magic-links

«ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى»نى چەتئەلنىڭ باشقا بىر بوشلۇقىدىن ئۆزىمىز ئىشلىتىپ يۈرگەن باشقا بىر بوشلۇققا كۆچۈپ كەلگەنلىكىگە بىرەر ئەسىر بولاپ قالغان ئوخشايدۇ. يېقىندا، بىر قانچە خېرىدارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بوشلۇق كۆچۈرۈش ھەققىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەپىرىمىزنى باشلاپ ئۆتۈپ، «WordPressدە مۇكەممەل بوشلۇق كۆچۈرۈشنىڭ سىرى ۋە تەدبىرى»ناملىق مەزكۇر يازمىمىز ئۈچۈن تەييارلىق قىلدۇق، مەزكۇر يازمىدا رەسىم يوق، فىلىم يوق، پەقەت ناھايىتى كەسپىي بولغان ئاتالغۇلار بىلەن بوشلۇق كۆچۈرۈشنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپىنى سۆزلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە بارلىق جەرياننى خەرىتە شەكىلدە ئىزاھلاپ بېرىمىز، يازمىمىزغا چۈشكەن ئىنكاس ۋە تەلەپلەرگە قاراپ، مەزكۇر مەشخۇلاتنىڭ تولۇق جەريانىنى رەسىملىك ئىزاھلاپ چىقىشىمىز مۇمكىن، ئەمىسە يازمىنىڭ داۋامىغا مەرھەمەت…

Sina تورنىڭ كۆپچىلىككە سۇنغان بۇلۇت سۇپىسى SAE نىڭ تەمىنلىگەن ھەقسىز پىروگىرامما ئېچىش سۇپىسىدا نۆۋەتتە مودا بولىۋاتقان، كۆپ كىشلەر ئىشلىتىۋاتقان يېڭى پروگراممىلارنى خالىغانچە قاچىلاپ سىناپ ئىشلىتىش ۋە بىۋاستە تور يۈزىدە پروگرامما يېزىپ ئېلان قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

wordpress تە ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ، مەسىلەن بىر قىسىم ئۇسلۇبلاردا ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكى ئارقىلىق نادىر سۈرئەت بەلگىلەيدۇ، يازمىنىڭ كۆچۈرۈلگەن ئەسلى ئادرېسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، wordpress دا يازمىدا پەقەت بىرلا ماۋزۇ يازىدىغان ئورۇن بار، ئەگەر سىز ماۋزۇنىڭ ئاستىغا ئىنگىلىزچە ماۋزۇمۇ كۆرىنىدىغان قىلماقچى بولسىڭىز، ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرسىڭىز بولىدۇ.

287-1

ساياھىتىم تۈگەپ ئاغىينەم پرېستان بىلەن ئولتۇرۇپ بەگلىككە قانداقراق ئېسىل تېخنىكىلارنى يوللايمىز، مەسلىھەتلىشەي دەپ ئولتۇرسام بۇ ئاغىينەم يېڭى ئالغان گۈرۈچفون(小米) بىلەن ھەپىلىشىۋاتامدۇ، بىلمىدىم، يوق، ئۆزۈممۇ يېقىندىن بۇيان كومپىيۇتېر ئالدىدا ئۇزاق تۇرمىغاچقا يېڭى تېخنىكىلاردىن خەۋەرسىز قاپتىمەن، تۇيۇقسىز كاللامغا ئىنقىلابىي يولداش پرېستاننىڭ ئۆزقانى بلوگى ئۈچۈن بىر قوللۇق لايىھەلەپ پۈتتۈرگەن(پۇلغا جۇمۇ!…) يەنە بىر قاتىل ئۇسلۇبىنى پرېستانغا بىلدۈرمەي سىلەرگە ئاشكارىلىۋېتىشنى قارار قىلدىم، قىسقىسى، بۈگۈن تېخنىكا ئۆگەنمەيمىز، ئولتۇرۇپ پرېستاننىڭ يەنە بىر قاتىللىقىغا گۇۋاھ بولىمىز! ئەمىسە، قاتىللىق نەق مەيدانىغا قاراپ غەززەب بىلەن ئالغا!…

باشقۇرۇش بېتىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بەزىدە «ئۇ قىستۇرمىنى يېڭىلاڭ، بۇ قىستۇرمىنى يېڭىلاڭ» دېگەن خەت پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ھە ماقۇل دەپ بىرلا يېڭىلاپ قويساق، تەلىيمىزگە ساق يېڭىلانسىغۇ مەيلى، تەلەي كەلمەي قالسا ئۇسلۇبتىكى مەلۇم بىر كود بىلەن پېتىشماي كاشال چىقىدىغان ئىش. يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق يۇقاتسىڭىز بولىدۇ.


google نىڭ ستاتىستىكىسى مەن ھازىرغىچە ئىشلىتىپ باققان ستاتىستىكا قىلغۇچنىڭ ئەڭ نوچىسى، ئەلۋەتتە نوچى بولغاندىكى ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق كەمچىلىكى بولىدۇ، كەمچىلىكى نېمە دېگەندە ئارقا سۇپىسى مۇرەككەپ، تۇلۇق چۈشىنىشكە خېلە بىر مەزگىل كېتىدۇ. ئارتۇقچىلىقىچۇ؟ مەنچە ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى باشقا ستاتىستىكا تور بەتلىرىدەك بلوگىڭىزنىڭ ئاستىدا بېكەت نامى چىقىۋالمايدۇ. بېكىتىڭىزنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە تەسىرى بولمايدۇ.

669-1

مەكتەپكە قايتىپ كېلىشدىن بۇرۇن، يەنى تەتىل مەزگىلىمدە ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرىدىن بىر قانچەيلەن ئېلخەت،QQ ئارقىلىق ياكى تۇرايىمىزغا خەت قالدۇرۇش ئارقىلىق بەگلىكنىڭ يېڭىلىنىشىغا تەقەززا بولىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتىشقان ئىدى. ئۆزۈممۇ، نېمىشقىكىن، مۇشۇ خىلدىكى تەلەپ-پىكىرلەرنى كۆرگەن ھامانلا، بلوگنى يېڭىلاشقا ئالدىراشقا باشلايتىم. ئويلاپ باقسام، مەن بلوگنى ئاشۇ سادىق ئوقۇرمەنلىرىم ئۈچۈن يېڭىلاپ كېلىۋېتىپتىمەن. ئاشۇ ئوقۇرمەنلىرىم نېمىنى خالىسا شۇنى يوللاپ، نېمىنى تەلەپ قىلسا شۇنى يېزىپ كەپتىمەن. گەرچە، پىكىر ئەركىنلىكىم بىر ئاز بوغۇلغاندەك قىلسىمۇ، مەن قەتئىي ۋايسىماي شۇنى يېزىپ كەپتىمەن…


بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ قوللىنىش ئورنى بەك جىق، مەسىلەن باشبەتتە يازمىلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كىچىك رەسىم چىقىرىش (Prestan simple ۋە Prestan Uzhal ئۇسلۇبىدا مۇشۇ ئۇسۇل قوللىنىلغان) ياكى باش بەتتە ئالمىشىپ تۇرىدىغان كىچىك رەسىم (幻灯片) چىقىرىش ۋە ياكى يان ئىستوندا يازما ئىچىدىكى رەسىمنى چىقىرىش دېگەندەك ئورۇنلاردا قوللىنىدۇ. بۇ خىل ئىقتىدارنى قوشۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە.

03

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئەزىز مېھمانلىرىمىز. كۆرگىنىڭىزدەك، تۇرايىمىز، يەنى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى كەڭ بلوگگېرلارغا يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇچۇر، يېڭى ئۇسلۇبلارنى تەمىنلەپ كېلىۋاتقان كەسپىي تېخنىكا بلوگى بولۇپ، پرېستان ئىككىمىزنىڭ ئۇسلۇب ۋە تېخنىكا ئىزنالىرىنى نۇرغۇن بلوگلاردا ئۇچرىتالايسىز. بۈگۈنكى يازمىدىن بۇرۇن بىز نۇرغۇن ھاجەتمەن بلوگگېرلار ئۈچۈن ھەقلىق ياكى ھەقسىز بولۇپ تۈرلۈك جەھەتلەردە ياردەم قىلىپ كەلگەن. ئەلۋەتتە، ھەقلىق ياردەملەرنى قىلىپ ئىقتىسادىي كىرىممۇ قىلىپ كەلدۇق. خوش، گەپكە كەلسەك، تېخىمۇ كۆپ بلوگگېرلىرىمىزغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش شۇنداقلا ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىز ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ كېرىم قىلىش ئۈچۈن بىر مەزگىللىك پىلان ئارقىلىق بلوگ مۇلازىمىتى كەسپىي بېكىتى «بلوگچى.بىز»نى پۈتتۈرۈپ چىقاردۇق. «بلوگچى.بىز» قانداق بېكەت؟ يازما داۋامىغا نەزەر سالغايسىز!…

qsarfdsfsgsg

WordPress سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگۈچى شۇنداقلا WordPress ئۇيغۇرچە نەشىرىنىڭ ئورگان بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى مۇرشىدى ئەپەندىمنىڭ شەخسىي مىكروبلوگىدىكى ئۇچۇرلارغا كۆرە يېقىندا يېڭىلانغان WordPressنىڭ تەرجىمىسى ئىشلەنمەيدىكەن، ئەكسىچە پات يېقىندا تارقىتىلىدىغان WordPressنىڭ 3.4 نەشىرى رەسىمىي تارقىتىلغاندا ئۇيغۇرچە تەرجىمە خىزمىتى باشلىنىدىكەن ھەمدە تىز سۈرئەتتە تاماملاشقا تىرىشىدىكەن.

camera-lens-520x245

ئېسىمدە قېلىشىچە، ئالما مەھسۇلاتلىرى ئۇچۇرلىرى، ھەر خىل ئەپ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئانچە-مۇنچە ئايفون ۋە فوتوگراپچىلىق تېخنىكىسى بىلەن ھەپىلىشىدىغان پاسىبان ئاغامنىڭ بلوگىنى ئايفوندا زىيارەت قىلسا شۇنداق پەچچەت چىقاتتى، ئىچىم قىزىغانتى دېسە. ئەمدى بىلسەم، بۇنىمۇ قىستۇرما ئارقىلىق جايلايدىكەنمىز. خوش، بىر قانچە سائەت ئىزدىنىشىم ئاستىدا ئەقلىيفونلاردا بلوگنى رەتلەپ چىقىرىپ بېرىدىغان قىستۇرما WPtouchنىڭ كۆرۈنمە يۆزىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم، ماڭا ئىشىنىڭكى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى!…

ئالدىنقى ۋاقىتلاردا blog.prestan.net نامىدا بلوگ يېزىپ يۈرگەن، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تور نامىنى prestan.net/blog قا يۆتكەش زۆرۈر بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ بۈگۈن قالاپ ئولتۇرۇپ PR=2 بولغان تور نامىنى تاشلاپ قويۇپ prestan.net تور نامىنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلدىم. ئەلۋىدا blog.prestan.net ، سېنى مەڭگۈ ئەسلەيمەن! سالام يېڭى تور نام، يېڭى بلوگ.... ئەمدى دوستلار بىلەن تور نامىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىمنى بۇ يەردە ئورتاقلىشىپ قويسام.

无觅相关文章插件,快速提升流量