- سەھىپە:WP تېخنىكىسى
- | باھا يوق
- | زىيارەت: 359 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، plugins, post, Wordpress
ئالدىنقى قېتىم، چىراي ئىپادىسى ئۈنۈمىنى قىستۇرمىسىز ھالدا ھاسىل قىلغاندىن كىيىن،يەنە بىر تېخنىكا-يەنى،مۇناسىۋەتلىك يازما ئۈنۈمىنى قىستۇرمىسىز ھاسىل قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىپ بۇنىڭمۇ جاۋابىنى تېپىپ چىقتىم.
مۇناسىۋەتلىك يازما-بلوگ يازمىلىرىمىزدىكى ئوخشاش خەتكۈچلۈك،ئوخشاش سەھىپىلىك ۋە ياكى مەزمۇن جەھەتتىكى يېقىن يازمىلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ،بلوگ يازما بېتىدە <<مۇناسىۋەتلىك يازما>>ئىقتىدارىنى قوزغىتىش ئارقىلىق،مەزمۇن جەھەتتىكى يېقىن يازمىلارنى ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىپ،تېخىمۇ كۆپ زىيارەت سانىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.كۆرگىنىڭىزدەك،تۇرايىمىز يازما بېتىدىكى <<تۆۋەندىكى يازمىلارنى تاشقى پلانىتتىكىلەر قاتتىق تەتقىق قىلىۋاتىدۇ>>دىگەن جايدا،دەل مۇشۇ ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان.
ئەمەلىيەتتە،<<Wordpress related posts>> قىستۇرمىسىنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى بولۇپ،بۇ قىستۇرمىنى ئىشتىن بوشىتىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى.ئەمما،نۆۋەتتىكى بلوگىمدىكى بەزى قىستۇرمىلارنىڭ بلوگ ئىقتىدارىنى بېيىتقان بىلەن،بلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە سەل تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم بولغاچ،زور بىر تۈركۈم قىستۇرمىلارنىڭ ئىقتىدارىنى كود ئارقىلىقلا ھەل قىلىش زۆرۈر بىر مەسىلە بولۇپ قالدى.ناۋادا،سىز بلوگنىڭ ئالاقىدار كودلىرىغا تونۇش بولمىسىڭىز،ئەمما مۇناسىۋەتلىك يازما ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلماقچى بولسىڭىز،يەنىلا WordPress related posts قىستۇرمىسىنى ئىشلىتىپ تۇرغىنىڭىز ياخشى(بۇ قىستۇرما ھەققىدە كىيىن،تەپسىلىي توختىلىمەن).ئەمىسە ئىشنى باشلىۋەتتۇق.
تېخنىكىلىق جەريان
ئەمەلىيەتتە،بۇ تېخنىكىلىق جەريان ناھايىتى ئوڭاي بولۇپ،سىز پەقەت تۆۋەندىكى كودنى مۇستەقىل بەت(single.php)دىكى مۇۋاپىق جايغا قويسىڭىزلا بولىدۇ.كود:
<h3>مۇناسىۋەتلىك يازمىلار</h3>
<ul>
<?php
$tags = wp_get_post_tags($post->ID);
if ($tags) {
$first_tag = $tags[0]->term_id;
$args=array(
‘tag__in’ => array($first_tag),
‘post__not_in’ => array($post->ID),
‘showposts’=>10,
‘caller_get_posts’=>1
);
$my_query = new WP_Query($args);
if( $my_query->have_posts() ) {
while ($my_query->have_posts()) : $my_query->the_post(); ?>
<li><a href=“<?php the_permalink() ?>“ rel=“bookmark“ title=“<?php the_title_attribute(); ?>“><?php the_title();?> <?php comments_number(‘ ‘,’(1)’,'(%)’); ?></a></li>
<?php
endwhile;
}
}
wp_reset_query();
?>
</ul>
يۇقارقى كود ئىشلىمىسە، بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ.

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- «120 كىشىنىڭ جېڭى» ۋە بىر ۋەتەننىڭ تىراگىدىيىسى (2)
- [بلوگگېرلار چايخانىسى] يېڭى بلوگگېرلارغا تۆت دەرس
- WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ ئېچىلماسلىقى ھەققىدە قىسقىچە بايانات (30)
- [ WordPress ھاياتىنى باشلاش ] (3-قىسىم) WordPress ئارقا سۇپىسىنى تونۇش
- بۈگۈن Godaddyدىن تىزىملاتقان تور نامىڭىز مۇقىممۇ؟ (11)
- [تاماشا]دۇنيادىكى ئەڭ راھەت ئورۇندۇق (2)
- >[WordPress ئۇسلۇبى]يېڭى ئۇسلۇب Ropera قازناقتىن چىقتى (1)