- سەھىپە:بلوگشۇناسلىق تەتقىقاتى
- | باھا:4
- | زىيارەت: 1,093 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، blogger, ئۇيغۇر
شۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇر بلوگلىرى 2011-يىلىدىكى يېڭى يۈكسىلىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، يېڭى بىر يىلنى ياكى يېڭى بىر دەۋىرنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىدى. بلوگگېرلىرىمىز ئارىسىدا يەنە شۇنداق ئۇستىلار بار ئىدىكى، بىر قىسىم قىزىقارلىق رەسىملەرنى ئىشلەپ بىزگە <<سوۋغات>>قىلىپ تۇرماقتا ئىدى. خوش، كەمىنە بۈگۈن ئاشۇ رەسىملەردىن تاللاپ <<ئۇيغۇر بلوگلىرىدىكى ئاشۇ ئىشلار>>دەپ سىز بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان بىر قىسىم سىرلار بىلەن تەمىن ئەتمەكتىمىز. قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز بۇ يۈرۈشلۈك رەسىملەردە بولسۇن!…
ھەركۈنى ئەتىگىنى، بلوگگېرلار ئۆز كەنتىدە مۇشۇنداق چىرقىراق ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ، ئۇيقۇ چىراي ھالدا دادۈيگە يىغىلىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە ئاجايىپ ئىشلار يۈز بىرىدۇ.
بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق توربېكىتى <<زامان>>توربېكىتىدە ئۇيغۇر بلوگگېرلىرى ھەققىدىكى ئۈچ تىما قىززىق نۇقتىغا ئايلانغانىدى.
تېلىۋىزوردا بولسا، ئامېرىكا ئەلباشى ئوباما ئوبۇلقاسىم <<ئەل-دىۋان>>تەشكىلاتىنىڭ ئاتامانى سەھرالىقنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىماقتا ئىدى…
تېخى بىر كۈن بۇرۇنلا <<سەھرالىقنىڭ تۇرالغۇسى تېپىلدى>>دېگەن خەۋەر دۇنيانىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلانغان ئىدى، ئېسىڭىزدىمۇ؟
دىۋانغا قىزىقمايدىغان ئانىلىرىمىز پەقەت شۇ تورخۇماردىكى قىزىقارلىق يازمىلارنى، يېڭى گەپلەرنى ئاڭلاشقا خۇشتار ئىدى…
سەھرالىقنىڭ ئۆلۈمىدىن بۇرۇن، ئەلشات، روھچىن، ئەرك، ئاتەش قاتارلىق بلوگگېرلار ئۇنىڭدىن دىۋان تالىشىش ئۈچۈن تاڭ ئاتماستا تورخۇمار شەھىرىگە چاپاتتى…
تورخۇماردىكى دىۋانغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن چەۋەندازلار بىلەن ئىزتىل قاتارلىقلارمۇ پۇل يىغىش قىلىپ ماشىنا ئالغانىدى…
بەزىدە تۇيۇقسىزلا دىۋانغا چىقىپ قالغان شاھ بلوگ شۇ ھامان ئايالىغا دوكلات قىلىپمۇ ئۈلگۈرەتتى…
بەزىدە دىۋانغا ئالدىراپ كېتىپ قالغان ۋىروسنىڭ چىرقىغان ئاۋازى خېلى يىراقلارغا ئاڭلىناتتى…
ۋەتەن بولسا، بلوگىغا ئىنكاس يازىدىغان ئادەم ئىزدەپ ساراڭ بولايلا دەپ قالغان ئىدى…
ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئەينى چاغ نىمكەش بلوگ يىغىپ يۈرگەن ئۇزبلوگنىڭ ئاتامانى يۈكسەل ھازىر شىركەت قۇرۇپ ئۈلگۈردى.
شىركەت ئېچىپ باي بولغان يۈكسەل، ئەمدى ئۇزبلوگنى تاشلاپ شىركەتنىڭ ئوبراز ۋەكىلىگە ئايلاندى.
ئۇنىڭدىن بۇرۇن، ئەلشات بلوگى ھەر يازما يازسا، <<ئېلانىمنى چىكىڭ>>دەپ ئۆتۈنەتتى…
بەزىدە، تورخۇماردا تەدبىركارنىڭ چىشىغا تىگىپ قالغانلار مۇشۇ ھالەتتىكى ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالاتتى…
باشقىلار بولسا دىۋان تالىشىپ، بىر-بىرسىگە ھومۇيۇشۇپ تۇراتتى، ھەتتا مۇشتلىشقا تەييار دىگۈدەك ئىدى…
ئەپسۇس، ھەممەيلەننىڭ كۈنى يۈكسەلدەك ياخشى ئەمەس. ئۇيغۇر بلوگگېرلىرىغا نادىر ئۇسلۇبلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ ھەمدە ئۆزى ياساپ بىرىدىغان پرېستان بولسا كوچىدا قالدى…
ئەمەلىيەتتە، پرېستاننىڭ سەلتەنەتلىك چاغلىرى بار ئىدى، بلوگىمىز فىلىمخانىسىدا يېڭى فىلىم كۆرۈش ئۈچۈن ھەر كۈنى نۇرغۇن كىشىلەر بلوگىمىز فىلىمخانىسى ئالدىدا ئۆچىرەت كۈتۈشەتتى…
بلوگ يېزىپ ۋەيران بولغان ئۇيغۇربەگ بولسا بىر ئىستاكان ئىچىگە مۈكۈۋېلىپ، قەرزدارلاردىن قېچىپ يۈردى.
