ئالدىنقى قېتىم «WordPress دە يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەڭ يېڭى، كۆپ ئىنكاسلىق، ۋە تەلەيلىك يازمىلارنى چىقىرش» دەپ بىر يازما يوللىغان، يېقىندا ئۇسلۇب ياساش جەريانىدا بەلگىلىگەن ۋاقىت ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ئىنكاسلىق يازمىنى چىقىرىش كېرەك بولۇپ قالدى، توردىن ئىزدىسەم بۇنىڭمۇ ئامالى بار ئىكەن، سىناپ باقسام مۇۋپپەقىيەتلىك بولدى. خاتىرە بولۇپ قالسۇن، بۇنىمۇ يېزىپ قوياي.

  • سەھىپە:WP ئۇسلۇبى
  • | باھا:22
  • | زىيارەت: 3,392 قېتىم ئوقۇلدى
  • | ئاپتور: پرېستان
  • | 2012.04.19

ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىز «ئەي خالايىق، يېڭى بىر ئۇسلۇب قاتىللىقىغا گۇۋاھ بولغايسىزلەر، تىز كېلىڭلار، قۇتقۇزۇڭلار…»دا ئېيتىلغاندەك ئۆزۈمنىڭ يېڭى بىر ئىجادىي ئۇسلۇبىنى ئاخىرى پۈتتۈرۈپ چىقاردىم. بۇ ئۇسلۇب ئالدىنقى قېتىم ئىشلىگەن Prestan Simple قۇرۇلمىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، تۇرايىمىزنىڭ قائىدىسى بۇيىچە ئاۋۋال خاتالىقلارنى تۈزۈتۈپ، ئاندىن ھەقسىز تارقىتىشنى قارار قىلغان ئىدىم، شۇنداق قىلىپ بۇ ئۇسلۇبمۇ ئاخىرى پۈتتى، ھاردۇقۇممۇ چىققاندەك بولۇپ بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، سىلەر ياقتۇرۇپ ئىشلەتسەڭلارلا ناھايىتى خۇرسەن بۇلاتتىم...

«wordpress تە بارلىق بەتنى نومۇرىنى كۆرسىتىش» بۇ نېمە دېگەن گەپ ئەمدى؟ بۇ دېگىنىمىز بلوگىڭىزنىڭ ئاستىدا بەت ئۆرۈش رايونى بولىدۇ، يەنى 1-بەت، 2-بەت، ...، دېگەندەك، دەل شۇ ئورۇندا بارلىق بەت نومۇرىنى كۆرسىتىش دېگەنلىك. بۇرۇن ئۇيغۇربەگ تور تۇراسىدا شۇنداق بەت ئۆرۈش ئۈنۈمى بار ئىدى، كېيىن باشقا خىلدىكى بەت ئۆرۈش ئىقتىدارنى سەپلىگەن.

بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن ئەرك بۇرادەر بلوگىدا «بادامدىكى ئاتالمىش "ۋىرۇس" نى تازىلىۋەتتىىم» ناملىق يازمىسىدا ئۆزىنىڭ بلوگىدىكى ئاتالمىش Trojan.JS.Redirector نامىدىكى يېڭى چىققان ۋىرۇسنى تازلاش جەريانىنى قالدۇرۇپتىكەن، ئۆزۋاقتىدا يازمىسىنى مۇنداقلا ئوقۇپ ئۆتۈپ كەتكەن، بۈگۈن مەلۇم تۇنۇشنىڭ بلوگىنى ئاچسام ۋىرۇسخورۇم Trojan.JS.Redirector نامىدىكى ۋىرۇستىن مۇداپىيەلەنگەنلىكىن ئەسكەرتتى، تەپسىلى قارىسام ئەركنى بوزەك قىلغان ۋىرۇس ئىكەن.

يېقىندا بلوگىمغا ئالمىشىپ تۇرىدىغان رەسىم(幻灯片) قوشتۇم. بەزى دوستلار ئۆزىنىڭمۇ بلوگىغا مۇشۇنداق ئىقتىدارنى قوشقۇسى بارلىقنى ئېيتتى، ئۇنداقتا مەن بۇ ئۈنۈمنى قانداق قوشقانلىقىمنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتەي، دوستلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قوشۇۋېلىشى ئۈچۈن مەن بارلىق كودلارنى بىرلا php ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە يىغىپ قويدۇم، بۇنداق بولغاندا بىرقانچە ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىپ قالالايسىلەر.

01

ئەي خالايىق، ئەي ئاۋام خاس، بلوگ ئۇسلۇبىغا زار بولغان، ئۇسلۇب تاپالماي خار بولغان، بلوگلىرى قانغا تولغان ئەزىمەتلەر، ئاڭلىمىدىم دېمەڭلاركى، ئۇسلۇب قاتىلى، تۇرايىمىزدىكى داڭلىق قاسساپ پرېستاننىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى، بلوگ ئىچى-سىرتىدىكى ئۇنسۇرلارنىڭ تىل بۈرۈكتىرىشى بىلەن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ سىرىتقى قىسمىدا ئۇسلۇب قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ قېتىم قاتىللىق ۋەقەسىنىڭ باش گۇماندارى پرېستان «Prestan Simple» ئۇسلۇبىنىڭ كەينىگە كېرىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كود يېزىش، كود ئۆزگەرتىش، كود كۆچۈرۈش قاتارلىق ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ «Prestan Uzhal» ناملىق بىر ئۇسلۇبنىڭ قاتىللىق ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى، بۇ ۋەقەدە «Prestan Simple» ئۇسلۇبى ئاساسىدا  «Prestan Uzhal»  ناملىق يېڭى ئۇسلۇب ياسالدى، قېنى بېرىپ بۇ قاتىللىققا گۇۋاھ بولغايسىزلەر…

