- سەھىپە:تۇرا يېڭىلىقلىرى
- | باھا:1
- | زىيارەت: 1,043 قېتىم ئوقۇلدى
- | ئاپتور: ئۇيغۇربەگ
- | 2012.02.9
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداش:
كۆرۈۋاتقىنىڭىزدەك، سىز ھازىر تۇرۇۋاتقان مۇنبەر-ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ تەشكىللىشى ۋە پىلانلىشى ئاستىدا قۇرۇلغان، كەڭ ئۇيغۇر WordPress بلوگگېرلىرى، جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر بلوگگېرلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان كەسپىي مۇنبەر بولۇپ، مۇنبىرىمىز نۆۋەتتە كۆپ قىسىم ئۇيغۇر بلوگگېرلىرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان WordPressسېستىمىسى بىلىملىرىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلدى. ئەلۋەتتە، بۇ مۇنبەر يېڭىلار قۇرۇلغان بولغاچقا، مەزمۇن ۋە ئەزالارنىڭ كەمچىل بولىشى ئېنىق. ئەمما، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، مۇنبىرىمىز ئاۋانگارد ئەزالار شۇنداقلا ئاۋانگارد بلوگگېرلارنىڭ باش قوشۇشىدا، ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىكىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان مۇنبەر بولۇپ قالغۇسى! مۇنبەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئادرىسى:
http://bbs.uyghurbeg.net ھەمدە http://uyghurbeg.net/mb
تورداشلارنىڭ قىزغىن ھالدا ئەزا بولىشىنى، نادىر تىما، ياخشى تەلەپ-پىكىرلەرنى سۇنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئېھتىرام بىلەن:
WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرى باشقۇرغۇچىلار كوللىگىيىسى