نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > باش بەت

گانا كىنو بايرىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قىسقا فىلىم - قارا ئۆڭكۈر

بۇنداق قىزىقارلىق ۋە مەنىلىك فىلىم كۆرۈپ باقمىغىلىمۇ خېلى ئۇزۇن بوپتۇ، قايتا-قايتا نەچچە قېتىم كۆرۈش جەريانىدا ئاز بولمىغان نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم، ئۈچ مىنۇتقا يەتمەيدىغان بىر قىسقا فىلىمدە، ئىنسان تەبىئىتىدىكى قارا ئۆڭكۈر ۋە ئىنسانلارنىڭ تۇيۇقسىز ئېرىشكەن كۈچ-قۇدرەت ئالدىدا خۇدىنى يوقىتىپ قويۇشتەك چوڭقۇر بىر مەنا ئىپادىلەنگەن…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 725 ئادەم ئولىشىپ بولدى

گىتتار يوق؟ iPhone بولسىمۇ بولاۋېرىدۇ - ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئورۇنلىشىدا: ئاي يۈزۈڭنى كۆرمىدىم

بەلكىم تورداشلار ئىلگىرى توردا چەتئەللىك بىر نەچچە قىزنىڭ iPhone ۋە Andoid يانفونىنى ئىشلىتىپ ئورۇنلىغان ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ باققان بولۇشى مۇمكىن. بۇ بولسا iPhone دىكى بىر خىل قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال – مەۋھۇم گىتتار پروگراممىسىدا ئورۇنلانغان ئۇيغۇرچە ناخشا بولۇپ، گىتتارنىڭ سولو قىسمىمۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە چىققان، بىراق بۇ سىندا ھېچقانداق ئادەمنىڭ چىراي قىسمى كۆرۈنمىگەچكە، ھازىرچە بۇ يىگىتنىڭ تېخى كىملىكىنى بىلمىدۇق، قېنى ئاۋال بىر ھوزۇرلىنىپ باقايلى…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 1,196 ئادەم ئولىشىپ بولدى

ھەرخىل مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئاۋازلىرىنى بىرىكتۈرۈشتىن ھاسىل قىلىنغان يېقىملىق مېلودىيەلەر!

مەيلى مىكروسوفتنىڭ Windows مەشغۇلات سېستىمىسى بولسۇن، ياكى Apple نىڭ Mac OS مەشغۇلات سېستىمىسى بولسۇن، مەشغۇلات سېستىمىسى ئۆزى تەمىنلىگەن ھەرخىل ئاۋاز ئۈنۈملىرى تولىمۇ ئۆزگىچە نەپس لايىھەلەنگەن ھەم كىشىنىڭ ئېسىدىن ھەرگىز كۆتۈرۈلمەيدۇ. يېقىندا توردىكى بىر قىسىم ئىشى يوق بىكار قالغان خەقلەر مەشغۇلات سېستىمىسى تەمىنلىگەن بۇ پارچە ئاۋاز ئۈنۈملىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ئۆزگىچە بىر خىل مېلودىيەلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 909 ئادەم ئولىشىپ بولدى

كلاسسىك ئويۇن - قېتىشما ئوق بېشى(合金弹头) ئويۇنىنىڭ 1 دىن 6 گىچە بارلىق نەشىر توپلىمى!

قېتىشما ئوق بېشى(Metal Slug)، خەنچە نامى 合金弹头 دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئويۇننى بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك، كىچىك چېغىمىزدا مەھەللىدىكى كىچىك ئويۇنچۇقخانىلاردا ئاساسەن بىر-ئىككىسى بار ئىدى، ناۋادا بۇ ئويۇننى ئويناپ باقمىغان دېسىڭىز، ئۇ چاغدا كۆپچىلىك سىزنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزدىن گۇمانلىنىشى مۇمكىن، بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگىنىم مەزكۇر ئويۇننىڭ تا ھازىرغىچە چىققان بارلىق نەشىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كومپيۇتېردا ئويناشقا ماس كېلىدىغان نۇسخىسى…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 234 ئادەم ئولىشىپ بولدى

قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان نادىر ئويۇن - ئۆسۈملۈك جەسەت ئۇرۇشى يىللىق نەشىرى

ئۆسۈملۈك ۋە جەسەت ئۇرۇشى – خەنچە نامى 植物大战僵尸 ئويۇنى بولسا ئالدىنقى يىلىدىكى ئەڭ مودا ئويۇنلارنىڭ بىرى. ئوماق لايىھەلەنگەن ئۆسۈملۈك ۋە جەسەتلەر، توختىماستىن يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان جەڭ مەيدانى مەيلى چوڭلار بولسۇن ياكى بالىلار بولسۇن، مەيلى ئوغۇل ياكى قىزلار بولسۇن، ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرۇپ ئوينىشىغا ئېرىشتى. بۇداقىسى PopCap چىقارغان ئەڭ يېڭى «ئۆسۈملۈك جەسەت ئۇرۇشى يىللىق نەشىرى» بولۇپ ، دىسكو ئوينىيالايدىغان مۇردا قوشۇلغاندىن باشقا، يەنە 20 خىلدىن ئارتۇق مەيدان، «ئۆزگىرىشچان جەسەت» ھالىتى قاتارلىقلار قوشۇلغان، ئوينىغۇچىلار ئويۇندا پۈتۈنلەي ئۆز ئېھتىياجى بويىچە خالىغان بىر خىل ھالەتتىكى مۇردا شەكلىنى لايىھەلەپ چىقالايدۇ ۋە بۇ لايىھەنى Facebook، Twitter قاتارلىق تور بېكەتلەردە باش سۈرەت قىلىپ ئىشلىتەلەيدۇ.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 484 ئادەم ئولىشىپ بولدى

Tviglo دىن يەنە بىر قانچە ئەسەر - Contra VS Tetris

ئالدىنقى قېتىم Super Mario بىلەن پۇرچاق يېگۈچىنىڭ جېڭىنى يوللىغاندىن كېيىن كۆرۈلۈشى خېلى يامان ئەمەس ئېشىپ قاپتۇ، تور ئارىلاۋېتىپ بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىشلىگەن ئوخشاش تۈردىكى نۇرغۇن سىنلىرىنى بايقاپ قالدىم، بۇنىڭ ئارىسدا سىپارتا بىلەن نورېس، نارۇتو بىلەن ئەزرائىل، ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى بىلەن گېسىلا قاتارلىقلارنىڭ جېڭىمۇ بار، تۆۋەندەك ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر قانچىنى قالدۇرۇپ قوياي.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 263 ئادەم ئولىشىپ بولدى

چەتئەللىك تورداشلار 200 دوللار سەرپىيات بىلەن ئىشلەپ چىققان «ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2» فىلىمى!

«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى: ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2» ئويۇنى(使命召唤:现代战争2) بۇ يىلقى ئەڭ مودا ئويۇنلارنىڭ بىرى. خۇددى ئالدىنقى «400 دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن ئۈنۈمى قالتىس كىرىشتۈرۈلگەن 街霸 قىسقا فىلىمى»گە ئوخشاش، بۇداقىسى چەتئەللىك تورداشلار 200 دوللارلىق تۆۋەن سەرپىيات بىلەن ئىشلەپ چىققان يۇقىرى سۈپەتلىك قىسقا فىلىم «ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2» بولۇپ، فىلىمنىڭ ئۈنۈمىنى ھەتتا بەزى دۆلەتلەر ئىككى مىليون دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەپ چىققان فىلىمدىن ئېسىل دېيىشكە بولىدۇ، مەزكۇر ئويۇننىڭ مەستانىلىرى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان نادىر فىلىم…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 882 ئادەم ئولىشىپ بولدى

Windows 7 نى ھەقىقى نەشىرگە ئايلاندۇرۇش/ئاكتىپلاندۇرۇش(激活) قوراللار توپلىمى

تەدبىركار تور بېكىتىدە Windows 7 نىڭ MSDN نەشىرىنى تونۇشتۇرغاندىن بېرى تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، چۈشۈرۈپ ئىشلىتىدىغانلارمۇ ئىزچىل كۆپىيىۋاتىدۇ. بىراق كۆپچىلىك ھەممەيلەن قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن يولۇققان بىر مەسىلە: Windows 7 نى ئاكتىپلاش مەسىلىسى! تۆۋەندە توردا تارقىلىپ يۈرگەن، ئۈنۈمى يۇقىرى ۋە ئۆزۈم سىناقتىن ئۆتكۈزگەن بىر قانچە دانە Win7 نى ئاكتىپلاش قورالىنى قالدۇرۇپ قوياي…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 693 ئادەم ئولىشىپ بولدى

چەتئەللىكلەر ياسىغان سىغىمى پەقەت 95KB لا كېلىدىغان 3D ئېتىشىش ئويۇنى!

سىز ئويناپ باققان سىغىمى ئەڭ كىچىك ئويۇننىڭ سىغىمى قانچىلىك؟ دېسەم دېمىسەم بەك چىقسا نەچچە MB كېلەر ھەقىچان؟ بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ تاساددىپىي ھالدا سىغىمى ئىنتايىن كىچىك، ئەمما كۆرۈنمە يۈزى ناھايىتى قالتىس بولغان بىر دانە 3D ئېتىشىش ئويۇنى بايقاپ قالدىم. بۇ ئويۇننىڭ ئىسمى kkrieger بولۇپ، پەقەت بىر دانە ئىجرا ھۆججىتى بار، بىراق قوزغاتسىڭىز ئىچىدىكى بىر پاتمان نەرسىلەر، مەسىلەن توسالغۇ، غەلىتە ئالۋاستى-مەخلۇقلار، ھەرخىل ئىشىك-قوۋۇقلار، يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان قورال ۋە ئوق-دورىلار، قان قوشىدىغان دورىلار… ئىشقىلىپ بىر يۈرۈش قوراللىق ئېتىشىش ئويۇنىدا بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق ئېلىمېنتلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ ئويۇننىڭ پرىستىن يېشىلگەندىن كېيىنكى سىغىمى ئارانلا 95Kb!!!!

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 1,638 ئادەم ئولىشىپ بولدى

تەلۋىلەشكەن ئىنسان تەسەۋۋۇرى - سەۋەپ قىلسىڭىز مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق!

بۇ يېقىندا تورداشلار رەتلەپ چىققان توپلانما سىن بولۇپ، بۇ توپلامدا بىز كىشىلىك تۇرمۇشتا مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارايدىغان بىر قىسىم ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار بىزگە ئوخشاش ئىنسانلار تەرىپىدىن ئورۇندالغان نەقمەيدان كۆرۈنۈشلەر تەسۋىرلەنگەن، ئىشقىلىپ سەۋەپ قىلسىڭىز، ھەرقانداق ئىشنى قىلىش مۇمكىنچىلىكى باردەكمۇ قىلىدۇ جۇمۇ!

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 574 ئادەم ئولىشىپ بولدى