1345267354

ئەي خالايىق،كەڭ ئاۋام-خاس! ئاڭلىمىدىم دېمەڭلاركى،بۈگۈن ئولۇغ روزا ھېيت،بۇ كۈن شۇنداق بىر كۈنكى،ھىچقايسىڭلارنىڭ كۈلمەي يۈرۈشۈڭلارغا رۇخسەت يوق!ئايالى بارلار ئايالى بىلەن؛بالىلىرى بارلىرى بالىلىرى بىلەن؛شۇنداقلا ئاتا-ئانا،ئورۇق-تۇققانلىرى بىلەن؛دوست-بۇرادەر،تونۇشلىرى بىلەن؛خىزمەتداش-ساۋاقداشلىرى بىلەن جەم بولۇشسۇن!ئوخشىتىلغان قوي شورپىسى،ساڭزا،توقاچ قاتارلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول ئۇيغۇرچە يېمەكلىكلەردىن بەھۇزۇر ھالدا خالىغانچە يېيىشسۇن!تاپالمىغانلىرى ھازىرلا ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا كېلىشسۇن،ئېمپىرىيە خەزىنەسىدىن ھەربىرەيلەنمە بىرپاتمان خۇشاللىق ۋە مىڭ پاتمان بەخت تەييارلاپ قويۇلدى،كېلىپ بەھۇزۇر ئېلىپ كېتىشسۇن!بىرنەچچە كۈن خاپىلىق ياكى تەشۋىش تارتىشقا سەللىمازا رۇخسەت يوق،خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئېمپىرىيە تۈرمىسىدە كۈلدۈرۈش،قىززىق سۆز ئېيتىپ بىرىش جازاسى بېرىش بىلەن بىرگە،ئاھ ئۇرماسلىق،ئۈمىدۋار-جاسارەتلىك ياشاش قاتارلىق سېلىق سېلىنىپ،مۇددەتسىز بەختلىك بولۇش تۈرمىسىگە تاشلىنىدۇ!ئاخىرىدا،شۇنى سۈر بىلەن جاكارلايمىزكى:ھەممىڭلارنىڭ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!….يارلىق تامام،ھېيت پەتىسى باشلانسۇن!

code-2

WordPress سۇپىسىدا يازمىلارغا كود قىستۇرۇشنىڭ ھەققىدە توختىتىلىپ ئۆتۈشنى نەچچە رەت ئويلىغان بولساممۇ، تېخنىكىلىق ئىشلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى، ئوچۇقى، كۆڭلۈمگە ياققۇدەك بىرەر كود قىستۇرۇش ئۇسۇلىنى تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر توختىتىلىپ باقمىغان ئىدىم. بىر قانچە بلوگداش دوستلارنىڭ تەلىپى بۇيىچە بۇ نامۇكەممەل يازمامنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن، شۇنداقتىمۇ بلوگداشلىرىمغا ياردىمى تەگسە ئەجەپ ئەمەس.

love11_副本

يېقىندا «ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى»نىڭ ماتىرىياللىرىنى يېڭىلاش جەريانىدا بىر قىسىم ئۈنۈملەرنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن توردىن خېلى ماتىرىياللارنى ئىزدەپ يۈردۈم، بۈگۈن تۇرادىكى بلوگداشلار بىلەن كەپىگە ئىشلەتكەن WordPressدە تەۋسىيە يازما، ئەڭ يېڭى يازما، ئەڭ يېڭى ئىنكاسلارنىڭ ئۆلچەملىك كودلىرىنى ئورتاقلىشىمەن.

Screen-Shot-2012-08-08-at-5.09.51-PM_副本

شۇنداق قىلىپ كەسكىن رىقابەتكە تولغان «2012-يىللىق لوندون يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى» غەلىبىلىك ئاياقلاشتى. گەرچە جۇڭگو ماھىرلىرى شۇنداق كۈچىگەن بولسىمۇ باشتا نىشان قىلغان «مېدال جەھەتتە بىرىنچى بولۇش» نىشانىغا يىتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما 38 ئالتۇن مىدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مىدال ئېلىش قاتارى ۋە ئومۇمىي مىدال ئېلىش قاتارى جەھەتلەردە ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى. نۆۋەتتىكى ئۈچ مىنۇتلۇق سىندا بىز 2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە جۇڭگولۇق ماھىرلار ئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن ئاشۇ دەقىقىلەرگە شاھىد بولغۇسىمىز…

qiang_副本

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، بىلگىنىڭلاردەك بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى يۇكسەل بلوگى تەرىپىدىن پىلانلىنىپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كەلگەن يىللىق «ئون چوڭ ئۇيغۇرچە بلوگ» پائالىيىتى ئۇيغۇر بلوگگېرلىرى ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغان بىر پائالىيەت بولۇپ، بىر ھېسابدا ئۇيغۇر بلوگلىرىنى تەشۋىق قىلىش رولىنى ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپدىن ئۇيغۇر بلوگداشلارغا بىرىلگەن مەدەت ۋە رىغبەتلەندۈرۈش بېرىش مەيدانى، ئۆزىنى تونۇتۇش سەھنىسى ئىدى، ئارىلىقتا بىر يىل ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۈچ قېتىم ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن ھەمدە كەڭ ئۇيغۇر بلوگداشلار ئارىسىدا ناھايىتى ئىناۋەتكە ئىگە پائالىيەت ئىدى. مانا، بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن ئۆتۈپ بولدۇق، بۇ يىلمۇ ھەم بۇ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرىدۇ، ھازىر بولسا پائالىيەتنىڭ ناھايىتى مۇھىم ۋاقتى، يەنى ئاگاھ بولۇڭلار ئەي ئۇيغۇر بلوگداشلار، كاتتا شان-شەرەپ ۋە مۇھىم ۋەزىپە باشلاندى….

cc8_副本

بىر نەچچە كۈن بۇرۇن تۇرايىمىزنىڭ ئىخلاسمەن زىيارەتچىسى بولغان سەھرالىق WordPress 3.4.1 نەشىرىگە يېڭىلاپ ئارقا بەتكە كېرەلمەسلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئىنكاس يوللىغاندىن كېيىن، مەنمۇ ھېچقانداق ئويلىنىپ تۇرمايلا بلوگنىڭ نەشىرىنى كۆتۈرۈپ سىناپ باقتىم، ئىشلەتكىنىم Linux مۇھىتىدىكى Cpanel بوشلۇقى ئىدى. سانداننى خاتىرجەم زاپاسلىۋالغاندىن كېيىن، بلوگداش WordPress مۇنبىرىگە بۇ ھەقتە «WordPress 3.4.1 نەشىرىگە كۆچۈپ ئارقا سۇپىغا كىرەلمەيۋاتقانلار بارمۇ؟» دېگەن تېمىدا ياردەم تېمىسى يوللىغاندىن كېيىن جاۋاب چىقمىغاندىن كېيىن ئىزدىنىپ يۈرۈپ ھەل قىلىش چارىسىنى ھەم تاپتىم.

旅客_副本

«سەيياھ»  ناملىق مەزكۇر يەتتە مىنۇتلۇق كارتون فىلىم بولسا «006-يىللىق لوس-ئانژىلىس خەلىقئارالىق قىسقا فىلىم فېستىۋالى»دىكى «ئەڭ نادىر كارتون» دەپ باھالانغان كارتون بولۇپ، فىلىمدە چەت ۋە ئەسكى بىر كوچىدىكى بىر كىتاب خالتىسىنىڭ « يولۇچى» ناملىق بىر كىتاب ئىچىدىكى ۋەقەلىكلەرنى ئويلاپ غال-غال تىترەپ تۇرغان ۋاقتى بىلەن باشلىنىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ پەقەتلا باشلىنىشى ئىدى، تېخىمۇ قىززىق ۋەقەلىكلەر فىلىمنىڭ ئارقىسىدا داۋام قىلىدۇ…

windows7

يېقىندىن بۇيان كومپىيۇتېر سېستىمامدىن تولا كاشىلا چىقىپ، قىلىدىغان ئىشىمنى قىلغىلى قويماي قاتتىق جىلە قىلغان ئىدى، ئاچچىقىمدا مانا ئەمىسە دەپ سېستىمىنى يەڭگۈشلىۋېتىپ قاراپ ئولتادىم، چۈشۈرگەن سېستىمامغا پۇل تۆلەشكە ئېرىنىپ، جۇڭگوچىلىقتا ساختا نەشىرىنى ئىشلىتىش قارارىغا كېلىپ توردىن ئاكتىپلاش قورالى ئىزدىدىم، بۈگۈنكى يازمىمىدا بۇ ئوقەتنى قانداق ئىشلىتىشنى سۆزلەپ ئۆتەيلى. Windows7نى قايتا قاچىلىغان بلوگداش ئاتامانلارغا ئەسقېتىپ قالار.


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كەپەمنىڭ شۇنداقلا پرېستان ئىككىمىزنىڭ چاڭگىسى – ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەزكۇر مۇنبىرىمىزنىڭ ئىخلاسمەنلىرى:
شۇنداق قىلىپ 11-ئىيۇل كۈنى ئىمتىھان تۈگەپ ياتاقداشلىرىم ۋە مەكتەپداشلىرىمدىن تەركىپ تاپقان «ئۆيىگە قايتىش ئەترىتى»گە باش بولۇپ، گۇئاڭجۇدىن ئۈرۈمچىگە بىۋاستە قاتنايدىغان پويىزدا ئۈچ كېچە، ئىككى كۈندۈزنى ئۆتكۈزۈپ ئۈرۈمچىگە 14-ئىيۇل قەدەم باستىم. 15-ئىيۇل كۈنى سەھەردە بولسا ئۆيۈمگە چۈشۈپ، ئىككى كېچە ئۇخلىۋەتكەندىن كېيىن ھازىر تورغا چىققۇدەك پۇرسەت بولۇپ مەزكۇر يازمامنى يېزىپ تۇرۇپتىمەن.

  • سەھىپە:WP ئۇسلۇبى
  • | باھا:79
  • | زىيارەت: 6,864 قېتىم ئوقۇلدى
  • | ئاپتور: ئۇيغۇربەگ
  • | 2012.07.4

784

بۇ ئۇسلۇبنى قاچان چۈشۈرۈۋالغانلىقىم ئېسىمدە يوق، بىرەر يىلچە بولۇپ قالدى بولغاي ئىشقىلىپ، ماڭا كۆرۈنمە يۈزىنىڭ پاكىزلىقى بەك يېقىپ كەتكەچكە چۈشۈرۈپ قويغان ئىدىم. ئالاھەزەل بىرەر يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ مانا، يېقىندىن بۇيان بىرەر ئۇسلۇب يوللاپ باقماپتىمەن، بۇ ئۇسلۇبنى مېنىڭ بۇ مەۋسۈمدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يوللىغان WordPress ئۇسلۇبۇم قاتارىدا يوللاپ قوياي، ئۇسلۇبخۇمارلار چۈشۈرۈپ، ساقلاپ قويارسىلەر…

where-is-prestan

ئالدىنقى يازمامنى يوللاپ يوقاپ كەتكىلى بۈگۈن دەل 1 ئاي بوپتۇ، بۇ جەريادا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار، يەنى مەكتەپ ھاياتىمدىن بىردىنلا جەمىئەت ھاياتىغا قەدەم بېسىش، ئائىلىدىكى قىلسا-قىلسا تۈگىمەيدىغان ئەمما قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلار ۋە خىزمەت ئىزدەش جەريانىدىكى تىڭرىقاشلار سەۋبىدىن تورغا چىقالمىدىم، بەلكىم يۇقۇردا ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى «بانا»دۇر، راست گەپنى قىلسام ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن تورغا چىققۇم كەلمەس بولۇپ قالغان ئىدى.

ioschrome

Google I/O 2012 قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىنچى كۈنى(يەنى بۈگۈن، بۇ نېمە قۇرۇلتايكىن، مەنمۇ بىلمىدىم) Google شىركىتى رەسىمىي ھالدا Google Chromeنىڭ IOS نەشىرى ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. گەرچە كەمىنە ئۇيغۇربەگ بۇ جاكارنامىگە بىۋاستە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، پاسىبان كۇلۇبى ئارقىلىق بۇ ئەپلىك تور كۆرگۈچنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، شۇ ھامان ئىزدەپ باقتىم، ھەقىقەتەن App Storeدا Google Chromeنىڭ قارىسىنى ئۇچراتتىم.

无觅相关文章插件,快速提升流量