يېقىندا بلوگغا كىرگەن دوستلار ئۈستى تەرەپتىكى 10 نادىر بلوگقا بېلەت تاشلاش ئۇچۇرىنى كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بىر قانچە كۈندىن بۇيان دوستلار قانداق چىقارغانلىقىمنى سوراپ قالدى، مەن چىقىرىش ئۇسۇلىنى تۆۋەندە سۆزلەپ ئۆتەي، قۇلى قىچىشىدىغان بلوگىر دوستلار بولسا سىناپ باقارسىلەر.

091933oopj0lycz0up3qvp_副本

بلوگنى يېڭى قۇرۇپ بولۇپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا چەتئەلدىن تونۇمايدىغانلار تۇققانلار ئىنگىلىزچە ئىنكاس يېغىپ كەتتى، ئۇلارنى ئۆچۈرۈپ تۇرساق بۇ بەز تۇققانلار يازمىمىزدىن ياكى ئىنكاسلاردىن بىرەر جۈملە سۆزنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ بلوگىمىزنى ئەخلەت ئىنكاس بىلەن تولدۇرۇپ تاشلىدى، قانداق قىلىمىز؟ بۈگۈنكى ۋە ئەتىدىكى يازمىمىزدا سىپەمدىن ساقلىنىشنىڭ 6 تەدبىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز، ئاددىيراق بولۇشى ئۈچۈن بۈگۈنكى قىسمىمىزنى قىستۇرمىلارغا ئاتىدۇق، سىپەمدىن زىرىككەن بولسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىمىزدا بولسۇن.

بەزىدە مۇلۇم مەزمۇننى پەقەت 1-بەتتىلا ياكى باشبەتتە كۆرسىتىشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز. بۇ يەردىكى باشبەت دېگىنىمىز 1-بەت، 2-بەت، 3-بەت.....-بەت لەرنى كۆرسىتىدۇ، يەنى index بېتى، باشبەتتىكى مەلۇم يازمىنى تېمىسىنى چەككەندە ئېچىلغان بەت بولسا single بېتى. شۇنداق قىلىپ باشبەت بىلەن 1-بەتنىڭ پەرقىنى بىلىپ بولدۇق. ئۇنداقتا بىز باشبەتتە ياكى 1-بەتتە ئايرىم-ئايرىم كۆرسەتمەكچى بولساق تۆۋەندىكىدەك قىلىمىز.

ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار خالايىق، «2012-يىللىق 10 نادىر بلوگ»نىڭ بېلەت تاشلاش قىسمىنى باشلىۋەتتۇق!…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر! 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغان «ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقا باسقۇچقا-بېلەت تاشلاپ، 10 نادىر بىلوگنى تاللاپ چىقىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇ جەرياندا نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى(بىر ئاي) ۋە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بىلوگلارنى نومۇر قويۇپ باھالاپ، ئالدىنقى 20 بىلوگنى تۇرغۇزۇپ چىقىش باسقۇچى(15 كۈن) ناھايىتى رەتلىك، ئادىللىققا يېقىن داۋام ئەتتى. نەتىجىدە بۇ باسقۇچلار ئارقىلىق، ئالدىنقى 20 بىلوگ رەسمىي نامزات قىلىپ تۇرغۇزۇلدى.شۇنداق قىلىپ،  2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 23:59 قىچە بىر ئاي داۋام قىلىدىغان 10 نادىر بىلوگنى بېلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.

Google-XML-Sitemaps

ئۇيغۇرچە بلوگ ۋە بېكەتلەردە SEO ئوينايدىغانلار ئازراق بولسا كېرەك، شۇنداقتىمۇ يوق بولمىسا كېرەك، خۇددى ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدە SEOغا ئائىت ھېچنېمە يوق بولغىنىدەك، خۇددى يولداش پرېستان ئەينى چاغدا بلوگىمىز فىلىم قانىلىنىڭ SEO قىسمىنى ئالامەت ئاقسا ئىشلىگەندەكچۇ. SEOنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى بلوگ ياكى تور بېكىتىمىز ئۇچۇرىنى ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ ئۆمۈچۈكلىرى تەرىپىدىن كۆپرەك «تورغا ئىلىۋېلىش» بولغاچقا، بلوگىمىز ۋە تور بېكىتىمىزنى ئىزدەش ماتورلىرىدىكى ئىزدەش نەتىجىسىگە پايدىسى خېلى كۆپ، بۈگۈنكى يازمىمىزدا مۇشۇنداقراق ئىشلارغا ئەسقاتىدىغان مۇھىم قىستۇرما Google XML Sitemapsنى تونۇشتۇرۇپ قۇياي…

D550FB453954F2643649470BA3EAFFAE_副本

دۆلىتىمىزنى ساختا مەھسۇلات ياسايدىغان ئۇۋا دەپ زاڭلىق قىلاتتى مەكتەپدىكى تۈركىيەلىك ئاقسالار، بۈگۈن قارىسام بۇلارنىڭمۇ ساختا تېلىفون، ساختا iPhone 4Sنىمۇ ياسايدىغانلىقى كۆرۈپ قالدىم. بۈگۈن يوللىغان بۇ فىلىمنى مۇسۇلمان دۆلەتتىكىلەر ياسىغاندىكىن دەپ ئىشەنچ بىلەن ئالغان بىرى يوللاپتۇ، بىلمىدىم ئۇ ئاداش ھازىر نېمە بولۇپ كەتتى، ئەمما لېكىن مەن تولۇق كۆرۈپ بولۇپ يىغلىۋەتتىم، جۇڭگولۇق ساختا تېلىفون ياسايدىغانلارنى مۇشۇنداقمۇ چۈشۈرەمدۇ دەيمەن، ئىسسىت ئىسسىت!….

brave-movie-disney-cartoon-pixar-warrior-princess-merida-wallpaper-1920x1200_副本

كىچىكىمدىنلا قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدىم، ئۇيغۇرچە ساۋادىم چىققاندىن كېيىن «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»دىن باشلاپ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى چۆچەك كىتابلارنى ئوقۇپ قىدىرىۋەتكەن. چۆچەكلىرىمىزدىكى باتۇر مەلىكىلەرنىڭ، باتۇر شاھزادىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا، خەتەرلىك سەزگۈرەشتىلىرىگە ناھايىتى ھەۋەس قىلغان شۇنداقلا كەلگۈسىدە مەنمۇ شۇ باتۇر شاھزادە، قەيسەر مەلىكەلەردەك قاتمۇ-قات توساقلارنى بۈسۈپ ئۆتۈپ ئۆزۈمنىڭ بەختىنى تاپىمەن دەپ خام خىياللارنى قىلغان. چوڭ بولۇپ يا شاھزادە بولالمىدىم، يا تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق قىلالمىدىم، پەقەت مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ ۋەزخانلىق قىلىشقا ياراپتىمەن. خوش، سۆزىمىزگە كەلسەك تۆنۈگۈن ۋەتەن ئاغامنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئامېرىكىستان ئىشلىگەن «باتۇرلۇق قىسسىسى»(ئىنگىلىزچە ئىسمى:brave، خەنسوچە: 勇敢传说) ناملىق كارتون فىلىمنى كۆرۈپ چىقتىم ھەمدە شۇنداق ياقتۇردۇم، ھە قاچان تۇراداشلار يولداش ئۇيغۇربەگ قاچان بىر ئېسىل كىنو تەۋسىيە قىلار دەپ چىشىڭلارنى بىلەپ ئولتۇردۇڭلار ھە، ئەمىسە كېلىپ ماۋۇ كىنونى بىر كۆرۈپ چىقىڭلار، يارىماي قالسا قۇلىقىمنى كىسىپ بېرىمەن!…

