google-logo_relief

ماتىرىيال ئىزدىگىلى چىقىپ قالغان مەزگىلىمدە، پات-پات Google ئەپەندىمنىڭ تۇغىغا نەزىرىمنى سېلىپ قويىمەن. بەزىدە بۇ ئەپەندىمنىڭ سەت تۇغلىرى مەنىلىك ئويۇنچۇققا ئۆزگىرىپ قالسا، بەزىدە گۈزەل رەسىمگە ئايلىنىپ قالىدۇ، بەزىدە بىرەر مەشھۇر زاتنىڭ پورتىرىت رەسىمى بولۇپ قالسا، بەزىدە مەلۇم كەشپىياتنىڭ ئىزاھاتى بولۇپ قالىدۇ. بۈگۈنمۇ Google ئەپەندىمنىڭ يېڭى تۇغىغا نەزەر سېلىۋېتىپ، تويۇقسىز 2011-يىلىدە مەزكۇر ئەپەندىمنىڭ بارلىق تۇغلىرىنى تېپىش خىيالىمغا كەپ قالدى، بىر قەپەس ئاختۇرۇشتىن كېيىن بۇمۇ پەيدا بولدى…

834-1

WordPressنى يېڭى ئورناتقان چاغدا باشقۇرۇش بېتىگە كىرگەن بىزگە ئۇچرايدىغىنى سېستىما بىزگە ئورنىتىپ سۈكۈتتىكى ئورۇنلار. ئەلۋەتتە، بىزگە لازىملىقلىرىمۇ بار، لازىم ئەمەسلىرىمۇ بار. يېڭى بلوگگېرلار بۇنى قانداق يوقىتىشنى ھېلىھەم بىلمەي يۈرگىنىگە قارىغاندا، بۈگۈنكى تىز يازمىمىزدا بۇ جايلارغا «ئوھۇش، كۆزۈمدىن يوقالغىنا، WordPress كېرىش بېتىنىڭ سەتى!» دېمىسەك زادى بولماپتۇ!!!!!

831-1

بەزى بلوگگېرلارنىڭ ئىنكاسىغا كۆرە، بلوگ ئىگىلىرىدىن ياردەم سورىغاندا بەزى زۆرۈر رەسىملەرنى ئىسپاتلاپ بېرىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئىنكاسچىلارغا رەسىم قىستۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە زۆرۈرلىكى بارمىش. ھىم، بەلكىم شۇنداقتۇ، شۇ ھامان بىر خەنسوچە بلوگنى زىيارەت قىلىۋېتىپ بلوگگېرنىڭ مۇشۇ تېخنىكىنى تەدبىر ھالىتىدە يوللىغانلىقىنى بايقىدىم. شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى «ئانا تىل بايرىمى»كۈنىدە «Wordpressدە ئىنكاسچىلارغا رەسىم قىستۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشنىڭ تەدبىرى» دېگەن يازما ئاپىرىدە بولدى.

بۈگۈن ھەممە بلوگگېرنىڭ ئانا تىلىدا ساپ سۆزلەردە سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن …

669-15

بىلگىنىمىزدەك  WordPress سېستىمىسىدا بىر قانچە يۈرۈش سۈكۈتتىكى  Gravatar سۆرەتلىرى تەمىنلەنگەن بولۇپ، ناۋادا بىز بۇلارنى ياقتۇرمىساق تورخۇمار بلوگىغا ئوخشاش ئۆزىمىز ياقتۇرغان Gravatar سۆرىتىگە ئالماشتۇرۇۋالساق بولىدۇ. بۇنىڭ تەدبىرنى ناھايىتى ئاسان، ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى يازمىمىزدا بۇ تەدبىرنى سۆزلەپ ئۆتكۈسىمىز!

65-1

ئالدىنقى كۈنلەردە چەۋەندازلار بلوگىنىڭ ئاپتورى WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىدە يوللىغان ئوخشاش تېمىسىدىكى يازمىسىدىن كېيىن، كەمىنە ئۆزىمىزدىكى بىر قىسىم بلوگلارغا قوللىنىپ كەلگەن ئىككى تەدبىرنى بلوگگېرلار بىلەن ھەمبەھىرلەپ بېقىشقا تىرىشتىم. ئىشىنىمەنكى، بۇ ئىككى تەدبىر ئارقىلىق بلوگىڭىزنىڭ pivسىنى ئاشۇرۇشقا قادىر بولالايسىز، ئەمىسە، دەرسخانىغا مەرھەمەت! …

1503-www-in-b_article

بىلگىنىمىزدەك، نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز خەلىقئارالىق تور ناملىرى ئىچىدە ھەقسىزنىڭ يوقلۇقىنى بىلىدۇ، ئەمما بىرىنچى دەرىجىلىك تور نامى  .TKنىڭ ھەقسىزلىقىنى بىلىدۇ، ھەمدە ئاشۇ نۇرغۇننىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلار بۇ ھەقسىز مۇتنىڭ تەمىنى تېتىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، بۈگۈن ئېلخېتىمگە كەلگەن بىر خەتتىن مەلۇمكى، مۇتنىڭ ۋاقتى كەپتۇ، ئەمدى ئۇ مۇت ئەمەسكەن!…

