- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:18
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، checkerize
Prestan_1.0 ئۇسلۇبىنى تارقاتقاندىن بۇيان نۇرغۇن بلوگېر دوستلار يېقىندىن ياقتۇرۇپ ئىشلەتتى. بۈگۈن ئېلان قىلماقچى بولغان ئۇسلۇب بولسا Prestan_1.0 ئۇسلۇبىنىڭ ئەسلى نەشىرى بولغان checkerize ئۇسلۇبى، بۇ ئۇسلۇب wordpress نىڭ ئۇسلۇبى. ئەينى چاغدا مەن مۇشۇ ئۇسلۇبتىن ئۆرنەك ئېلىپ Prestan_1.0 ئۇسلۇبنى ياساپ چىققان.
ئۇسلۇب ھەققىدە
checkerize ئۇسلۇبىنى مۇشۇنىڭ بىلەن 3-قېتىم تەرجىمە قىلىشىم، 1-قېتىم قىلغان تەرجىمىدە IE6 دە نورمال كۆرۈنمىگەنلىكتىن بىراقلا ئۆچۈرۈپ تاشلىغان ئىدىم. 2-قېتىم 95% تەرجىمە قىلىپ بولغاندا كومپىيۇتېرىمنىڭ سىستېمىسى پالەچ بولۇپ قېلىپ ئۆچۈرۈلۈپ كەتتى. 3-قېتىم بولسا يېقىنقى تەرجىمە، 2 قېتىملىق تەرجىمە قىلىشتىن ساۋاق ئېلىپ تېخىمۇ ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلىپ چىقتىم، ھەتتا ئارقا سۇپىدىكى تەڭشەكلەردىن تارتىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇم. ئاساسى جەھەتتىن ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردە نورمال كۆرۈنىدۇ. سىلەرگەFirefox تور كۆرگۈچىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئۇسلۇب ئىقتىدارلىرى
- كۆك-قارا رەڭ ئاساسلىق رەڭ قىلىپ ئىشلىتىلگەن؛
- كىچىك قوراللار،باش سۆرەت(gravatar) قوللايدۇ؛
- ئاساسلىق تور كۆرگۈچلەرنى قوللايدۇ؛
- كىچىك كۆرگەزمە ھەمدە باشبەت سەرلەۋھىلىك كۆرگەزمە ئىقتىدارى قوشۇلغان؛
- بەلگىلەنگەن يازمىلارنى ‹‹سەرلەۋھىلىك كۆرگەزمە››ھالىتىدە كۆرسىتەلەيسىز؛
- Twitter ئىقتىدارى قۇشۇلغان؛
- Adsense ۋە باشقۇرغۇچى قوراللىرى سەپلەنگەن؛
- Flickr ئالبوم ئىقتىدارى سەپلەنگەن؛
- ‹‹ئالاقىدار يازمىلار››قىستۇرمىسى قوشۇۋېتىلگەن؛
- بەت ئاستىدا ئاۋات يازمىلار رايونى ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛
- بەت يېنىغا تۆت كىچىك ئېلان رايونى سەپلەنگەن؛
- ئۇسلۇب تەڭشەكلىرى بار؛
- ئاساسلىق قىستۇرمىلارنى قوللايدۇ؛
- ئۇسلۇب Alpida unicode system خەت نۇسقىسىدا تەڭشەلگەن؛
- ئالدى بەت,ئارقا بەت تامامەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ؛
- ئۇسلۇبنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ،ئەمما نەشىر ھۇقۇقى ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ؛
- مەزكۇر ئۇسلۇب PageNav قىستۇرمىسى بىلەن ماسلاشماسلىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن؛
- كۆرگەزمە سۆرەت چوڭلۇقى:125 × 125px؛
- سەرلەۋھەلىك كۆرگەزمە سۆرەت چوڭلۇقى:550 × 190px؛
بايانات
بۇ قېتىم بۇ ئۇسلۇبنى ئىلقۇت بلوگىدىن باشقىلارغا ھەقسىز تارقاتمايمەن. بۇنداق قىلىشىمنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:
1. بىر خىل ئۇسلۇبنى ھەممە كىشى ئىشلىتىپ ئۇسلۇب پاخاللىقى كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
2. ئانچە مۇنچە بولسىمۇ ئىقتىسادى كىرىم قىلىپ پرېستاننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۇسلۇبلارنى ھەقلىق تارقىتىمەن دەپ توۋلاپ يۈرگەن ئىدىم. قارىسام سودا تاز كاسات، بولدىلا، ئۇسلۇب ۋاشاڭ دەپ توۋلاپ تارقىتاي ئەمدى،،،،ھەقسىز تارقاتتىم، ۋاقىپ بولغايسىلەر.
ئۇسلۇب قۇرۇلمىسى ۋە ئىچكى قىسىمى
تەكلىپ ۋە پىكىر
مېنىڭچە بىرقىسىم يەرلىرىدە كەمچىلىك بولىشى مۇمكىن، تورداشلارنىڭ ئۇسلۇبنى ئىشلىتىش جەريانىدا بايقىغان خاتالىق بولسا ئاۋارچىلىق كۆرمەي خاتالىق كۆرۈنگەن ئورۇننى رەسىمگە تارتىۋېلىپ nijat@live.cn غا ئەۋەتىپ قويساڭلار، شۇنداقلا خاتالىقنى تۈزىتىپ ئۇسلۇبنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ تارقىتىمەن.
چۈشۈرۈش ۋە كۆرۈش
[2010.10.30] كۆرۈش: checkerize | چۈشۈرۈش: checkerize.rar

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [باياننامە] ئۇيغۇربەگ ئىمتىھان ھەلەكچىلىكىدە… (4)
- [خەتلىك فىلىم] ‹‹2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگ››نى سايلاش ھارپىسىدا…. (3)
- بلوگباسنىڭ تاقالغانلىقى ھەققىدە بىرقىسىم قىياسلار
- [ئۇيغۇربەگدىن تىلەكنامە] قوش بايرام مۇبارەك… (5)
- كېلىڭلار ئەزىمەتلەر، WordPress بلوگىمىزغا MP3 قويغۇچنى بىكالىق ھەمدە قىستۇرمىسىز ئورنىتىۋالايلى! (25)
- Prestan Simple 2.0 ئۇسلۇبى ئېلان قىلىندى، چۈشۈرمىگەن بلوگگېرلار ئارماندا… (39)
- Flash ئەسەرلىرىم ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى