دىيارىمىزدىكى تەڭرىتاغلىرىنى ئەسلىتىدىغان بۇ ئۇسلۇبنى كۆرگەن چاغدىلا تەرجىمە قىلىپ تەييارلاپ قويغانىدىم.سۇس رەڭنى ئاساس بۇ ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىدا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق خەت نۇسقىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى مۇۋاپىق ھالدا تەڭشىدىم ھەمدە بۇرۇن تارقاتقان ئۇسلۇبلارغا ئوخشاشلا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش كودى ۋە ئايرىم بەت ئۇلىنىش كودىنى قۇشۇۋەتتىم.بلوگباس تەمىنلىگەن ئېلانلارمۇ شۇ پېتى قالدى،ئىشلەتكۈچىلەر ئۆز ئىھتىياجىغا قاراپ چىقىرىۋېتىشنى ياكى ساقلاپ قېلىشنى تاللىسا بۇلىدۇ.
بۇ ئۇسلۇبنىڭ نامى بەت ئۈستۈدىكى تاغ رەسىمىدىن ئېلھام ئېلىپ قويۇلدى.
بەت كۆرۈنۈشى(قوش چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ)xanrengti

ئۇسلۇبنى سىناش جەريانىدا ھىچقانداق نورمالسىزلىق كۆرۈنمىدى.ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلىتىش جەريانىدا بىرەر نورمالسىزلىق بايقىساڭلار ئىنكاس ھالىتىدە خەۋەر قىلىپ قويارسىلەر...
بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرىۋېلىڭ

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا WordPress 3.0 beta 2 بۈگۈن رەسىمىي ھالدا تارقىتىلغان بولۇپ،بۇ نەشىرىدىكى WordPressدە ئاساسلىقى ئابونت كۆرۈنمە يۈزى يېڭىلانغان بولۇپ،قاچىلاش ھەمدە چىقىرىش ئىقتىدارلىرىدا مۇناسىپ ھالدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قولايلىق ھالداBeta 2نەشىرىگە كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.
WordPress 3.0 beta 2دە يېڭىلانغان مەزمۇن:
1.تىزىملىك قايتا تەڭشەلگەن بولۇپ،ئابونت كۆرۈنمە يۈزى يېڭىلانغان.
2.بولۇپ،قاچىلاش ھەمدە چىقىرىش ئىقتىدارلىرىدا مۇناسىپ ھالدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قولايلىق ھالداBeta 2نەشىرىگە كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.
3.تىل بۇلىقى تېخىمۇ موللاشقان.
4.بىخەتەرلىك ئىقتىدارلىرى كۈچەيگەن.

ئىنگىلىزچە نۇسخىسىدىن بىر كۆرۈنۈش

WordPress ھەققىدە
Wordpress بولسا ئىقتىدارلىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان،ئىشلىتىشكە ھەم قولايلىق بولغان مەزمۇن سېستىمىسى.بېشىدا،مەزكۇر سېستىمىنىڭ نىشانى بلوگ سېستىمىسىغا قوللىنىش ئىدى.بىراق،كىيىنچە بارا بارا مودىغا ئايلانغاندىن كىيىن ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋە مۇكەممەشلىشىشكە قاراپ ماڭدى،بۇ سېستىمىغا بىرقىسىم يېڭى ئىقتىدار ۋە قۇشۇمچە(插件) قوشۇشقا بۇلىدۇ.
بۇ سېستىما PHP تىلىدا ئېچىلغان بولۇپ،PHP ۋە MySQL ساندانلىق مۇلازىمىتىردا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە توربەتلەردىن ئۇزھال لايىھە تورى دەل مۇشۇ سېستىمىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان.
ئۇزھال تورى ئادرىسى:

