىدىن ئاكتىپلاش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن،كىچىك قوراللار دىگەن يەردىن تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش داۋامىدا خاتالىق كۆرۈلگەن بولىشى مۇمكىن،شۇڭا،خاتالىقنى بايقىغان ھامان بىزگە خەۋەر قىلارسىز.ناۋادا چۈشەنمىگەن جايلىرىڭىز بولسا،قىستۇرما تارقىتىش مەركىزىدىكى ئەسلىي ماتىرىياللارنى كۆرۈپ چىققايسىز.
مەنزىل: http://wordpress.org/extend/plugins/recent-comments-with-avatars/


10 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئەسسالام ئۇيغۇر بەگ!
    مەزكۇر ئىقتىدار WordPress نىڭ ئۆزىدىمۇ تەمىنلەنگەن، ئايرىم قىستۇرما ئىشلىتىش ھاجەتسىز ئىدى.
    سىزگە تەكلىپ: بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبىنى ئاساسلىق توركۆرگۈلەر، IE6/7/8 ھەممىسىگە تولۇق تەڭشەپ چىقسىڭىز، ھازىرقى ھالەتتە IE6 دە مەسىلە بەك ئېغىر، ياكى بولمىسا ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇشنى ئويلىشىپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.5

      ۋاي ئانامەي،بالدۇرراق دىمەي :mrgreen: ،مەنمۇ بىكارلا ئاۋارە بولۇپ يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ! :twisted: :twisted:
      سىز دىگەندەك،ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردە كۆرسىتىدىغان قىلىپ ناھايىتى تىركەشدىم،ئەمما،شۇ بىلىمىم كەمچىل بولغاچ،IE8بىلەن ئوت تۈلكىسىدە قېلىپ قالدىم. پرىستان ئەپەندىمۇ ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش تەكلىبىنى بەرگەن ئىدى،ھازىرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ ئىشلىتىپ تورۇپ،كۆڭۈلدىكىدەك ئۇسلۇب تاپقاندا يۆتكەيمىكىن دەيمەن…

  • kfvsc | 2010.08.13 جاۋاب

    I would like to exchange links with your site http://www.uyghurbeg.net
    Is this possible?

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.14

      Thank you for coming to see me from afar.
      For your request, I feel that our links do not generate any benefitis, so,i’m really embarrassing.sorry…

  • بۇنى ئوڭۇشلۇق قاچىلۋالدىم لىكىن ئۇ كىچىك قۇرال دىگەن جاينى تاپالمىدىم.

  • [...] More about the plugin in Uyghur language click here [...]

  • بولسا مۇشۇ قىستۇرما ھەققىدە كۆپرەك سۆزلىمەمسىلەۋا پروگراممىلار… :-o

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.18

      خاتىرجەم بولۇڭ ۋاي،قىپ تۇرىمىز،تەن جاندا بولسىلا… :evil:

  • [...] بۇ ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقاتقانىدى(قاراڭ:ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان قىستۇرما: Recent Comments with Avatars)،بۇ قىستۇرمىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كىيىن،قوزغىتىپ [...]

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif