- سەھىپە:يۇمتال بازىرى
- | باھا:7
- | زىيارەت: 3,484 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، Windows, Windows7, windows8
يېقىندىن بۇيان كومپىيۇتېر سېستىمامدىن تولا كاشىلا چىقىپ، قىلىدىغان ئىشىمنى قىلغىلى قويماي قاتتىق جىلە قىلغان ئىدى، ئاچچىقىمدا مانا ئەمىسە دەپ سېستىمىنى يەڭگۈشلىۋېتىپ قاراپ ئولتادىم، چۈشۈرگەن سېستىمامغا پۇل تۆلەشكە ئېرىنىپ، جۇڭگوچىلىقتا ساختا نەشىرىنى ئىشلىتىش قارارىغا كېلىپ توردىن ئاكتىپلاش قورالى ئىزدىدىم، بۈگۈنكى يازمىمىدا بۇ ئوقەتنى قانداق ئىشلىتىشنى سۆزلەپ ئۆتەيلى. Windows7نى قايتا قاچىلىغان بلوگداش ئاتامانلارغا ئەسقېتىپ قالار.
پروگرامما ھەققىدە ۋە ئىشلىتىش
بۇ پروگراممىنىڭ ئېتى نېمىكىن بىلمىدىم، چۈشۈرۈش ئورنىدا «windows7激活工具兼容机100%激活 win7旗舰版» دەپ يېزىپتۇ، مۇھىمى پروگراممىنىڭ ئېتى بولمىغاندىكىن.
ئاۋۋال تۆۋەندىكى مەنزىلگە كېرىپ پروگراممىنى چۈشۈرۈڭ(چۈشۈرۈش ئورنى ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى قاتاردا ئىكەن):
http://www.uzzf.com/soft/21137.html
ئاىدىن بولاقنى ئاچسىڭىز Win7_active_1.0.exe ناملىق پروگراممىنى كۆرىسىز، بۇ پروگراممىنى قوزغاتسىڭىز تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنۈش چىقىدۇ:
ئۇيغۇربەگ ئۇستام دېگەن دەپ قورقماي كونۇپكا تاختىسىدىن ئاۋۋال «1»نى بېسىۋېتىپ ئاندىن «Enter»نى بېسىۋېتىڭ، قاراپ ئولتاسىڭىز بۇ پروگرامما Windows7نىڭىزنى ئۆزى ئاكتىپلاپ بېرىدۇ.
تېمىدىن چەتنىگەن پاراڭ: ئەمەلىيەتتىغۇ ساختا نەشىردىكى نەرسىلەرنى ئىشلىتىشكە ناھايىتى ئامراقمۇ ئەمەستىم، ئەمما ئوقۇغۇچىلىق ۋە جۇڭگوچىلىقتا «ئىشلىتىپ قال»دۇق، ئېيتىشلارغا قارىغاندا مىكروسوفىتتىكىلەر ئانا تىلىمىزنىڭ تىل بولىقى بولغان Windows8نى پات ئارىدا ئېلان قىلىدىكەن، ۋاقتى كەلگەندە ئاشۇ سېستىمىنىڭ رەسىمىي ھەقلىق نۇسخىسىدىن بىرنى سېتىۋالماقچى بولىۋاتىمەن، ھە راست، ئاڭلىسام بلوگداش ئۇيغۇر ۋوردپرېس مۇنبىرى بىلەن سازبلوگ ئۇيغۇر بلوگلىرى ئۇلىنىشى بىكا قاپتۇ دەيدۇ، ئۇنداق قىلماي يوقلىشىپ قوياڭلا دەيمە، بولمىسا مەرھۇم سازبەتنىڭ روھى قۇرۇنۇپ قالمىسۇن، ئادرېسىنى بىلمەيدىغانلارغا مانا ئادرېس:
www.blogdax.com & www.sazblog.com
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- مىش-مىش پاراڭ : ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتىتتا WordPress دەرسى ئېچىلىدىغان ئوخشايدۇ! (20)
- Pjblog دىن WordPress كە كۆچۈش جەريانى (15)
- wordpress دا يازما ئاستىغا ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى قوشۇش ئۇسۇلى (26)
- شۇ ناملىق پوۋېسىتقا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مىكرو كىنو – رەھىمسىز دەريا (15)
- يېڭى بلوگداشلارنىڭ ئۇيغۇربەگدىن كۆپ سورايدىغان سۇئاللىرى ۋە جاۋابلىرى (20)
- [تەۋسىيە يۇمتال]سىھىرلىك چاسا 2.0 Beta1
- [بلوگ بېزەكچىلىكى] دۆلەت تەۋەلىكىنى كۆرسىتىدىغان سانىغۇچ