http://www.uzhal.com

بۈگۈن بلوگباس بلوگ تەمىنلەش تورىدا يەنە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن بولۇپ،بلوگ باشبېتى ۋە بلوگ مۇنبەرلىرى نورمال،ئەمما شەخسىي بلوگلار ئېچىلماس بولۇپ قالغان.ئۇيغۇر بلوگگېرلار QQ توپىدىكى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىچە تەخمىنەن كەچ سائەت 9:30 لار ئەتراپىدا شۇنداق نورمال ئىكەنتۇق.كىيىن تۇيۇقسىزلا بلوگلار ئېچىلماس بولۇپ قالغان.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ مەنمۇ شۇ ھامان ئۇيغۇربەگنىڭ بلوگباس تور تۇرايىنى ئادرىسىنى سىناپ كۆرۈۋېدىم،دەرۋەقە ئۇلىنىشدا خاتالىق كۆرۈلدى.

سۆرەتتە: بلوگباس خاتالىق ئۇچۇرى

ئاندىن،بلوگباس ئارقا سېپىگە كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باقاي دەپ كېرىۋىدىم،تۆۋەندىكىدەك خاتالىق ئۇچۇرى كۆرۈلدى.

مۇشۇ يىلى يانۋارنىڭ باشلىرىدا بلوگباس 15 كۈن تاقىلىپ قالغان بولۇپ،بلوگباس بلوگگېرلىغا بىرقىسىم قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى.
مۇشۇ يازما يوللانغىچە،بلوگباس شىركىتى بۇ ھەقتە ھىچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.

توربەت ياساش-توربەت ھەۋەسكارلىرى نىسپەتەن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش.بۇ ئىشقا قىزىقىپ قالغان ھەربىركىشى ھەتتا تاماق يىيىشنى ئۇنتۇلۇپ قالسا ئۇنتۇلۇپ قالىدىكىن،ئەمما ۋاقىت چىقىرىپ مەشىق قىلىشنى ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ.ئەمما،بىزدە توربەت ياساش ئۈچۈن ئاۋۋال قەلەم-قەغەز تېپىپ،توربەتنىڭ ئاساسىي گەۋدە قىسمىنى سىزىپ چىقىدىغانلار ئاز بولسا كېرەك.بولمىسا ئۆزىىمىزنىڭ تەجرىبىسى ئاساسىدا شۇ ھامان لايىھىلەشنى باشلايمىز.ناۋادا بىرەرسى توربەت ھەققىدە گەپ تىشىپ قالسا،كۆپچىلىكىمىز توربەتنىڭ رەڭ تۈزۈلۈشى،سۆرەت ئۇرۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىقلارنى ئەسكە ئالىمىز.ئەلۋەتتە،Photoshop ۋە ئۇنىڭ سۈزۈش قۇشۇمچىسى توربەت لايىھىلىگۈچىلەرگە ئاجايىپ تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە ئىدى.
توربەت لايىھەلەشكە ئائىت ماتىرىيال كۆرۈۋېتىپ بىر چەتئەللىك توربەتچىنىڭ توربەت ياساش خاتىرىسىنى كۆرۈپ قالدىم.مېنى ھەممىدىن بەك قىزىقتۇرغىنى،توربەتنىڭ گەۋدىسى ئەمەس بەلكى توربەتچىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال توربەتنى سىدام سىزمىدا لايىھەلەش چىقىشى بولدى...
تۆۋەندە مەن بۇ خاتىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم،بەلكىم سىلەرگە يېڭىچە تۇيغۇ ۋە ئىلھام بەرسە ئەجەپ ئەمەس.

بۇ قىستۇرما ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان قىستۇرما بولۇپ ھەر بىر يازما بېتىنىڭ يان بۆلىكىگە ئورنىتىلىدۇ.ئاساسلىق ئىقتىدارى نۆۋەتتىكى يازمىغا نومۇر قويۇش بولۇپ زىيارەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ خالىغىنى بۇيىچە يازمىلارغا 1 دىن 5 كىچە نومۇر قۇيالايدۇ. قويۇلغان نۇمۇرلار ئوتتۇرىچە ھىسابلىنىپ،نومۇر قۇيۇشقا قاتناشقان ئادەم سانى ئاپتوماتىك خاتىرىلىنىۋالىدۇ.قىزىقىدىغانلار چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار.

ئەسكەرتىش:بۇ پەقەت Pjblogغىلا ماس كېلىدۇ.

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرىۋېلىڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ساۋاقداشلار،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قۇربان ھېيىت ئەھلى،ھەممىڭلارنىڭ ئولۇغ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!

بۈگۈن،مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ بىركۈندە،يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ باشقا بىر شەھەردە،باشقا بىر يۇرتتا بۇ ئەنئەنىۋى بايرىمىمىزنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپتىمىز،شۇ تاپتا بۇ شادلىقتىن پۈتكۈل شېنجېن ئۇنىۋېرسىتىتى شۇنداقلا پۈتكۈل شەھەرئۆزگىچە بىر تۈسكە كىرىپ تۇرۇپتۇ.بۈ خاسىيەتلىك مىنۇتلاردىن نەچچە كۈندىكى قەھرىتان سوغۇق باھارنىڭ ئىللىق ئاپتىپىغا ئايلىنىپ تۇرۇپتۇ.مانا بۇ ھېيت شادلىقىنىڭ قۇدرىتى! مانا بۇ ھېيىت شادلىقىنىڭ خاسىيىتى! مانا بۇ ھېيىت شادلىقىنىڭ ماھىيىتى!دېمەك، بىزنىڭ بۇ شادلىقتىن پەخىرلىنىش ھوقۇقىمىز بار،چۈنكى بۇ ھېيىت بىزنىڭ،چۈنكى بۇ شادلىق بىزنىڭ،چۈنكى بۇ ھاياتلىق بىزنىڭ!

گەرچە، بىزگە ھېيىتلىق خۇشاللىقى ئاتا قىلىدىغان ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىز يېراق يۇرتتا قالغان بولسىمۇ ئەمما بىزگە يېقىنلىق ھىس قىلدۇرىدىغان دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئورتاق خۇشاللىقتىن بەھىرلىنىپ ئولتۇرۇپتىمىز.گەرچە،بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىمىز يۈرىكىمىزدە يادلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ،ئەمما بىزگە شادلىق ئاتا قىلىدىغان بۇ ھېيىت يىغىلىشى بىزگە يېڭىچە قىممەتنى تونۇتۇپ تۇرۇپتۇ.دىمەك بۇ يەردە بىز يالغۇز ئەمەس،بىز غېرىب ئەمەس.مەيلى بىز نەگىلا بارايلى،قۇربان ھېيىت شادلىقى بىزدىن ھەرگىز ئۆكسۈمەس!

.»بىر كۈنى دىگىنە،ئاداش- دېدى بىر ئايال يېنىدىكى خېلى پۇرۇز كىيىنگەن دوستىغا،-زاھىر بۇرھان دىگىنى تۇرپاندا ئاياللاردەك قۇيۇۋالغان ئۇزۇن چېچىنى تازا ياساپ كېچىدە ئاقسالىق قىلغان گەپ.ۋاھ ھاي،شۇنىڭ بىلەن يىگىتلەر ئۇنىڭ ئەدىبىنى راسا بىرىپتۇ.ئاڭلىسام بىچارە نەچچە ئاي ياتقان گەپ.مانا بۇ خەلق ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان ئون سەنئەتكارىمىز ئۈستىدىكى گەپ. كىيىن،زاھىر بۇرھاننىڭ بىر زىيارەت قىلىنىش خاتىرىسىدىن بىلدىمكى،ئەسلى ھەقىقى ئەھۋالدا، زاھىر بۇرھان تۇرپانغا ئۇيۇن قويغىلى بېرىپ ئاخشىمى تۇرپان كوچىلىرىنى ئارىلاۋاتقاندا،ئۈزىنىڭ بىر ناخشىسىنى بىرەيلەننىڭ شۇنداق ياخشى ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ،ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكىسى كېلىپ بارغانىكەن.قارىسا،ئۇ بىر ھاراقكەش بولۇپ ئەمدى بىر ئېغىز گەپ قىلىشىغا مەستلىكى تۇتۇپ ئۇرغان،شۇنىڭ بىلەن بەزى ئۇزاق قۇلاقلىرىمىز بۇ خەۋەرنى چالا پۇچۇق ئاڭلاپ يۇقارقىدەك ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ يۈرۈشكەن.
ئاداش ئاڭلىدىڭلىمۇ؟-دېدى بىر زىيالىي سۈپەت ياش،-ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى كاناي راكى بولۇپ ئۆلەپ كېتىپتۇ دەيدۇغۇ؟
-سىلىمۇ ئاڭلىدىڭلىمۇ بۇ گەپنى؟-دېدى ئۇنىڭ خىزمەتدىشى ھەيرانلىقىنى يۇشۇرۇپ بولالماي،- مەن بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا شۇنداق دەپ ئاڭلىغان.
-ھازىر ھەممە خەقنىڭ ئاغزىدا شۇپاراڭ. ھەي ئىسسىت بىچارە،كاناي راكى بولغان ئادەم ئۆيىدە ئارام ئېلىپ جىم ياتماي نېمە بار ناخشا توۋلاپ ھاياتىنى قىسقارتقۇچە!

