سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «قىززىق» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

ontime

مەلۇم يىگىت سۆيگۈنىگە توي تەكلىپى قويۇپ رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئېنتايىن ئازابلانغان ھالدا ئايروپىلان كۈتۈش ئورنىغا كېلىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا بىر يۇچۇن كىشى پايدا بولىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن نېمە بولغانلىقىنى سورايدۇ ۋە ئۆزىدە بىر خىل ئەسۋابنىڭ بارلىقىنى، مۇشۇ ئەسۋاب ئارقىلىق كەلگۈسى 30 سىكۇنىت كېيىنكى ئىشلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ يىگىت باشتا ئىشەنمەيدۇ، ئەمما يۇچۇن كىشى ئۇنىڭغا ئۇ ئەسۋابنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، يىگىت ئىنتايىن چۆچۈپ كېتىدۇ، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئويلىمىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ…

تۇلۇق ئوقۇش »

D550FB453954F2643649470BA3EAFFAE_副本

دۆلىتىمىزنى ساختا مەھسۇلات ياسايدىغان ئۇۋا دەپ زاڭلىق قىلاتتى مەكتەپدىكى تۈركىيەلىك ئاقسالار، بۈگۈن قارىسام بۇلارنىڭمۇ ساختا تېلىفون، ساختا iPhone 4Sنىمۇ ياسايدىغانلىقى كۆرۈپ قالدىم. بۈگۈن يوللىغان بۇ فىلىمنى مۇسۇلمان دۆلەتتىكىلەر ياسىغاندىكىن دەپ ئىشەنچ بىلەن ئالغان بىرى يوللاپتۇ، بىلمىدىم ئۇ ئاداش ھازىر نېمە بولۇپ كەتتى، ئەمما لېكىن مەن تولۇق كۆرۈپ بولۇپ يىغلىۋەتتىم، جۇڭگولۇق ساختا تېلىفون ياسايدىغانلارنى مۇشۇنداقمۇ چۈشۈرەمدۇ دەيمەن، ئىسسىت ئىسسىت!….

تۇلۇق ئوقۇش »

brave-movie-disney-cartoon-pixar-warrior-princess-merida-wallpaper-1920x1200_副本

كىچىكىمدىنلا قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدىم، ئۇيغۇرچە ساۋادىم چىققاندىن كېيىن «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»دىن باشلاپ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى چۆچەك كىتابلارنى ئوقۇپ قىدىرىۋەتكەن. چۆچەكلىرىمىزدىكى باتۇر مەلىكىلەرنىڭ، باتۇر شاھزادىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا، خەتەرلىك سەزگۈرەشتىلىرىگە ناھايىتى ھەۋەس قىلغان شۇنداقلا كەلگۈسىدە مەنمۇ شۇ باتۇر شاھزادە، قەيسەر مەلىكەلەردەك قاتمۇ-قات توساقلارنى بۈسۈپ ئۆتۈپ ئۆزۈمنىڭ بەختىنى تاپىمەن دەپ خام خىياللارنى قىلغان. چوڭ بولۇپ يا شاھزادە بولالمىدىم، يا تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق قىلالمىدىم، پەقەت مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ ۋەزخانلىق قىلىشقا ياراپتىمەن. خوش، سۆزىمىزگە كەلسەك تۆنۈگۈن ۋەتەن ئاغامنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئامېرىكىستان ئىشلىگەن «باتۇرلۇق قىسسىسى»(ئىنگىلىزچە ئىسمى:brave، خەنسوچە: 勇敢传说) ناملىق كارتون فىلىمنى كۆرۈپ چىقتىم ھەمدە شۇنداق ياقتۇردۇم، ھە قاچان تۇراداشلار يولداش ئۇيغۇربەگ قاچان بىر ئېسىل كىنو تەۋسىيە قىلار دەپ چىشىڭلارنى بىلەپ ئولتۇردۇڭلار ھە، ئەمىسە كېلىپ ماۋۇ كىنونى بىر كۆرۈپ چىقىڭلار، يارىماي قالسا قۇلىقىمنى كىسىپ بېرىمەن!…

تۇلۇق ئوقۇش »

دېسنىيگە تەۋە Pixar گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى كارتون ئەسىرى–ئاي ئىلاھى_

« ئاي ئەپسانىسى » ناملىق مەزكۇر قىسقا كارتون ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان دېسنىيگە تەۋە Pixar گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى كارتون ئەسىرى بولۇپ، ئوسكار نادىر كارتون مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر كارتوندا بىر بالىنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسى بىلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى سۈپۈرۈۋالغانلىقىدەك ئاددىي ھېكايە بايان قىلىنغان بولۇپ، بالىسى بار بلوگداشلار بالىلىرىڭلار بىلەن كۆرسەڭلار بولغۇدەك ئېسىل كارتون!…

