- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:5
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، Baidu
ئىلىمىزدىكى داڭلىق ئىزدەش ماتورلىرىدىن بولغان بەيدۇ مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تۇيۇقسىز نورمالسىزلىشىپ زىيارەت قىلغىلى بولمايدىغان بولۇپ قېلىپ زىيارەتچىلەرگە مەلۇم قولايسىزلىق ئەپكەلگەنىدى. بۇ ھەقتە بەيدۇ شىركىتى 12-چىسلا كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق چۈشەندۈرۈش بەردى:
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى بەيدۇ تورىنىڭ ئادرىسىنىڭ ئامىرىكىدىكى تىزىملاتقان ئورنىدا قانۇنسىز ھالدا ئۆزگەرتىلىپ مەزكۇر توربەتنى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا زىيارەت قىلغىلى بولماسلىقدەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،بۇ ئىشدىن كىيىن بىز شۇئان ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمىز بىلەن بىر تەرەپدىن ئامىرىكىدا تۇرۇشلۇق تىزىملاش ئورنى بىلەن سالاھلىشىپ يەنە بىرتەرەپدىن ئۆزىمىز قۇشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئىسىم بىلەن تورداشلارغا داۋاملىق مۇلازىمەت قىلىپ، ئاخىرى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋالدۇق،ھازىر مەزكۇر توربەتنى زىيارەت قىلىش ئاساسەن نورماللاشتى ھەمدە بارلىق زىيارەت مىقدارى ، ئىزدەش ماتورلىرى ئەسلىگە كەلدى.
يېڭى تېخنىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن،بەيدۇ ئەزەلدىن بىرى ئابونتلارغا ئىشەنىچلىك ھەمدە مۇقىم بولغان ئىزدەش مۇلازىمىتىنى تەمىنلەپ بېرىۋاتقانلىقىزدىن پەخىرلىنىپ كەلگەن ئېدۇق.بۇ قېتىملىق ۋەقە،بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بىزنىڭ مۇلازىمىتىرىمىزگە ھوجۇم قىلغان بولماستىن،بەلكى ئامىرىكىدا تۇرۇشلۇق تىزىملىتىىش ئورنىغا ھۇجۇم قىلىشنى نىشان قىلغان.بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى يېڭىلىق ھىسابلاندى،شۇنداقلا بىزنىڭ ھۇشيارلىقىمىزنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.بۇ يەردە بىز د ن س(DNS) شىركەتلىرىنىڭ توربېخەتەرلىك قۇرۇلىشىغا بولغان باشقۇرۇشنى ئاشۇرۇشنى چاقىرىق قىلىمىز.بۇنىڭ ئۈچۈن بەيدۇ شىركىتىمىز كۆپ تەرەپمىلىك ھەركارلىق ئورنىتىشنى ئاكتىبلىق بىلەن خالايدۇ،شۇنداقلا DNS بىخەتەرلىك تېخنىكىسى تەرەپدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىشنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىدۇ.
ئالدى بىلەن بىز توربەتنىڭ نورمال زىيارەت قىلغىلى بولماسلىقتەك بۇ ئەھۋالدىن تورداشلارغا ئېلىپ كەلگەن قولايسىزلىق ھەققىدە ئۆزرىمىزنى سورايمىز ھەمدە ئۆز مەنپەئىتىگە چوغ تارتىپ توربەتلەرگە ھۇجۇم قىلىش،يامان غەرەزلىك ئۆزگەرتىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.بۇنداق قىلمىشلارنى ناۋادا،بىز ئەخلاق ۋە قانۇن جەھەتتىن چەكلىمىسەك بۈگۈن زىيانغا ئۇچرىغىنى بەيدۇ بولسا،ئەتىلىككە يەنە بىر قانۇنلۇق شىركەت بۇلىشى مۇمكىن،شۇنداق بولغاندا ئەڭ ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا شۇ گۇناھسىز بولغان تورداشلار.بىز بىرقىسىم جۇڭگۇلۇق تورداشلارنىڭ غەزەب ئىچىدە چەتئەلدىكى باشقا تورلەرگە ھۇجۇم قىلغىنى بىلدۇق،بىز بۇئىشقا كۆڭلىمىزدىن بىزگە كۈتۈنگەنلىكىدىن رازى بولۇپ رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە،تورداشلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى قوللاپ كەتمەيدىغانلىغىمىزنى بىلدۈرىمىز.كۆپچىلىك سوغۇققان بۇلايلى!
بۇ ۋەقە نۆۋەتتە ئاللىبۇرۇن بېسىقىپ بولدى،بەيدۇ تورىنىڭ زىيارەت زىيارەت ئۆلچىمىمۇ نورماللاشتى،بىز تورداشلارنىڭ بىزنى قوللىغانلىقى ۋە چۈشەنگەنلىكىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمىز،شۇنداقلا بۇنىڭدىن كىيىن كۆپچىلىككە ئەڭ سۈپەتلىك بولغان ئىزدەش مۇلازىمىتىنى داۋاملىق تەمىنلەش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز!...[/align]
يۇقارقى سۆرەتتە: بەيدۇغا ھۇجۇم قىلىنغان كۆرۈنۈشى.
تۈۋەنكى سۆرەتتە: بەيدۇ ئۈچۈن ئىراندىكى ئۆچ ئېلىش خاراكتىردىكى ھۇجۇم قىلىنىشقا ئۇچرىغان توربەت

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [Blogbus ئۇسلۇبى] Prestan1.0 ھەقسىز تارقىتىلدى (85)
- ئاگاھ بولۇڭلار ئەي ئۇيغۇر بلوگداشلار، كاتتا شان-شەرەپ ۋە مۇھىم ۋەزىپە باشلاندى…. (10)
- (كۆچۈرۈلمە)WordPress 3.1 بىزگە نېمە ئېلىپ كىلىدۇ؟ (2)
- سەنئەتچىلىرىمىز توغرىسىدا ئاڭلىغان ئۆسەك سۆزلەر (2)
- ئۇيغۇربەگ : كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!… (2)
- WordPress دە بەت ئۈستى، ئاستى ۋە ئىنكاس رايونىغا قايتىش كونۇپكىسى قوشۇش (21)
- تاشقى پىلانىتتىكىلەر دىققەت:تۇرايىمىز ئۇسلۇبىنىڭ نەشىرى يۇقىرىتىلدى (15)