
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تۇرايىمىزنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى. بىلگىنىڭىزلاردەك بىر نەچچە ئاي بۇرۇن تۇرايىمىزنىڭ پىلانلىشى ۋە كەڭ بلوگداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن WordPress ھەققىدىكى ئۇيغۇرچە مۇنبەر بولغان ۋە بلوگداش ئۇيغۇر بلوگگېرلىرىنىڭ كىچىككىنە تەشۋىقات-مۇنازىرە سەھنىسى بولغان WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدۇق، بىر نەچچە قېتىم ئېچىلماسلىق، ئېشەك ھارۋىسىدەك ئېغىر بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلگەندىن كېيىن، مۇئەللىم بلوگىنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشى بىلەن مۇنبەرنى قىياس بوشلۇقىغا يۆتكىگەن ئىدۇق. يېقىندا، قىياس بوشلۇقچىلىقىنىڭ مۇلازىمىتىرى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولغاچقا، مەزكۇر مۇلازىمىتېردىكى WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن بېكەتلەرنىڭ ئېچىلماسلىقى كېلىپ چىقتى. بىز قىياس بوشلۇقىنىڭ ئاتامانىنىڭ بۇ قېتىملىق بوران- چاپقۇندىن تىنچ-ئامان ئۆتۈۋېلىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە، مۇنبەر ئەھلىنىڭ مۇنبەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈشىنى سورايمىز. شۇنداقلا، تورداشلارنى پىتنە-ئىغۋا تارقاتماسلىققا، پىتنە-ئىغۋالارغا ئىشەنمەسلىككە چاقىرىمىز…
مۇنبىرىمىز پات ئارىدا ئەسلىگە كېلىپ، داۋاملىق كەڭ بلوگگېر دوستلار ئۈچۈن خىزمەتتە بولغۇسى. بلوگداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئىھتىرام بىلەن :
WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرى باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسى
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى