- سەھىپە:تۇرا يېڭىلىقلىرى
- | باھا:42
- | زىيارەت: 3,516 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، ھېيىت
ئەي خالايىق،كەڭ ئاۋام-خاس! ئاڭلىمىدىم دېمەڭلاركى،بۈگۈن ئولۇغ روزا ھېيت،بۇ كۈن شۇنداق بىر كۈنكى،ھىچقايسىڭلارنىڭ كۈلمەي يۈرۈشۈڭلارغا رۇخسەت يوق!ئايالى بارلار ئايالى بىلەن؛بالىلىرى بارلىرى بالىلىرى بىلەن؛شۇنداقلا ئاتا-ئانا،ئورۇق-تۇققانلىرى بىلەن؛دوست-بۇرادەر،تونۇشلىرى بىلەن؛خىزمەتداش-ساۋاقداشلىرى بىلەن جەم بولۇشسۇن!ئوخشىتىلغان قوي شورپىسى،ساڭزا،توقاچ قاتارلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول ئۇيغۇرچە يېمەكلىكلەردىن بەھۇزۇر ھالدا خالىغانچە يېيىشسۇن!تاپالمىغانلىرى ھازىرلا ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا كېلىشسۇن،ئېمپىرىيە خەزىنەسىدىن ھەربىرەيلەنمە بىرپاتمان خۇشاللىق ۋە مىڭ پاتمان بەخت تەييارلاپ قويۇلدى،كېلىپ بەھۇزۇر ئېلىپ كېتىشسۇن!بىرنەچچە كۈن خاپىلىق ياكى تەشۋىش تارتىشقا سەللىمازا رۇخسەت يوق،خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئېمپىرىيە تۈرمىسىدە كۈلدۈرۈش،قىززىق سۆز ئېيتىپ بىرىش جازاسى بېرىش بىلەن بىرگە،ئاھ ئۇرماسلىق،ئۈمىدۋار-جاسارەتلىك ياشاش قاتارلىق سېلىق سېلىنىپ،مۇددەتسىز بەختلىك بولۇش تۈرمىسىگە تاشلىنىدۇ!ئاخىرىدا،شۇنى سۈر بىلەن جاكارلايمىزكى:ھەممىڭلارنىڭ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!….يارلىق تامام،ھېيت پەتىسى باشلانسۇن!
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [ ئاجايىباتلاردىن ] سىز بىلمەيدىغان 10 جاھاننامىنى تېپىپ چىقتىم،ماڭا ئىشىنەمسىز؟ (21)
- WXRsplit يۇمشاق دېتالى XML نى مۇكەممەل پارچىلاش (4)
- ئايفونچى بلوگداشلارغا تەۋسىيە ئەپ – WordPress for IOS (6)
- [تەرجىمە دەرسلىكى]ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە… (1)
- [ WordPress تېخنىكىسى] بىلوگىڭىزغا ئاسما تىزىملىكنى مۇنداق چىقىرىسىز(كۆچۈرۈلمە) (2)
- «بلوگبۇس» دېگەن ئاداشتىن يانا چاتاق چىقتى!!!(Prestan ئۇسلۇبى ھەققىدە جىددىي بايانات) (2)
- ئۇسلۇب قاتىللىق دېلوسى پاش قىلىندى : باش گۇماندار Prestan Uzhal ئاشكارا تارقىتىلدى! (22)