80خالتا بلوگى بولسا ھازىر كەسىپ ئۆزگەرتىپ <<80خالتا ئۇۋىلاش مەركىزى>>نى ئېچىۋالغان بولدى، بلوگگېرلىقتىن زىيان تارتتىم دەپ قاقشاپ قۇيىدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ھازىر يامان ئەمەس كىرىم قىلىۋېتىپتۇمىش…
تورخۇمارنىڭ ھالىچۇ؟ تورخۇمارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن بىچارە تەدبىركار ئاخىرى زېھنىي قۇۋۋىتىدىن كېتىپ تورخۇمار ۋە تەدبىركار بلوگىنى يېڭىلاشقا ئۈلگۈرەلمەي، تورخۇمارنى سېتىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى.
مانا، بۇ ئەينى چاغ تورخۇمارنىڭ ئەڭ سەلتەنەتلىك مەزگىلىدە تارتىۋېلىنغان رەسىم. ھەتتا ئۆمۈچۈك پالۋانمۇ تورخۇمارغا دىۋان ئۈچۈن ئەمەس، يازما ئۈچۈن كەلگەنىدى.
ھازىرچۇ؟ باي بوپ كەتكەن سابىق 80 خالتىنىڭ خوجايىنى بىرزات ئەپەندىنىڭ ئالدىدا بۇرۇن ئۇنىڭ خىزمىتى سادىقلىق ھەمدە خالىسانە قىلغان تەدبىركارنىڭ ھېچقانچە قىممىتى قالمىغان ئىدى. ھەتتا تەدبىركار سالامغا كەلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا ئەرزان ھەسەلنى قىممەت باھادا ساتقانىدى.
تەدبىركار نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتاتتىكىن؟ ئېيتىشلارغا قارىغاندا سەھرالىقتىن مىراس قالغان قوتۇر ئېشەكنى مىنىپ، 80 خالتا ئۇۋىلاش مەركىزىدە پاچاق تۇتۇۋېتىپتۇمىش…
بىلەمسىزكىن؟ سەھرالىق <<دىۋان تالىشىش كۈرىشى>>نى باشلاشتىن بۇرۇن خېلى ياخشى ئىنسان ئىدى، ئەمما بىر قېتىم…
ئەلۋەتتە، بلوگگېرلارنىڭ قىزىقارلىق ئىشلىرى داۋام قىلغۇسى…
يۇقارقى رەسىملەرنىڭ ھەممىسى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن يوللاندى، پىرىنسىپقا كۆتۈرۈۋالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن…
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- مەن چۈشەنمىگەن كارتون 2011-يىلى قايسى بىر مۇكاپاتنىڭ ئەڭ نوچىسىغا ئېرىشىپتۇ! باھانە كۆرسىتىڭ!… (14)
- [تەبرىكنامە] شىنجاڭدا تور تەلتۈكۈس ئەسلىگە كەپتۇ!
- [ WordPress تېخنىكىسى] بىلوگىڭىزغا ئاسما تىزىملىكنى مۇنداق چىقىرىسىز(كۆچۈرۈلمە) (2)
- تۈركىيە ناخشا چولپانلىرىدىن: مۇرات كەكىللى
- wordpress تا قىستۇرمىسىز كىچىك رەسىم چىقىرىش (11)
- ۋەتەن بلوگى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئۇسلۇب!
- [بايقاش]نۇرقۇت ئەترىتى توربېتى DiscuzXگەكۆتۈرۈلۈپتۇ(نەق مەيدان خەۋىرى) (1)
- ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار خالايىق، «2012-يىللىق 10 نادىر بلوگ»نىڭ بېلەت تاشلاش قىسمىنى باشلىۋەتتۇق!… (9)
- تۇرايىمىزنىڭ مىكرو ئۇچۇر(微信) ئاممىۋى سۇپىسى ئېلان قىلىندى، قوللاپ بېرىڭ… (12)
- بۈگۈن Godaddyدىن تىزىملاتقان تور نامىڭىز مۇقىممۇ؟ (11)
- ھەقسىز تور نامى .TKنى ئىشلىتىۋاتقانلار دىققەت، مۇتنىڭ ۋاقتى كەپتۇ! (14)
- [ ئىجادىيەتلىرىمدىن] ئۆزىنى يۇتۇۋېتىش