مۇرات كەكىللى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تاركان،ئىبراھىم،گۆھتان قاتارلىق ناخشىچىلاردەك ئانچە تۇنۇش ئەمەس. بېراق، << بۇ ئاخشام ئۆلەرمەن >> دىگەن ناخشىنى ئاڭلاپ باققانلارغا ئۇ چۇقۇم ناھايىتى چۇڭقۇر تەسىرىنى قالدۇرغان. << بۇ ئاخشام ئۆلەرمەن >> دەل بىز بۈگۈن تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىدىغان ناخشىچى مۇرات كەكىللىنىڭ بۇلىدۇ.

مۇرات كەكىللى 1968-يىلى 18- ئاپرىل ئادانا(Adana)دا تۇغۇلغان بولۇپ،باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىنى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئادانادا ئۆتكۈزگەن. ئائىلىسى نامرات بولغاچقا،مۇرات كەكىللى كىچىگىدىن تارتىپ جاپا مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەن.ئۇ تەتىل كۈنلىرى مەھەللىسىدە يەل يىمىش ساتاتتى،مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇرات كەكىللىنىڭ بېشىغا تەلەي قۇشى قۇنۇپ ئادانا ياشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشۈپ قالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ يېنىدا ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.ھەمدە بىر پىئانىنو چالىدىغان ياش بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ پىئانىنوغا ناھايىتى ئىشتىياق باغلاپ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشكە باشلايدۇ.شۇنداق قىلىپ، مۇرات كەكىللىنىڭ سەنئەت ھاياتى باشلىنىدۇ.