كونا بلوگداشلارنىڭ ئۇيغۇربەگدىن كۆپ سورايدىغان سۇئاللىرى ۋە ئۇيغۇربەگنىڭ جاۋابلىرى

ئالدىنقى قېتىم، تۇرايىمىزغا يوللانغان «يېڭى بلوگداشلارنىڭ ئۇيغۇربەگدىن كۆپ سورايدىغان سۇئاللىرى ۋە جاۋابلىرى»ناملىق يازمىمىز يوللانغاندىن كېيىن، مۇشۇ قېرى بلوگداشلارنىڭ سورايدىغان سۇئاللىرى ھەققىدە ھەم بىر يازما يېزىش پىلانىم بار ئىدى، ئەمما بۇ قېرى بلوگداشلار بۇرۇن سورايدىغان سۇئاللىرىنى تەكرارلىماس بولۇۋالغاچ، بۇ ھەقتە يازما يېزىش پىلانىم بىتچىت بولۇپ قاراپ ئولتاردىم. ئەمما، يېقىندىن بۇيان بۇ بلوگداشلارمۇ سۇئاللارنى يامغۇردەك ياغدۇرۇشنى باشلىۋەتتى، مەنمۇ ئاخىرى ئىجادىي يازمىدىن بىرنى يېزىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم ھەمدە شۇھامان بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلدىم!…

دېسنىيگە تەۋە Pixar گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى كارتون ئەسىرى–ئاي ئىلاھى_

« ئاي ئەپسانىسى » ناملىق مەزكۇر قىسقا كارتون ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان دېسنىيگە تەۋە Pixar گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى كارتون ئەسىرى بولۇپ، ئوسكار نادىر كارتون مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر كارتوندا بىر بالىنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسى بىلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى سۈپۈرۈۋالغانلىقىدەك ئاددىي ھېكايە بايان قىلىنغان بولۇپ، بالىسى بار بلوگداشلار بالىلىرىڭلار بىلەن كۆرسەڭلار بولغۇدەك ئېسىل كارتون!…

qatmuqat ow

«قوش ئوۋ» ناملىق مەزكۇر كارتوننىڭ ۋەقەلىكى ۋە ئۈنۈمى جەھەتتە ئامېرىكىلىقلار ئىشلىگەن خېلى-خېلى كارتوندىن قېلىشمايدۇ، بۇ كارتون ئەمەلىيەتتە گۇئاڭجۇدىكى ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ 2012-يىلىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرى بولۇپ، ۋەقەلىكلىرى قىزىقارلىق ۋە جىددىي. ئىشىنىمەنكى سىز چوقۇم ئامراق بولۇپ قالىسىز…

125928hk0c0ymece7ihemc_副本

مەزكۇر مىكرو كىنو كۆكلەمدىكى نەسىمى ناملىق تورداشنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرى بولۇپ، يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەرنىڭ « ئاھ رەھىمسىز دەريا» ناملىق پوۋىسىتىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ئىكەن. مەيلى ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى بولسۇن ۋە ياكى كىرىشتۈرۈلگەن مۇزىكا بولسۇن، ھەقىقەتەن يامان ئەمەس چىقىپتۇ. مىكرو كىنونى مۇشۇنداق ئىشلىسەكمۇ بولىدىكەن ئەسلى….

پرېستان بلوگىنىڭ سول ئۈستى تەرىپىدىكى Admin دېگەن خەتنى كۆردۈڭلارمىكىن، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن بېسىپ قويغان بولسىڭىز ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ئۇ دەل بۈگۈن مەن سۆزلىمەكچى بولغان باشبەتتە تۇرۇپ بلوگ باشقۇرۇش سۇپىسىغان كىرش رايونى. خېلە كۈنلەرنىڭ ئالدىدا «jQuery ئارقىلىق سەكراپ چىقىدىغان رامكا ياساش» ناملىق يازمامدا مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن، ئەگەر قىززىققۇچىلار بولسا ئېچىپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量