ئەي خالايىق،كەڭ ئاۋام-خاس! ئاڭلىمىدىم دېمەڭلاركى،بۈگۈن ئولۇغ قۇربان ھېيت،بۇ كۈن شۇنداق بىر كۈنكى،ھىچقايسىڭلارنىڭ كۈلمەي يۈرۈشۈڭلارغا رۇخسەت يوق!ئايالى بارلار ئايالى بىلەن؛بالىلىرى بارلىرى بالىلىرى بىلەن؛شۇنداقلا ئاتا-ئانا،ئورۇق-تۇققانلىرى بىلەن؛دوست-بۇرادەر،تونۇشلىرى بىلەن؛خىزمەتداش-ساۋاقداشلىرى بىلەن جەم بولۇشسۇن!ئوخشىتىلغان قوي شورپىسى،ساڭزا،توقاچ قاتارلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول ئۇيغۇرچە يېمەكلىكلەردىن بەھۇزۇر ھالدا خالىغانچە يېيىشسۇن!تاپالمىغانلىرى ھازىرلا ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا كېلىشسۇن،ئېمپىرىيە خەزىنەسىدىن ھەربىرەيلەنمە بىرپاتمان خۇشاللىق ۋە مىڭ پاتمان بەخت تەييارلاپ قويۇلدى،كېلىپ بەھۇزۇر ئېلىپ كېتىشسۇن!بىرنەچچە كۈن خاپىلىق ياكى تەشۋىش تارتىشقا سەللىمازا رۇخسەت يوق،خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئېمپىرىيە تۈرمىسىدە كۈلدۈرۈش،قىززىق سۆز ئېيتىپ بىرىش جازاسى بېرىش بىلەن بىرگە،ئاھ ئۇرماسلىق،ئۈمىدۋار-جاسارەتلىك ياشاش قاتارلىق سېلىق سېلىنىپ،مۇددەتسىز بەختلىك بولۇش تۈرمىسىگە تاشلىنىدۇ!ئاخىرىدا،شۇنى سۈر بىلەن جاكارلايمىزكى:ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!….يارلىق تامام،ھېيت پەتىسى باشلانسۇن!

ئۇيغۇربەگ ئاگىنتىلىقى جىددىي خەۋەر قىلىدۇ:كۆرۈپ تۇرغىنىڭىزدەك،ساپمۇ-ساق 1 ھەپتە داۋاملاشقان مارافونچە كود ئۆزگەرتىش ۋە تۈزەش پائالىيىتى بۈگۈن ئاخىرلىشىپ ئاخىرى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ يېڭى ئۇسلۇبى مەيدانغا چىقتى! ئەسلى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ 1 يىللىقىنى خاتېرلەش بىلەن تەڭلا ۋاقىتتا ئۇسلۇبنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلاشقان بولساقمۇ,ۋاقىتنىڭ ئالدىراشچىلىقى سەۋەبىدىن ئۇسلۇب ئۆزگەرتىش ۋە تۈزەش پائالىيىتى بەكلا كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى. كۈندە دىگۈدەكلا بىر ئىككى قۇردىن ئۆزگەرتىپ يۈرۈپ بۈگۈن ئاساسى جەھەتتىن تەڭشەپ پۈتتۈردۇق.

دوستلانىڭ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يوقۇققان مەسىلىلەرنى يەنى ئۇسلۇبنىڭ ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردىكى نورمالسىز يەرلىرىنى ئېغىر كۆرمەي بىزگە مەلۇم قىلىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھەيھات،زامان پىرقىراپ،يەرشارى چۈرگىلەپ،زامان ئۆز يولىدا كېتىۋىرىدۇ.ۋاقىتنىڭ ئېقىشىغا كۆزىمىزنى مىتىلدىتىپ قاراپ تۇرۇشدىن باشقا ئىش قولىمىزدىن كەلمىسە كېرەك.شۇنداق قىلىپ،ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىمۇ نەقمۇ-نەق بىر ياشقا كىرىپ،بارغانسىرى پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە ئىدى.دەسلەپدە تەمتىرەپ يۈرگەن بۇ گۈدەك بالا ئەمدىلىكتە پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ يۈزلىنىپ،نەزىرىنى تېخىمۇ يېراق،تېخىمۇ ئۇزاق يەرگە قاراپ ئاغدۇرماقتا ئىدى.چۈنكى،ئۇ-چوڭ بولىۋاتاتتى؛چۈنكى-ئۇ يۈكسەلمەكتە ئىدى.


رەڭ-توربەت لايىھەلەشدە توربەتلەرنىڭ كۆركەملىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.بىرنەچچە كۈن ئاۋۋال،ColourLovers.com بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ،ئۇلار ئامىرىكىدىكى ئالدىنقى 100نىڭ ئىچىدىكى توربەتلەرنىڭ تۇغلىرى ئاساسىي جەھەتتىن 12 خىل رەڭدىن تەركىب تاپقانىكەن.بۇنىڭ ئىچىدە كۆك رەڭنى ئىشلەتكەن بېكەتلەر ئەڭ كۆپ ئىكەن،ئۇندىن قالسا قىزىل،سېرىق،يېشىل رەڭلەر ئىكەن.مەن بۇ 12 خىل رەڭنىڭ RGB كودىنى چىقىرىپ قويدۇم،قىزىقىدىغانلار كۆرۈپ پايدىلانغايسىلەر.


چەۋەندازلار بلوگىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان ‹‹دۇنيادىكى 10 داڭلىق توركۆرگۈ(تۇرايىمىزدا ئىزچىل ‹جاھاننامە›دەپ ئېلىنىپ كېلىۋاتىدۇ›› ناملىق يازمىسىنى كۆرگەندىن كىيىن،تۇيۇقسىز كاللامغا ‹‹دۇنيادىكى سىز بىلمەيدىغان 10 تور كۆرگۈ(جاھاننامە) ››لەرنى تونۇشتۇرغۇم كېلىپ،مەزكۇر يازمىنى تەييارلاپ چىقتىم.ناۋادا،سىز Firefox. Internet Explorer. Chrome. Safari. Opera قاتارلىق جاھاننامىلەردىن زىرىكىپ قالغان بولسىڭىز،بۇ يەردە تونۇشتۇرغان جاھاننامىلەرنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ،بەلكىم نەزەر دائىرىڭىز تېخىمۇ ئېچىلىپ قالغۇسى.

WordPressنىڭ قالتىس يەرلىرىدىن بىرى،مەزكۇر سېستىما چىراي ئىپادىسىنى قوللايدىغان بولۇپ،يازمىڭىز ھەمدە ئىنكاسلىرىڭىزدا چىراي ئىپادىسىنى قوشۇپ،يازغانلىرىڭىزغا ئاجايىب تۈسلەرنى قوشقىلى بولىدۇ،ئەلۋەتتە،بۇ ئىقتىدارنى ئېچىش ئۈچۈن Custom Smilies قىستۇرمىسىغا ئوخشاش قىستۇرمىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىسىز ئەلۋەتتەبۈگۈن بىرنەچچە يۈرۈش WordPress چىراي ئىپادىلىرىنى توننىلاپ ئەپكەلدىم،پارچىلاپ تارقىتىمەن!لازىم بولغانلار تىزدىن يۈگۈرەپ كېلىڭلار!

كۈتۈپخانىغا چىقىپ ئۆگۈنۈش قىلىپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، تۇيۇقسىز كۈتۈپخانىغا كىرىپ ئۆگۈنۈش قىلىشنى سېغىنىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن يەكشەنبە كۈنى سەھەر تۇرۇپ سومكامنى مۈرەمگە ئېسىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن كۈتۈپخانىغا قاراپ ماڭدىم. ئىشىكتىن كىرىدىغان چاغدا كارتا سۈركىمىسەك كۈتۈپخانىغا كىرگۈزمەيدىغانلىقى ئېسىمگە كېلىپ ھەميانىمنى ئاختۇرسام كارتام يوق. ھىم... شۇنچە ياتاقتىن سوكۇلداپ ئاران كەلسەم مۇنداقلا كېتىپ قالماي دەپ ئىچىگە قاراپ ماڭدىم. ئارقامغا قايتسام قايتىپ كەلمەسلىكىم ئېنىق. ئىچىگە كىرسەم قاراۋۇللار بىر-بىرى بىلەن ھەدەپ پاراڭ سوققىلى تۇرۇپتۇ. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ غىپپىدە كىرىۋالدىم. ھى ھى... بۇرۇنمۇ بىرقانچە قېتىم مۇشۇنداق كىرىپ باققان ئىدىم. شۇنداق ئارلاپ ئاران دېگەندە بىر ئورۇن تاپسام 这里有人 دەيدۇ، 好 دەپ 2- قەۋەتكە چىقسام لىق ئادەم. ئامالسىز كارىدوردىكى  ئورۇندۇقتىلا ئولتۇردۇم، ئەلۋەتتە بۇ ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىلى يوق.

Prestan_1.0 ئۇسلۇبىنى تارقاتقاندىن بۇيان نۇرغۇن بلوگېر دوستلار   يېقىندىن ياقتۇرۇپ ئىشلەتتى. بۈگۈن ئېلان قىلماقچى بولغان ئۇسلۇب بولسا   Prestan_1.0 ئۇسلۇبىنىڭ ئەسلى نەشىرى بولغان checkerize ئۇسلۇبى، بۇ ئۇسلۇب   wordpress نىڭ ئۇسلۇبى. ئەينى چاغدا مەن مۇشۇ ئۇسلۇبتىن ئۆرنەك ئېلىپ   Prestan_1.0 ئۇسلۇبنى ياساپ چىققان.

يۈكسەل بلوگى باش بولۇپ تەشكىللەپ،نۆۋەتتە تەشۋىقات ھالىتىدە تۇرغان ‹‹2010-يىللىق  10 چوڭ Blogنى باھالاش›› پائالىيىتىنىڭ چاقىرىقنامىسى يوللانغان چاغدا،كەمىنە ئۇيغۇربەگ ھەدەپ ساياھەت تەييارلىقىدا تۇرغان بولغاچقا،مەزكۇر ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە بولغان قوللىشىمنى ھەمدە ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنىنى بىلدۈرۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدىم.نۆۋەتتە،ئۆزۈمنىڭ بىلىپ-بىلمەي قىزىقىش ئىچىدە شۇڭغۇپ كىرگەن بۇ بلوگ ھاياتىمغا نەزەر تاشلاۋېتىپ،ئەينى چاغ 2008-يىلى ئۇيغۇرلاردىكى ئون چوڭ بلوگ بولۇپ باھالانغان جەك بلوگى،دۇنياقارا بلوگى ئارامگاھ بلوگى، ئاناتىلىم بلوگى،شۇنداقلا كىچىكىپرەك بايقىغان يۈكسەل بلوگىنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرلىرىنىڭ ناھايىتى زورلىقىنى ھىس قىلدىم،نۆۋەتتە،بۇ پائالىيەت يەنە داۋام ئەتمەكتە ئىدى،بۇ قېتىم مەنمۇ بۇ پائالىيەتنىڭ باش-ئاخىرىنى كۈزەتمەكتە ئىدىم...

بالىلىق ۋاقىتنى ئەسلىسەملا،ئەينى چاغ يالغان تاپانچىنى ئېلىۋېلىپ،ئوغرى-ساقچى ئويۇنى قىززىتقىنىم؛مەھەللىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغا كىرىۋېلىپ مۆكۈشمەك ئوينىغانلىرىم؛قۇشقاچ بالىسى تۇتىمەن دەپ قىرىق گەز ئىگىزلىكتىكى تېرەكلەرگە چىقىۋېلىپ،چاڭگا بۇزغىنىم؛كۆرۈپ قانمايدىغان ‹‹شىر پادىشاھ›› قاتارلىقلار ئېسىمدىن قەتئىي چىقمايدۇ.تور ئارىلاۋېتىپ،تەسەۋۋۇرغا باي چەتئەللىك كىچىك دوستلارنىڭ قىززىقچىلىقىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ،ئىختيارسىز بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم.قېنى،سىزمۇ بۇلارنىڭ قىززىقچىلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ،سىزمۇ مۇشۇنداق تەسەۋۋۇرلارغا باي كەلگەنمىتىڭىز.... :lol:

تۇرايىمىزنىڭ نەشىرى WordPress 3.01گە يۇقىرىلىتىلغاندىن كىيىن،تىمىلارغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆزدىن كەچۈرۈۋېتىپ،باشقۇرغۇچى ھالىتىدە قايتۇرۇلغان ئىنكاسلاردىكى Gravatar  باش سۆرىتىمىز(پرېستان بىلەن مېنىڭ)نىڭ ‹‹جىندەك››غايىب بولغانلىقىنى بايقاپ ئەرۋاھىم مىڭ گەز ئۆرلىدى،خۇداغا شۈكرى،ھېلىمۇ مېنىڭ ئالدىمدىمۇ بىرسى مۇشۇ مەسىلىگە يولۇقۇپ ھەل قىلىپ بوپتىكەن،بولمىسا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىمەن دەپ يەنە قانچە تال چېچىم چۈشۈپ،پاينەكباشلىققا بىرنەچچە قەدەم يېقىنلىشار بولغۇيتۇم!...

مو بلوگ سىستېمىسى WordPress ئالدىنقى 3.0 نەشىرىدىن باشلاپ CMS يۈلىشىدە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. قىشقىغىنا تۆت ئايدىن كىيىن WordPress نىڭ 3.1 نۇسخىسى چىقىدۇ. ,3.0 نۇسخىغا سېلىشتۇرغاندا، 3.1 نۇسخىدا بىرقەدەر چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量