2136958023189220457

خوش، بۈگۈن تۇرايىمىزدا يا قىستۇرما يوق، يا تېخنىكا يوق، يا ئۇسلۇب يوق، ئەمما ناھايىتى مەنىلىك بولغان بىر فىلىم بار. ئىشىنىمەنكى، كارتون فىلىمغا ئامراق ياكى ئامراق ئەمەسلەر بولسۇن، ئەمما كىنو-فىلىملەرنى كۆرۈپ قويىدىغان بلوگگېرلىرىمىز بۇ فىلىمنى خۇددى ماڭا ئوخشاش ئىشتىياقتا كۆرۈپ قويغۇسى. بۇ فىلىمنىڭ شەرەپلىك ئىسمى «مۈشۈكياپىلاق دۆلىتى : قورۇقچىنىڭ ئەپسانىسى» ، خوش، يازمىنىڭ داۋامىغا قاراپ ئالغا قىلايلۇق!…

wordpress-essentials

ھىم، ساۋاقداشلار، ئەمدى سىنىپقا قايتىپ كېرەيلى. بۈگۈنكى بۇ «گۇمپا»نىڭ سالمىقى سەل ئېغىر، نورمال ئەھۋالدا بىر-ئىككى قېتىمدا تۈگىمەيدۇ، ئەمما بۇ گۇمپىنى ئۆگۈنۈپلىۋالسا، بلوگدا خۇددى QQغا ئوخشاشلا تىزلەتمە كونۇپكا( تېزلەتمە كۇنۇپكا:Ctrl+Enter )ئارقىلىقلا ئىنكاس يوللاش ئىقتىدارىنى ئاچقىلى بولىدۇ. ھىم، بۈگۈنكى دەرسكە قۇۋۋەتلىك يەپرەك كېلەرسىلەر، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئىختىيارىي تەجرىبە ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئەمىسە دەرسخانىغا مەرھەمەت!…

615-1

 

ئالدىنقى بىر مەزگىللەردە، بىر خەنسو يولداشنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ بېتىدىكى بلوگغا دائىر بىر قانچە ئىستاتىستىكا ئۈنۈمىنى بايقاپ قالدىم، بۇ بولسا بلوگدا بار بولغان يازما، ئىنكاس، خەتكۈچ سانى ھەققىدە بولۇپ، يەنە ئازراق ھەپىلىشىپ ئولتۇرۇپ بۇنىڭ بلوگنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنى ساناپ بىرىدىغان باشقا كودىنىمۇ سۈزۈپ چىقاردىم.

پرېستان ئەپەندىمنىڭ مىكروبلوگىغا ئېزىپ كىرىپ قالغىنىمدا،ئۇ يەردە مېنى تولىمۇ قىزىقتۇرغان بىر نەرسىنى بايقاپ قالدىم.ئۇ بولسىمۇ Windows Live Writer ئارقىلىق يازما يوللاش ئىدى.بىلىشىمچە،ئىلقۇت بلوگىدىكى پەنگىيار ئەپەندى بىر قېتىم ماڭا بۇ ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىپ ئۆتكەن،ئەمما ئۇ چاغدا ھەدەپ WordPress تەتقىقاتى ئىچىگە دۈم چۈشۈپ كەتكەن بولغاچ،ئۇ تەكلىپكە ئانچە ئىرەنشىمەپتىمەن.بۈگۈن،ئىچىمگە تۇيۇقسىز ئوت كىردى،شۇ ھامانلا Windows Live Writer نى قوزغىتىپ،سىنىقىمنى باشلىۋەتتىم.

slideshow-pro

ھۆرمەتلىك ئەزىزلەر، تۇرايىمىز بىر ئايلىق ئاپەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ھازىر قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە جىددىي ئاتلاندى ھەمدە بارلىق كۈچلەر سەپەرۋەرلىككە سېلىنىپ، يازما يوللاش تىزلىكى شىددەت بىلەن ئاشتى، بۈگۈن، ھەرقايسى ئەزىزلەرگە ناھايىتى كاتتا ئۈنۈملۈك بولغان بىر قىستۇرما، يەنى، يازمىسىدا كۆپرەك رەسىم ئىشلىتىپ سالىدىغان بلوگگېرلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى رەسىم كۆرۈش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىدىغان قىستۇرما «slimbox»بىلەن جىددىي تونۇشۇپ ئۆتكۈسىمىز، دىققىتىڭىزلار يازما داۋامىدا بولسۇن!…

605-1

خوش، ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىز «[بلوگگېرلار چايخانىسى]ئۇيغۇربەگدىن ھەر قايسى بلوگگېرلارغا ساۋاق ۋە نەسىھەت (1)»دە ئېيتقاندەك بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈردۈق، تالاپەت ھەقىقەتەن ئېغىر بولدى. يەنە بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىقتىن ئامان قېلىش ئۈچۈن، بوشلۇق ۋە سانداننى ئالماشتۇردۇق. بۇ يازمىمىزدا بۇ قېتىملىق ئاپەتتىن كېيىن كەمىنىنىڭ يەكۈنلەپ چىقارغان ئۈچ مۇھىم نۇقتىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ھەر قايسى بلوگگېرلار جىددىي قۇلاق سالغايسىزلەر!

无觅相关文章插件,快速提升流量