756-1

ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىز «WordPressدە رەڭدار خەتكۈچ ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىشنىڭ ئىككى تەدبىرى»دە بىز بلوگىمىزدىكى رەڭدار خەتكۈچنى قانداق ھاسىل قىلىشنى ئۆگىنىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۇ قېتىملىق يازمىمىزدا بولسا، ئاشۇ يازمىمىزدىكى تېخنىكىنىڭ داۋامى بولغان رەڭدار خەتكۈچ بېتى ياساشنى ئۆگىنىپ ئۆتكۈسىمىز. رەڭدار خەتكۈچ بېتىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز ئاۋۋال ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدىكى خەتكۈچزارلىقنى زىيارەت قىلىپ بېقىڭ. خوش، يازمىنىڭ داۋامىغا مەرھەمەت…


HTML ھالەتتىكى يازما يېزىش رايونىغا ئۆزىمىز بەلگىلىگەن كۇنۇپكىنى بەلگىلەپ قويساق بەزىدە بىزگە ئاز بولمىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، مەسلەن سىز كۆپ ئىشلىتىدىغان مەلۇم بىر جۈملىنى ياكى رەسىم قىستۇرۇش كودىنى بىر كۇنۇپكا بىلەنلا يازما يېزىش رايونىغا پەيدا قىلالايسىز. ئەگەر سىز مەن بەك ھورۇن كۇنۇپكا باسمىساممۇ يازما يېزىش رايونىدا مەلۇم بىر جۈملە خەت پەيدا بولۇپ تۇرسۇن دېسىڭىز مەن بۇندىن بۇرۇن يازغان «WordPress يازما يېزىش رايونىغا سۈكۈتتىكى خەتنى قوشۇش» دېگەن يازمامنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.

cropped-000

ئىجادىي ئۇسلۇبىمىز prestansimpleنىڭ يېڭى نەشىرىدە رەڭدار خەتكۈچ ئۈنۈمى قوشۇۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار. ئەلۋەتتە، قىستۇرما ئارقىلىق ھاسىل قىلىش بۇنىڭ ئەڭ ئاددىي جاجىسى. بۈگۈن تۇرايىمىزدا يېقىندا يوللانماقچى بولغان رەڭدار خەتكۈچزارلىق بېتى قۇرۇش تەدبىرىنىڭ ئالدىدا ئاشۇ رەڭدار خەتكۈچ ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىشنىڭ بىر قانچە تەدبىرىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. قېنى، بلوگگېرلار ئىنكاسقا مەرھەمەت…

74-1

WordPress  ساھەسىدە ئازراق ئىزدىنىپ باققانلار ۋە ياكى WP-PostViews قىستۇرمىسىنى چۈشۈنىدىغانلار شۇنى ئەلەم بىلەن ئىتىراپ قىلىدۇكى، WP-PostViews قىستۇرمىسى بلوگدا كەم بولسا بولمايدىغان قىستۇرمىنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن نەچچە ئەسىر مۇقەددەم ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى «[مەخپىي رېتسىپ]WordPress قىستۇرمىسى WP-PostViews ۋە ئۇنى ئىشلىتىش» ناملىق يازمىمىزدا ھەم سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەپسۇسكى، تا ھازىرغا قەدەر بۇ قىستۇرمىنىڭ تەڭشىكى ئىنگىلىزچە ئىدى، بۈگۈن شۇنى تەنتەنىلىك جاكارلايمىزكى WP-PostViews قىستۇرمىسى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى، ئەمدى بۇنى ئىشلىتىش ھەققىدە تەپسىلىي مەزمۇنغا ئىگە بۇلايلۇق.


بىر قىسىم بلوگلارنى بىر قانچە كىشلەر بىرلىشىپ يازىدۇ، مەسىلەن، ئۇيغۇربەگ تور تۇراسىنى ئۇيغۇربەگ بىلەن پرېستان بىرلىشىپ يازغاندەك. بۇنداق بولغاندا مەلۇم يازمىنى سىز يازسىڭىز يازما ئاستىدا سىزنىڭ باش سۈرىتىڭىز، ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالىڭىز چىقىپ تۇرسا زىيارەتچىلەر ئاسانلا سىزنىڭ يازغانلىقىڭىزنى بىلىۋالىدۇ. بۇ خىل ئىقتىدارنى بلوگىڭىزغا قوشۇش ئۈچۈن سىز تۆۋەندىكى بىر قانچە قەدەم باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتسڭىزلا بولىدۇ.

201112724731362

مەزكۇر تېما مەشئەل تورىدى كۆچۈرۈپ كېلىندى. ئاللاھدىن ئۇ سىڭلىمىزغا شىپالىق تىلەيمەن!

ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 8-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى گۈزەلنۇر ئەخمەت 16-كەنت 4-دۈيدىن بۇلۇپ، بۇ يىل 15 ياشقا كىرگەن ئىدى. 2011-يىلى 7-ئايدا بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىلەن ئاپتونۇم رايونوۇق تىببى ئىنىستىتوت دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان بولسىمۇ، كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانماستىن بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى قىلىشقا توغرا كەلدى. گۈزەلنۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى دېھقان بۇلۇپ، ئاران 10 تېرىلغۇ يېرى بار بولغاچقا، ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن نۆۋەتتە بۇ سەبى ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە تۇرماقتا.

无觅相关文章插件,快速提升流量