تۇلۇق ئوقۇش »

csgo

قاچاندىن كومپىيۇتېر دېگەن ئوقەتكە يېقىن كەلدىم، مۇشۇ «نىمجان»(半条命) ئويۇنىنى ئويناپلا كەپتىمەن، تولۇقسىزدىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە ساۋاقداشلارنى، بۇرادەرلەرنى توپلاپ كېلىپ ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ قاتتىق تۇتۇشۇپتىكەنمەن، گەرچە ھازىر بۇرۇنقىدەك ئەسەبىي ئاشىق بولمىساممۇ.  ئالىي مەكتەپكە كېلىپ بەزىدە كومپىيۇتېر ئالدىدا ھېچ قىلغۇم كەلمەي ھەمدە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدىن قوپالماي كەتكەن بىر قىسىم چاغلىرىمدا مەزكۇر ئويۇننىڭ cs 1.6 نەشىرىنى ئازراق ئويناپ كاللامنى ئارام ئالدۇرۇپتىمەن. بۈگۈن قارىسام مەزكۇر ئويۇننىڭ يېڭى بۆلۈمى «تېررورلۇققا قارشى تۇرغۇچى ئەزىمەتلەر: دۇنيا مىقياسىلىق تۇتۇشۇش»(反恐精英: 全球攻势)نىڭ ئېلانى يوللىنىپتۇ، قارىغاندا مەزكۇر ئويۇننىڭ يېڭى بۆلۈمى چىقىدىغان ئوخشايدۇ، ئېلانىنى كۆرۈپ باققاچ بۇرۇن مەزكۇر ئويۇننى ئوينايدىغانلار ئازراق ئەسلىمە بەرمەمسىلەر؟ سىلەر ئوينىغانمۇ، قانداق ئوينىغان؟…

تۇلۇق ئوقۇش »

stupidsoldier_副本

ئاھ، دۈشمەننىڭ مەرگىنىدىن قورقمايمەن زېنھار، چوشقىدەك دۆت سەپداشدىنلا قورقىمەن، دۈشمەن ھەر قانچە مەرگەن بولسىمۇ مەن بىر ئامال قىلىپ ئۇنى جايلىۋېتىمەن، ناۋادا سەپدىشىم چوشقىدەك دۆت بولسا مېنىمۇ چوشقىدەك نەس باسىدۇ، ئىشىنەمسىز؟ ئىشەنمىسىڭىز فىلىمگە قاراڭ!….

تۇلۇق ئوقۇش »

  • سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان
  • | باھا يوق
  • | زىيارەت: 784 قېتىم ئوقۇلدى
  • | ئاپتور: ئۇيغۇربەگ
  • | 2012.02.9

بىر مېنۇت ئىچىدە زادى نىمىلەرنى قىلغىلى بولىدۇ؟بەلكىم،بۇ بىر مېنۇت ئىچىدە كومپىيۇتېرنى ئاران تولۇق قوزغىتىپ بولغىلى بولار؛بەلكىم مىكروبلوگىمىزدا بىرتال ئۇچۇر يوللاشقا ئاران يېتەر.ئەمما،بىر مېنۇتلا ھاياتى بار بىر چىۋىن ئۈچۈن بولسا،بۇ-ئالدىراشچىلىققا تولغان بىر مەنىلىك ھايات.
مەزكۇر قىسقا فىلىم گېرمانىيەلىك Michael Reichertنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ،جانلىق ئۇسۇلدا بىرتال چىۋىننىڭ تولىمۇ مەنىلىك ئۆتكەن بىرمېنۇتلۇق ھاياتىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىدۇ.قېنى،دىققىتىڭىز مەزكۇر فىلىمدە بولسۇن.

بالىلىق ۋاقىتنى ئەسلىسەملا،ئەينى چاغ يالغان تاپانچىنى ئېلىۋېلىپ،ئوغرى-ساقچى ئويۇنى قىززىتقىنىم؛مەھەللىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغا كىرىۋېلىپ مۆكۈشمەك ئوينىغانلىرىم؛قۇشقاچ بالىسى تۇتىمەن دەپ قىرىق گەز ئىگىزلىكتىكى تېرەكلەرگە چىقىۋېلىپ،چاڭگا بۇزغىنىم؛كۆرۈپ قانمايدىغان ‹‹شىر پادىشاھ›› قاتارلىقلار ئېسىمدىن قەتئىي چىقمايدۇ.تور ئارىلاۋېتىپ،تەسەۋۋۇرغا باي چەتئەللىك كىچىك دوستلارنىڭ قىززىقچىلىقىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ،ئىختيارسىز بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم.قېنى،سىزمۇ بۇلارنىڭ قىززىقچىلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ،سىزمۇ مۇشۇنداق تەسەۋۋۇرلارغا باي كەلگەنمىتىڭىز.... :lol: تۇلۇق ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量