سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «تور نام» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

godaddy-promo

Godaddy بولسا نۆۋەتتە دۇنيادىكى نوپۇزلۇق چوڭ تور نامچىلىق شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ قولايلىقلىقى بىلەن نۇرغۇن تورداشلىرىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. شەخسەن كەمىنە ئۇيغۇربەگمۇ ئۆزۈمنىڭ شەخسىي تور ناملىرىنى مۇشۇ شىركەتتە ساقلاۋاتىمەن  ھەمدە بىر قىسىم بلوگگېر خېرىدارلىرىمنىڭ تور نامىنىمۇ مۇشۇ يەردىن تىزىملىتىپ بىرىۋاتقان ئىدىم، ھالبۇكى ئاخشامدىن باشلاپ بىر قىسىم ئوقۇرمەنلىرىم، شۇنداقلا بىر قىسىم خېرىدارلىرىم بەس-بەستە ئۇچۇر يوللىشىپ بلوگلىرىنىڭ ئېچىلمىغانلىقىنى ئېيتىشتى، توردىكى خەۋەرلەرگە كۆرە بىر قىسىم يەرلىك «شەرەپلىك» تېلىگراف ئىدارىسى Godaddyنىڭ تور نامىنى يىشىشكە ئاتىغان DNS مۇلازىمىتىرىنى چەكلەپ قويغانمىش، شۇنىڭ بىلەن قىسمەن جايلاردا بۈگۈن Godaddyدىن تىزىملاتقان تور نامىنى زىيارەت قىلغىلى بولماسلىق مەسىلىسى كېلىپ چىققان.

تۇلۇق ئوقۇش »

ئالدىنقى ۋاقىتلاردا blog.prestan.net نامىدا بلوگ يېزىپ يۈرگەن، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تور نامىنى prestan.net/blog قا يۆتكەش زۆرۈر بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ بۈگۈن قالاپ ئولتۇرۇپ PR=2 بولغان تور نامىنى تاشلاپ قويۇپ prestan.net تور نامىنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلدىم. ئەلۋىدا blog.prestan.net ، سېنى مەڭگۈ ئەسلەيمەن! سالام يېڭى تور نام، يېڭى بلوگ.... ئەمدى دوستلار بىلەن تور نامىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىمنى بۇ يەردە ئورتاقلىشىپ قويسام. تۇلۇق ئوقۇش »

match-color-tool1

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلىرىمىز، تېمىسىنى كۆرۈپ بۇ گۇيلا ئىسىم ئېلىپ ساتىدىغان قويمىچى دەپ ئويلاپ قالماڭلار، ھەمدە بىز بۇنداق كەسىپنىمۇ قاملاشتۇرۇپ بولالمايمىز، ئەمما لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قولىمىزدا كۆپ ئەمەس، بىر قانچە تور نامى بار ئىدى، سېتىۋېتىپ مۇنبەرنىڭ بوشلۇق چىقىمىنى قامدايلى دېگەن. ئىسىملەرنىڭ ICP دېگەن ئوقىتى يوق، ئەسلى باھاسىدا سېتىلىدۇ، بەك كۆپ بولسا 5 يۈئەن ئېتىبار قىلىنىدۇ، يەنە قانداق ئىشلىرى بار تور نام ساتىدىغان ئىشلارنىڭ بىلمەيمەن. مەيلى، ياردىمىم بوپ قالسۇن دەپ ئىككىلا تور نامىنى سېتىۋالساڭلار تېخى ياخشى، ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ بىرىمەن. خالايدىغانلار ئۇدۇل مېنى ئىزلىسە بولىدۇ، ياكى ئالاقە ئەدرېسىنى يازسا بىز ئىزدىسەكمۇ مەيلى.  خوش، بۇ ئىسىملەر بولسا :

www.blogchi.biz | www.22kino.com

1503-www-in-b_article

بىلگىنىمىزدەك، نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز خەلىقئارالىق تور ناملىرى ئىچىدە ھەقسىزنىڭ يوقلۇقىنى بىلىدۇ، ئەمما بىرىنچى دەرىجىلىك تور نامى  .TKنىڭ ھەقسىزلىقىنى بىلىدۇ، ھەمدە ئاشۇ نۇرغۇننىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلار بۇ ھەقسىز مۇتنىڭ تەمىنى تېتىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، بۈگۈن ئېلخېتىمگە كەلگەن بىر خەتتىن مەلۇمكى، مۇتنىڭ ۋاقتى كەپتۇ، ئەمدى ئۇ مۇت ئەمەسكەن!…

تۇلۇق ئوقۇش »