- سەھىپە:WP تېخنىكىسى
- | باھا:25
- | زىيارەت: 1,973 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، gravatar, Wordpress
ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىز «WordPress نىڭ Embed ئىقتىدارى ئارقىلىق Youku دىكى فىلىملارنى يازمىغا قىستۇرۇش»دىن بىر قىسىم بلوگلاردا مەسىلە يۈز بەرگەن، يەنە بىر قىسىم بلوگلار بولسا مۇۋاپپىقىيەت قازىنىپ، يوۋكۇدىكى فىلىملەرنى ناھايىتى قولايلىق ھالدا قىستۇرىدىغان قىلالىغان. ئالدى بىلەن ئوتۇق قازانغان بلوگگېرلارنى مۇبارەكلەيمىزكى، ئاندىن مەغلۇب بولغان بلوگگېرلارنىڭ ئۈمىدسىزلەنمەي، ئېدىسوننىڭ لامپۇچكا كەشىپ قىلىش ھېكايىسىدىن ئىلھام ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاخىرىدا، بۈگۈن بىز يەنە بىر تېخنىكا، يەنى بلوگ ئاپتورىنىڭ Gravatarباش سۆرىتىنى بلوگنىڭ Favicon سۆرىتى قىلىپ بەلگىلەش تەدبىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز. ئەمىسە دەرسخانىغا مەرھەمەت!…
مەزكۇر تەدبىرنىڭ بايانى ۋە پايانى
مەزكۇر تەدبىرنى قوللىنىشتىن بۇرۇن، تۇرايىمىزدا ئېلان قىلىنغان «مەخپىي رېتسىپ: wordpressبلوگىڭىزغا favicon بەلگىسى قوشۇۋېلىڭ!…»سەرلەۋھەلىك يازمىنى ئوقۇپ قويىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. خوش، مەزكۇر تېخنىكىنى قوللانغاندا، نورمالدا بلوگنىڭ Favicon سۆرىتى بولمىسا ۋە ياكى بلوگنىڭ سۈكۈتتىكى Favicon سۆرىتى بار ئەھۋالدا بلوگنىڭ Favicon سۆرىتىنى ئۆزگەرتىپ، بلوگ ئاپتورىنىڭ Gravatarباش سۆرىتىنى بلوگنىڭ Favicon سۆرىتى قىلىپ بەلگىلەش ئۈنۈمىنى ئوينايدۇ. شەخسىي بلوگگېرلارنىڭ بۇ تېخنىكىنى قوللىنىپ، ئۆزىگە خاس Favicon سۆرىتى قىلىپ بەلگىلىۋېلىشىنى سورايمىز. ئۈنۈمى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك(ئۇيغۇربەگنىڭ باش سۆرىتى رەسىمىگە قاراڭ) :
ۋە ياكى بىۋاستە ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىگە ھۇجۇم قىلسىڭىز بولىدۇ : http://www.uyghurbeg.com
خوش، تېخنىكىغا كېلەيلى. تۆۋەندىكى كودنى Function.php ھۆججىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى كود ?>نىڭ ئالدىغا قويۇڭ :
function gravatar_favicon() {
$GetTheHash = md5(strtolower(trim(get_bloginfo('admin_email'))));
return 'http://www.gravatar.com/avatar/' . $GetTheHash . '?s=16';
}
function favicon() {
echo '.gravatar_favicon().'" />';
}
add_action('wp_head', 'favicon');
شۇنىڭ بىلەن بۇ تەدبىرمۇ تامام بولدى، ئۈنۈمىنى سىناپ باققايسىز!…

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- >[WordPress ئۇسلۇبى]يېڭى ئۇسلۇب Ropera قازناقتىن چىقتى (1)
- wordpress تا زىيارەتچىلەرنىڭ ئىنكاسىغا ئاپتور جاۋاب قايتۇرسا Email ئارقىلىق ئۇختۇرۇش ئىقتىدارىنى قوشۇش (9)
- [WordPress تېخنىكىسى]ئاكتىپ ئىنكاسچى تېمى قوپۇرۇش تېخنىكىسى
- [بلوگباس ئۇسلۇب] jessie-skin18 ئۇسلۇبى تارقىتىلىدۇ (51)
- WordPressدە يازمىلارغا فىلەش ۋە مۇزىكىلارنى كود ئارقىلىق قىستۇرۇشنىڭ تەدبىرى (15)
- [تەۋسىيە] چەتئەلدىكى 7 كۈچلۈك ئۇچۇق كودلۇق مۇنبەر سېستىمىلىرىنى تونۇشتۇرۇش
- 2012-يىللىق ئەڭ يېڭى كومىدىيىلىك جەڭ فىلىمى : بىلكانپەد ئىشقىدا (ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم) (3)
- WordPressنىڭ يازما تەھرىرلىگۈچىنى قىستۇرمىسىز ئىقتىدار كېڭەيتىش تەدبىرى (7)
- wordpress سېستىمىسىدا jquery ئۈنۈمىدىكى بلوگ لىفىتى ئىقتىدارىنىڭ يېڭى تەدبىرى (5)
- WordPress سۇپىسىدا يازمىلارغا كود قىستۇرۇشنىڭ بىر نەچچە تەدبىرى (2) (13)
- پرېستان نەگە كەتتى؟ (11)
- Windows بوشلۇقىدا ساختا تىنچ بەت(伪静态) ھاسىل قىلىشنىڭ تەدبىرى (15)