- سەھىپە:IE تېخنىكىسى
- | باھا:12
- | زىيارەت: 1,850 قېتىم ئوقۇلدى
- | ئاپتور: پرېستان
- | 2012.04.1
IE توركۆرگۈمنىڭ باشبېتى داۋاملىق بىرقىسىم قارا نىيەتلىك تور بېكەت ياكى يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش تەسىرىدىن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، مەن يەنە ئۆزەم ياخشى كۆرگەن بەتكە ئۆزگەرتىمەن، يەنە مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، مەن يەنە ئۆزگەرتىمەن. ئۆزگىرىپ كېتىپ ھېرىپ قالمىدىم، مەنمۇ ئۆزگەرتىپ ھېرىپ قالمىدىم، بۈگۈن ئاخىر ئاچچىقىمغا پايلىماي باشبەتنى مىخلىۋېتىش قارارىغا كېلىپ، توردىن ئىزدەپ باقسام ئامالى چىقىپ قالدى. بەزىلەر بۇنى 360 قوغداش قورالى ياكى QQ قوغدا قورالى ئارقىلىق ھەل قىلغان، ئەمما مەندەك بۇ ئىككى قاراۋۇلدىن بىرىنىمۇ قاچىلىمىغانلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئەڭ ئەپلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇخىل ئۇسۇل ھېچقانداق يۇمشاق دېتال تەلەپ قىلمايدۇ.