- سەھىپە:WP قىستۇرمىسى
- | باھا يوق
- | زىيارەت: 979 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، plugins, Wordpress
تۇرايىمىزدا ئىشلىتىپ يۈرگەن كارامەتلىك قىستۇرمىلاردىن يەنە بىرى بار،بۇ قىستۇرمىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى،مەلۇم بىر يازمىدا ياكى ۋېجىتتا،نۆۋەتتە ئوقۇلۇۋاتقان يازمىغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار(يەنى،ئوخشاش خەتكۈچلۈك،ئوخشاش سەھىپىلىك)نى چىقىرىپ بىرىدىغان بولۇپ،بۇ قىستۇرمىنىڭ نامى WordPress Related Posts!بۈگۈنكى يازمىمىز دەل مۇشۇ قىستۇرمىغا بېغىشلانغان.
WordPress Related Postsنىڭ پىرىنسىپى ھەققىدە
WordPress 2.3 نەشىرىدىن باشلاپ،WordPress خەتكۈچ(Tag )ئىقتىدارىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈۋەتكەن.WordPressدا ئىشلىتىلگەن MySQL ساندانى ئادەتتە ئۇيغۇريىزىقى(يەنى،ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزئىچىگە ئالغان لاتىنچىدىن باشقا يىزىقلار)لارنى قوللىمايدىغان بولغاچقا،خەتكۈچ ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك يازما قوشۇشنىڭ ئامالىنى تاپقان Fairfishلىق(Fairfish بلوگىدىكىلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ)لار مۇشۇ قىستۇرمىنى ياساپ چىققان.
دىمەك،WordPress Related Posts Pluginنىڭ پىرىنسىپى يازمىلاردىكى خەتكۈچلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ،ئورتاق خەتكۈچلۈر يازمىلارنى رەتلەپ چىقىرىپ بىرىدۇ.ئۈنۈمى رەسىمدىكىدەك:
قىستۇرمىنى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش
1.قىستۇرمىنى ئارقا سۇپىدىن بىۋاستە ئىزلەپ تېپىپ ياكى بۇيەردىن چۈشۈرۈپ،بلوگىڭىزدىكى /wp-content/plugins/ ھۆججەت قىسقۇچىغا يۈكلەپ چىقىرىڭ.
2.ئاندىن،ئارقا سۇپىدىكى قىستۇرمىلار مەركىزىدىن قوزغىتىشنى باسسىڭىزلا بولدى.
3.ئۇسلۇبنىڭ مۇۋاپىق جايىغا مونۇ كودنى <?php wp_related_posts(); ?> قۇيۇپ،بۇ ئىقتىدارنى قوزغىتىمىز ۋەياكى،قىستۇرمىنىڭ تەڭشەكلىرىدىن ئۇسلۇبقا بىۋاستە كىرىش تاللىشى ئارقىلىق قوزغاتساقمۇ بولىدۇ.
4.ئارقا سۇپىدىكى تەڭشەكلەر->Related Postsگە كىرىپ،ئالاقىدار يەرلەرگە تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز.
ئۇيغۇربەگدىكى تەڭشەك كۆرۈنۈشى(پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا سونۇلدى):
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [wordpress قىستۇرمىسى] Comment Info Detector (ئىنكاسچىلار ئۇچۇرى) (8)
- [تاماشا]دۇنيادىكى ئەڭ راھەت ئورۇندۇق (2)
- ئاگاھ بولۇڭلار ئەي بلوگگېرلار، ئەڭ مۇھىم قىستۇرما قىستۇرمىسى WP-PostViews ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى! (34)
- ئەي بلوگداش، ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، سىز زادى كىم ئۈچۈن بلوگ يېڭىلاۋاتىسىز؟… (25)
- [WordPress ئۇسلۇبى] ‹‹بىرتامچە››ئۇسلۇبى تارقىتىلدى (40)
- 2-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى (3)
- يېڭى ياش،يېڭى مەۋسۇم:بۈگۈنمۇ چوڭ بولىۋاتىمەن!… (12)