- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا يوق
- | زىيارەت: 324 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ:
شۇنداق قىلىپ، ئۇ سەۋەب ياكى بۇ سەۋەب تۈپەيلى، قىزىقىش ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلى بىر بلوگ يېزىش قارارىغا كەلدىڭىز. ئەڭ ئاۋۋال شۇنداق قارارغا كېلىپ بىزنىڭ، يەنى ئۇيغۇر بلوگگېرلار توپىغا قوشۇلغانلىقىڭىزغا ناھايىتى خۇرسەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئەلۋەتتە، خۇرسەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈشدىن باشقا، سىزگە ئاتاپ قويغان تۆت ئېغىز گەپتىن تۈزۈلگەن تۆت دەرسىمىز بار، ئەلۋەتتە، بۇ تۆت دەرس يالغۇز دەرس بولماستىن، كەمىنىنىڭ سىزگە ئاتىغان يۈرەك سۈزىدۇر. بەلكىم، كېيىنكى بلوگ ھاياتىڭىزدا سىزگە تەسىر كۆرسىتەلىسە ئەجەپ ئەمەس.
بلوگنىڭ ئۆمرى
سىزچە بىر داڭلىق بلوگنىڭ قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ كەمىنىنىڭ جاۋابى شۇكى ئاز دېگەندە بىر يىل. كەمىنە ئۇيغۇربەگنىڭ <<2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ>>لارنى كۈزۈتۈپ چىقارغان خۇلاسەم شۇكى، ئاشۇ داڭلىق بلوگلار ئالدى تۆت يىللىق، كەينى 9 ئايلىق بولغان بلوگلار ئىدى. ئورتاق يېشى بولسا 24.8 ئاي، يەنى ئىككى يىل، بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
مەن بۇ گەپنى قىلىش ئارقىلىق سىزگە شۇنى دېمەكچىمەنكى، بلوگنىڭ داڭقىنى چىقىرىش بىردەملىك ئىش ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك داۋاملاشتۇرىشىڭىز ۋە ھارماي-تالماي ئىزدىنىشىڭىز ئاستىدا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. شۇڭا، بلوگىڭىزنى يېڭى قۇرغان ۋاقىتتا ئادەم كەلمىسە، ئېقىم كەلمىسە، ھېچ بەل قويۇۋەتمەڭ، كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىپ مەزمۇنلۇق يازما يېزىش بىلەن بىرگە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلىڭ. ھەرگىز بىردەملىك ھەۋەسنى دەپ بلوگ يېزىپ، ئاخىرىدا بىلىڭىز بوشىشىپ يازمايدىغان ئىشنى قىلماڭ، مۇۋاپپىقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەنسىز، ئۇزاق مۇددەتلىك تىرىشىڭ.
بۇ يېڭى بلوگگېرلارغا ئۆتۈلگەن بىرىنچى دەرس: بلوگنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىڭ،بلوگىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن.
بلوگنىڭ يېڭىلىنىشى
چەتئەلدىكى بىر نوپۇزلۇق ئورگاننىڭ داڭلىق بلوگلارنى كۈزۈتۈشىدىن چىققان نەتىجىسىگە كۆرە، كۆپلىگەن داڭلىق بلوگگېرلارنىڭ يېڭىلىنىشى باشقا بلوگلارغا قارىغاندا ناھايىتى تىز بولۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك يازما يوللاپ تۇرىدىكەن، بەزىلىرىدە بولسا كۈنىگە نەچچە پارچە، ھەتتا نەچچە ئون پارچىدىن نەچچە يۈز پارچىگىچە(ئەلۋەتتە، ئۇلار كۆپ كىشىلىك بلوگ بۇلىشى مۇمكىن)يازما يوللىنىدىكەن، دېمەكچىمەنكى، بۇ بلوگلار يېڭىلىنىپ تۇرىدىكەن!
بلوگنىڭ يېڭىلىنىشى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ چۈنكى سىز يوللىغان يازمىلار كۆپ بولغانسىرى، ھەرقايسى ئىزدەش ماتورلىرى ياكى سىز بلوگىڭىزغا ئورناتقان ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارىدىن چىققان يازما ئۇلىنىشلىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلىرىڭىز،زىيارەتچىلىرىڭىز سىزنىڭ بلوگىڭىزغا دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئېقىمغا ئىگە بۇلىسىز. ئەلۋەتتە، يازمىنىڭ كۆپ بولغانلىقنىڭ ھەممىسى ياخشى دېگەنلىك ئەمەس، سەۋىيىلىك، مەزمۇنلۇق يېزىلغان بولسا، ئاز بولسىمۇ ئوقۇرمەنلەر داۋاملىق كەپ تۇرىدۇ.
بۇ يېڭى بلوگگېرلارغا ئۆتۈلگەن ئىككىنچى دەرس: بلوگنى قەرەللىك يېڭىلاپ تۇرۇڭ، ھەرگىز خوش ياققاندا كۈنىگە 10نى يوللاپ، خوش ياقمىغاندا ئايلاپ تاشلاپ قويىدىغان ئىش قىلماڭ.
بلوگنىڭ ئېقىم مەنبەسى
بىر داڭلىق بلوگنىڭ تاۋلىنىپ چىقىشدا، يەنە بىر مۇھىم ئېلىمېنىت بار، ئۇ بولسىمۇ تەشۋىقات. بلوگىڭىزنى يېڭى قۇرغاندىن كېيىن، ھەرقايسى كونا-يېڭى بلوگگېرلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنۇتۇشنى ئۇنۇتماڭ، يەنى ئۇلارنىڭ بلوگىغا بېرىش-كېلىش قىلىڭ، ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇڭ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ SNS بېكەتلىرىدىن گۈدۈك، ۋاي-ۋۇي،تەلەي قاپىقى،ئۇلانما قاتارلىق تورلاردىن ھەمدە خەنچە بېكەتلەردىن، شۇنداقلا ھەرقايسى QQ توپلىرى ئارقىلىق يازمىڭىزنى ۋە بلوگىڭىزنى تەشۋىقات قىلىشنى ئۆگۈنۈڭ ۋە كۈچەڭ. بۇ ۋاستىلەر سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ مۇھىم ئېقىم مەنبەسى بولۇپ قالغۇسى!
بۇ يېڭى بلوگگېرلارغا ئۆتۈلگەن ئۈچۈنچى دەرس: بىر بلوگنىڭ تەشۋىقات قىلىنىش دەرىجىسى بۇ بلوگنىڭ داڭىق چىقىرىش نىسپىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپتۇر.
بلوگنىڭ كىرىمى
مېنىڭچە، بىر بلوگ ئۈچۈن ئەڭ ئىلھام بولىدىغىنى كىرىم بولسا كېرەك( ناۋادا كۈنىگە 10 كويدىن كىرىم كىرىپ باقسۇنچۇ، بلوگىڭىزنى كۈندە يېڭىلىمىغانلىقىڭىزنى مەن بىر كۆرەي)تولىمۇ ئەپسۇسكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر بلوگگېرلىرىنىڭ كىرىم ئەھۋالى سىز پەرەز قىلغاندەك ئانچە خۇشاللىنارلىق ئەمەس. دېمەكچىمەنكى، كىرىم قىلىۋاتقانلار يوق ئەمەس، ئاز، ھەمدە كىرىم قىممىتى ئۇنچە كۆپ ئەمەس. ئەمما، شۇنداقتىمۇ بلوگىڭىزنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلىغا كۆركەمرەك ئېلانلارنى قۇيۇپ بىزىۋېلىڭ. بىرموچەندىن كىرىم قىلسىڭىزمۇ بىرموچەنمۇ پۇل، تاپقان پۇل شۇ ھىساب.
ئەمما شۇنى بىلىۋېلىڭكى، ناۋادا، سىز بلوگ يېزىپ پۇل تاپماقچى بولسىڭىز، مەنچە ۋاقتىنچە بۇ خىيالىڭىزنى قۇيۇپ تۇرۇڭ، بەلكىم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەقىقەتەن داڭىق چىقىرىپ گۇگىل، بەيدۇلارنىڭ ئېلانىنى، ھەتتا شەخىسلەرنىڭ ئېلانىنى قۇيۇۋېلىپ ئېيىغا نەچچە تۈمەننى تېپىش مۇمكىنچىلىكى ھەم يوق ئەمەس، شۇڭا، ھازىرچە مەزمۇنغا راسا كۈچەڭ.
بۇ يېڭى بلوگگېرلارغا ئۆتۈلگەن تۆتىنچى دەرس : بلوگ يېزىپ دۇنيانى قۇتقۇزۇۋالالمايسىز، ئەمما بلوگدىن كىرگەن كىرىمدا ھىچ بولمىسا بلوگنىڭ تورنامى ۋە بوشلۇقىنى بولسىمۇ قامدىيالايسىز. بىكار تۇرغۇزغاندىن تۆۋەن كىرىملىك ئېلان بولسىمۇ قويغاچ تۇرۇڭ.

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- (كۆچۈرۈلمە)WordPress 3.1 بىزگە نېمە ئېلىپ كىلىدۇ؟ (2)
- بلوگ ئۈچۈن پىكىرخانا(پىكىر يېزىش دەپتىرى)ئېچىش (7)
- [WordPress ئۇسلۇبى] يېڭى ئۇسلۇب WPSummer تارقىتىلىدۇ
- [يۈك قورالى] يۈك چۈشۈرۈش ساھەسىدىكى داڭدار يۇمتال Internet Download Manager
- [ئايفونداشلارغا خۇشخەۋەر] ئامراق تور كۆرگۈچ Google Chromeنىڭ IOS نەشىرى ئېلان قىلىندى! (8)
- ئەي خالايىق، يېڭى بىر ئۇسلۇب قاتىللىقىغا گۇۋاھ بولغايسىزلەر، تىز كېلىڭلار، قۇتقۇزۇڭلار… (34)
- ۋوردپرەس 3.3 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى، يېڭىلىق ئەلۋەتتە بار…