未命名_副本

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كۆز ئالدىمىزدا كەلگەن قۇتلۇق قوربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا ۋەكالەتەن بارلىق بلوگداشلارنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل قېرىنداشلارنىڭ خاسىيەتلىك قۇربان ھېيتىنى قۇتلايدۇ، ئەزىز ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن، كۈنلىرىڭلار شادلىق ئىچىدە ئۆتسۇن، چىھرىڭلاردىن كۈلكە، چۆنتۈكۈڭلەردىن ئاقچا، ھويلاڭلاردىن مىھمان ئۈزۈلمىسۇن، ئائىلەڭلەرگە بەرىكەت، تۇرمۇشۇڭلارغا خاتىرجەملىك كەلسۇن، ئىشقىلىپ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ خەيىرلىك ئىشلار سىلەرنىڭ شۇنداقلا مېنىڭمۇ بېشىمغا قونسۇن، ئۆيدە گۆش يىگەن ۋاقتىڭلاردا مەندەك ياقا يۇرتتا قوي كۆرۈشكىمۇ نىسىپ بولالمىغانلارنى ئەسلەپ قۇيارسىلەر، رەھمەت…

Father-Daughter_副本

سەككىز مىنۇتلۇق بۇ قىسقا كارتون 73-قېتىملىق ئەڭ نادىر ئوسكار كارتون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، كارتوندا بىرەر جۈملە دىئالوگ يوق، شۇنداقلا ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈش يوق، ئەمما تەگ مۇزىكىسىغا پىئانىنو بىلەن تەڭكەش قىلغاچ، بىرجۈپ ئاتا بىلەن قىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاددىي، ئەمما چىن كۆرۈنۈشلەرنى بايان قىلىدۇ، كۆرۈۋېتىپ قەلبىڭىزنىڭ ئىختىيارسىز ئىللىق بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىسىز. ماڭا ئىشىنىڭ!…

8_副本

WordPress for IOS ناملىق مەزكۇر ئەپ IOS سېستىمىلىق ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن ياسالغان نادىر ئەپلەردىن بىرى بولۇپ، بىز بۇ ئەپ ئارقىلىق يازما يوللاش، يازما تەھرىرلەش، ئىنكاس باشقۇرۇش دېگەندەك بىر يۈرۈش ئىشلارنى قىلالايمىز. ناۋادا ئايفونچى بلوگداشلارنىڭ ئايفونى تۈرمىدىن قاچۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلانغان بولسا، تېخى ئىنكاسلارغا ئۇيغۇرچە جاۋابمۇ بىرەلەيسىز.

Spirit-spirit-stallion-of-the-cimarron-797576_600_287

«قەيسەر ئات» ناملىق مەزكۇر كارتون فىلىم ناھايىتى ئامېرىكىستان كارتونچىلىرى مەنىلىك قىلىپ ئىشلىگەن نادىر كارتونلارنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيادا خېلى ئالقىشقا ئېرىشكەن. فىلىمدە ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى ئەركىن،  پايانسىز كەتكەن بىر يايلاقتا شۇنداق شاش ۋە ئوماق بىر تايچاق ئاپىرىدە بوپتۇ. ئۇ ئۆز توپىنىڭ ئاتامانىغا ئايلىنىپ، توپىنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدىگە قۇماندانلىق قىلىشنى ئارزۇ قىپتۇ، ئۆزى ھەم ئەركىنلىكنىڭ شۇنداقلا بويسۇنماسلىقنىڭ سىموۋولى بوپتۇ. ئەپسۇسكى، ئۇ شۇنداق يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۇنى ئىنسانلار تۇتۇپ ئەكىتىپتۇ ھەمدە زورلۇق بىلەن كۆندۈرمەكچى بوپتۇ، ئەمما ئەركىنلىككە كۆنۈپ قالغان بۇ ئات نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى چەكسىمۇ باش ئەگمەي ئۆزىنىڭ ئەركىن دالاسىنى سېغىنىپتۇ ھەمدە ئاشۇ يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپتۇ. مەزكۇر كارتون فىلىمنى مەكتەپداش ئىنى بۇرادەر ئابدۇكېرەم ئەپەندى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەييارلاپ چىقتى ھەمدە كارتوننىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىدى. ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

Paths_of_Hate_12_副本

ئالىي مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىغا چىققاندىن كېيىن بلوگ مالتىلاشدىن ئازراق زىرىكىپ، كاللامنى كۆپرەك ئارام ئالدۇرۇپ بىر يىللىق ھاياتىمنى ئوبدان پىلانلاشقا تىرىشماقتا ئىدىم. ئۆزۈمنىڭ كارتونغا ناھايىتى ھەۋىسىم بار، كارتون كۆرگەچ كود ئوينايدىغان ئادىتىمنى يولداش پرېستان بەك بىلەتتى، بەلكىم بۇنى باشقىلارمۇ بىلىدۇ. كارتون كۆرگەچ كاللامنى ئارام ئالدۇرۇش پىلانىم بۇيىچە توردىن نادىر كارتون دەپ ئىزدىسەم «قىساس يولى» ناملىق بۇ كارتون 2011-يىللىق سىگگىراف كارتون بايرىمىدا شۇ يىللىق ئەڭ نادىر كارتون دەپ باھالىنىپتۇ. توۋا دەپ قالدىم، مەندەك كاللىسى ئىشلەيدىغان ئادەم چۈشەنمىگەن بۇ كارتون قانداقسىگە بۇنداق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەندۇ دەپ ھەيران قالدىم، ھازىرمۇ ھەيرانلىقتا ئاغزىمنى ئوچۇقلا قويماقتىمەن، ئەي ئەزىز بلوگدىشىم، مېنى قۇتقۇزۇپ بۇ كارتوننىڭ نادىر بولىشىغا باھانە كۆرسۈتۈپ قويۇڭ، ئۆتۈنەي…

the-kite-runner-1-1024_副本

«لەگلەك قوغلىغۇچى بالا» ناملىق مەزكۇر فىلىم خالىد ھۈسەيىننىڭ ئوخشاش ناملىق كىتابىغا ئاساسەن سىنارىيەلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن كاتتا فىلىم بولۇپ، 2008-يىلى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. فىلىمدە ئافغانىستانلىق ئىككى دوست  ئامىر بىلەن ھەسەن ئوتتۇرىسىدا باشلانغان بالىلىق ۋاقىتتىكى دوستلۇق بۇرچ، ساداقەت، ۋاپادارلىق، خىيانەت، پۇشايمان، رىشتە، ئازاب، ئىنتىلىش، پىداكارلىق، مۇھەببەت دېگەندەك قاتلاملىق ھىسلار بىلەن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بىرىلگەن بولسا، فىلىمنىڭ قەشقەردە ئىشلەنگەنلىكى ھەمدە نۇرغۇن ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ فىلىمدە «چىقىپ» قالىدىغانلىقى بىزنى قىزىقتۇرىدۇ. مەزكۇر فىلىم مەكتەپداش ئىنىم ئابدۇكېرەم تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەييارلاندى. فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى ھەم تەمىنلەندى، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر.

sebastian

«سېباستىياننىڭ نەشتىرى»(Sebastian's Voodoo) ناملىق مەزكۇر قىسقا كارتون فىلىم ئەينى چاغ Anchorage خەلىقئارالىق فىلىم فېستىۋالىدا ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەڭ نادىر كارتون فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. فىلىمدە زۇلمەت ئىچىدىكى بىر پىرىخون بىر مۇنچە قىساس قونچاقلىرىنى ياسىغان بولۇپ، بۇ قونچاقلارنى قېينىغاندا ئاشۇ ئاغرىق ئازابلىرى ئۇنىڭ قىساسكارىغا، يەنى دۈشمەنلىرىگە تىگىدىكەن، ئەمما ئۆزلىرىمۇ ئازابنى يەتكۈچە تارتىدىكەن، ئاخىرىدا قانداق بولىدۇ، قىزىققان بولسىڭىز كارتوننىڭ داۋامىغا نەزىرىڭىزنى تاشلاڭ.

1342797300433_副本

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، يېقىندىن بۇيان قىززىۋاتقان مىكرو ئۇچۇر(微信)نىڭ يانفون تۇرمۇشىمىزغا يېڭىلىق ئەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىمىز. تۇرايىمىزنىڭ ئىخلاسمەنلىرىگە تۇرايىمىزدىكى يېڭى يازما ئۇچۇرلىرى ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە يەتكۈزۈپ بىرىش ئۈچۈن تۇرايىمىزنىڭ مىكرو ئۇچۇر ئاممىۋى سۇپىسى ئېلان قىلدۇق، بىزنى قوشۇۋالغان ئەزىزلەر تۇرايىمىزدا ئېلان قىلىنغان يېڭى يازمىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ULY شەكلىدە تاپشۇرۇپ ئېلىپ، قىسقىچە مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولالايدۇ.

ئۇيغۇربەگنىڭ نامىدا يازما يوللاۋەرسەم پرېستان يوقاپ كەتتى دەپ يۈرۈپسىلەر، بۈگۈن ئۆز نامىمدا بىر يازما يوللاپ سىلەرنى بىر چۆچۈتۈپ قۇياي دەپ قالدىم، ھاھاھاھا... بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا بلوگىمغا كىرىش ئۈچۈن قوللانچى نامىم ۋە پارولىمنى كىرگۈزسەم باشقۇرۇش بىتىگە ھىچ ئۆتىدىغاندەك ئەمەس، مەن تېخى تور سۈرئىتىنىڭ ئىشى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، كارىمنى قىلىپ باشقا ئىش قىلىپ يۈرۈپتىمەن، بۈگۈن يەنە بىر سىناپ باقاي دەپ پارول ۋە نامنى توغرا كىرگۈزپ ENTER نى چەكسەم لاپپىدە قىلىپ يەنە شۇ قوللانچى نامى ۋە پارول كىرگۈزۈش بېتىدە تۈرىدۇ، قايتا-قايتا سىناپ باقتىم، cookie تازلاپ باقتىم يەنىلا ئوخشاش، google دىن ئىزدەپ باقسام بۇنىڭمۇ ئامالى چىقىپ قالدى، دوستلارمۇ بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ قالسا پايدىلانسۇن دەپ يېرىم كېچىدە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

soralghan sorallar_副本

مۇشۇ WordPress سۇپىسىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە ئازراق بىر نەرسە ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ بىلگىنىنى تونۇيدىغان-تونۇمايدىغان بلوگداشلاردىن ئايىماي كېلىۋاتىمەن، ھەتتا بىر قىسىم بلوگداشلارغا بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلەپ بىرىۋاتىمەن. شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن يېڭى بلوگداشلارنىڭ ئوخشاش سۇئالنى قايتا-قايتا سورايدىغان ئەھۋالغا تولا ئۇچراپ كەتتىم. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە يۈرۈشلۈك تېمىلىرىمدا مەندىن كۆپ سورايدىغان بىر قانچە سۇئاللارنى ۋە ئۇنىڭ جاۋابىنى يېزىشنى ئويلاشتىم، ئىلاھىم، يازغان نەرسىلىرىم تېتىملىق چىققىيدى…

netije0_副本

چەت بىر يېزىدا بىر ئاچا-ئىنى بار ئىكەن، بۇ ئىككىسى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياشايدىكەن، بىر-بىرىگە شۇنداق كۈيۈنىدىكەن، ئاچىسى شۇنچە تىرىشىپ ئىنىسىنى ئوقۇتىدىكەن، ئەمما ئىنىسى سەل ئويۇن قېپى بولغاچ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئانچە ياخشى ئەمەسكەن. شۇڭا  چارەكلىك ئىمتىھان نەتىجىسى چىققاندا ئىنىسى ئاچىسىغا يالغان گەپ قىلىدىكەن، ئەمما ئىنىسىنىڭ يالغانچىلىقىنى بىلىپ قالغان ھەدىسىنىڭ ئاچچىقى كېلىدىكەن. كېيىن بىر قانچە ئىش تۈپەيلى ئىنىسى ناھايىتى تىرىشىپ ئوقۇيدىكەن، ئەمما ئاخىرىدا تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر ۋەقە بولىدىكەن، بۇ ۋەقە نېمىدۇ؟ زادى قايسى ئىشلار ئىنىسىنى تىرىشىشقا ئۈندىگەندۇ؟ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز مەزكۇر مىكروكىنودا بولسۇن!

csgo

قاچاندىن كومپىيۇتېر دېگەن ئوقەتكە يېقىن كەلدىم، مۇشۇ «نىمجان»(半条命) ئويۇنىنى ئويناپلا كەپتىمەن، تولۇقسىزدىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە ساۋاقداشلارنى، بۇرادەرلەرنى توپلاپ كېلىپ ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ قاتتىق تۇتۇشۇپتىكەنمەن، گەرچە ھازىر بۇرۇنقىدەك ئەسەبىي ئاشىق بولمىساممۇ.  ئالىي مەكتەپكە كېلىپ بەزىدە كومپىيۇتېر ئالدىدا ھېچ قىلغۇم كەلمەي ھەمدە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدىن قوپالماي كەتكەن بىر قىسىم چاغلىرىمدا مەزكۇر ئويۇننىڭ cs 1.6 نەشىرىنى ئازراق ئويناپ كاللامنى ئارام ئالدۇرۇپتىمەن. بۈگۈن قارىسام مەزكۇر ئويۇننىڭ يېڭى بۆلۈمى «تېررورلۇققا قارشى تۇرغۇچى ئەزىمەتلەر: دۇنيا مىقياسىلىق تۇتۇشۇش»(反恐精英: 全球攻势)نىڭ ئېلانى يوللىنىپتۇ، قارىغاندا مەزكۇر ئويۇننىڭ يېڭى بۆلۈمى چىقىدىغان ئوخشايدۇ، ئېلانىنى كۆرۈپ باققاچ بۇرۇن مەزكۇر ئويۇننى ئوينايدىغانلار ئازراق ئەسلىمە بەرمەمسىلەر؟ سىلەر ئوينىغانمۇ، قانداق ئوينىغان؟…

无觅相关文章插件,快速提升流量