كىچىگىمدىن ئاجايىب ئارمىنىم بار ئىدى.گېزىت-ژۇرناللاردىن،مەكتەپ رادىئوسىدىن دائىم ‹‹ پالانى مانچە توننا ئالتۇن تېپىۋېلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەن.››،‹‹پۇستانى مانچە مىليون خەلق پۇلى تېپىۋېلىپ ساقچىغانىغا ئاپىرىپ بەرگەن››دىگەندەك ئۇچۇرلارنى ئىشىتكەندە ئاشۇ كىشىلەرگە ئاجايىب ھەۋىسىم كېلەتتى.ئىچىمدە ئۆرتىنەتتىم،نىمىشقا ماڭىمۇ ئاشۇنداق پۇل،ئالتۇنلار ئۇچرىمايدىغاندۇ،نېمىشقا ماڭا شۇنداق ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتى كېلىپ داڭقىمنى پۈتۈن ئالەمگە تارىتىدىغان ۋاقىت يوقتۇ دەپ ئۆكۈنەتتىم.شۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان ئاخشىمى بولسا ئاجايىب چۈشلەرنى كۆرەتتىم-يۇ يەنە ئويغۇنۇپ پۈتمەس ھەسرەتتە قالاتتىم.ھەي شۇ،شۇ ئارمانغا چۇشلۇق يول يۈرگەندە يەرنى تىشىۋەتكۈدەك قاراپ ماڭغان بولساممۇ،كىشىلەرنىڭ يانچۇقىغا ئوغرىدەك قاراپ قاچان بىر مانچە پۇلى چۈشۈپ قالاركىن دەپ تەلمۈرسەممۇ،ئۇنداق ‹‹تەلەي››لەر ماڭا نېسىپ بولمايۋاتاتتى،ئەمما ، گېزىتلەردە بۇنداق خەۋەرلەر زادى ئۆكسۈمەيتى،يۈرەك ئاغرىقىم ھەم توختىمايتى...
چوڭ بولدۇم،چوڭ بولغاندىن كىيىن مۇنداق خام خىيالنى بىر مەزگىل تەرك ئەتكەن بولساممۇ،بۈگۈنكىدەك يۇقىرى ئىستىمال مەزگىلىدە يانچۇقۇم ئۆكسۈشكە باشلىغاندا،شۇ خىيال ئازغۇندەك كاللامغا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالاتتىيۇ ،بىردەملىك ۋەسۋەسىگە تاشلاپ قويۇپ يەنە يوقاپ كېتەتتى،مەنمۇ رېئاللىققا قول قويۇپ يەنە ئىشىمغا ماڭاتتىم.كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىسىدە كېتىپ باراتتى...

ناۋادا سىزEOT ياساشنى بىلمىسىڭىز ياكى ياساشنى ئەپسىز كۆرسىڭىز مەزكۇر يۇمتال ئارقىلىق توردىن تەييار بولغان EOTنى چۈشۈرۈپ ئادرىسىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئادرىسىغا توغرىلاپ قويسىڭىزلا يېڭى EOT ھاسىل بولىدۇ.قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق،چۈشۈرۈپلا ئىشلىتەلەيسىز!

كۆرۈنمە يۈزى يۇقارقىدەك

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرىۋېلىڭ

شېئىرغا كۈيۈپ يۈرگەن زامانلىرىم تۇيۇقسىز ئېسىمگە كېلىپ قالدى.شۇنداق،ئۇزۇن بوپتۇ،قەلەم بىلەن مۇڭدىشىپ يۈرۈكۈمدىكى گەپلەرنى تۆكۈپ باقمىغىلى.تۇيۇقسىز،ئۇ -قەلەم كەلدى،مېنىڭ ھالىمنى سورىدى.يېغلىدىم،ھەيران بولدى؛كۈلدۈم،ئەجەبلەندى.شۇنىڭ بىلەن يۈرۈكۈمدىكى ئويلار پۈتۈلۈپ بىر شېئىر بولدى....
-خاتىرەمدىن

phpنى يېڭىدىن ئۆگەنگەن ھەۋەسكارلار ئۈچۈن، php مۇھىتى ھازىرلاش بىرقەدەر قېيىن بولغان ئۆتكەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بۈگۈن مەن مۇشۇ ھەۋەسكارلارغا php مۇھىتىنى AppServ ئارقىلىق تىز سۈرئەتتە،قولايلىق ھالدا قۇرۇپ چىقىشنى ئۆگىتىش مەقسىتىدە مەزكۇز يازمامنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن(AppServ ئارقىلىق php ئىجرا مۇھىتىنى ھازىرلىغىلى بولۇپمۇ قالماي يەنە
Apache مۇلازىمېتىرى،MySQL ساندان،phpMyAdmin قاتارلىقلارنىمۇ قۇرغىلى بولىدۇ)

ئاۋۋال،توردىن ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق بولغان نەشىردىكى AppServ يۇمتالىنى چۈشۈرىمىز.ئوخشىمايدىغان نەشىردىكى بۇ يۇمتالنىڭ پەرقى پەقەت شۇ Apache مۇلازىمىتىرى،MySQl ساندانى نەشىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن ئېبارەت.بۇ يەردە بىز 2.5.10 نەشىرىدىكى AppServ يۇمتالىنى چۈشەندۈرىمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量