تورخۇمار ۋە تەدبىركار ئۈچۈن 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاشتا بىردىن بېلەت تاشلاپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز، رەھمەت! بۇ يەرنى بېسىپ ئوڭ تەرەپتىن ئىككى بلوگنى تاللاپ بېلەت تاشلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت

كىچىك چاغلىرىمىزدا ئېلىكترونلۇق ئويۇنخانىدا ئوينايدىغان 491 خىل ئويۇننىڭ توپلىمى

بەلكىم كىچىك چېغىڭىزدا ئېلكترونلۇق ئويۇنچۇقخانىلارغا ئوينىغان شۇ ئويۇنلىرىڭىزنى ھازىرمۇ ئوينىغۇڭىز كېلىدىغاندۇ؟ نېمە؟ ئۇنى كىچىك باللا ئوينايدىغان نەرسە؟ سىزمۇ بەلكىم نەچچە يىل بۇرۇن تېخى كىچىك بالا بولغىيتىڭىز، بالىلىق چاغلىرىڭىزدىكى ئەسلىمىلەرنى بەلكىم بۇ ئويۇنلاردىن تاپالىشىڭىز مۇمكىن. تۆۋەندىكى ئويۇنلار جەمئىي 491 خىل بولۇپ، نۆۋەتتە توردا ساقلانغان ئەڭ تولۇق نۇسخىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 849 ئادەم ئولىشىپ بولدى

Northstar ئايكون توپلىمى - 44 دانە نەپس ياسالغان PNG فورماتىدىكى iPhone ئۇسلۇبىدىكى ئايكونلار

بۇ بولسا بىر يۈرۈش ئىنتايىن نەپس ياسالغان iPhone پروگرامما ئايكونلىرى بولۇپ، Northstar دەپ ئاتىلىدۇ. جەمئىي 44 دانە بولۇپ، بۇ ئايكونلارنى تور بېكەت پروگراممىلىرىنى بېزەشتە ياكى باشقا ھەرقانداق پروگرامما قوللىنىشىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئايكونلارنىڭ بېزىلىشى ئالاھىدە سۈزۈك.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 300 ئادەم ئولىشىپ بولدى

50 دانە بىر ئاڭلاشقا ئەرزىيدىغان مۇڭلۇق ئېنگلىزچە ناخشىلارنى توردا ئاڭلاش

كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ چارچىغىنىمىزدا مۇڭلۇق ناخشىلارنى قويۇپ قويۇپ ھوزۇرلىنىشمۇ كىشىگە بىر ئاز ئارامبەخش ئېتىدۇ، كومپيۇتېر ئالدىدا ئىشلەيدىغانلارمۇ بىر تەرەپتىن ناخشا ئاڭلىغاچ بىر تەرەپتىن ئىشلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، يېقىندا توردىن ئۇچرىتىپ قالغان بىر قىسىم ناخشىلارنى يوللاپ قوياي، بەلكىم بىر قىسىم تورداشلارغا ياراپ قېلىشى مۇمكىن.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 564 ئادەم ئولىشىپ بولدى

پەقەت بىر پارچە رەسىم ئارقىلىقلا ئېكرانىڭىزنىڭ ساق ياكى بۇزۇقلىقىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ!

كومپيۇتېر ئېكرانى ئادەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۈسكۈنە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ(قۇرۇق گەپ، ئېكران بولمىسا قانداقمۇ كومپيۇتېر دېگىلى بولىدۇ؟)، كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ نورمال ياكى نورمال بولماسلىقى ئادەمنىڭ كۆزىگە بىۋاستە تەسىر قىلىدىغان ئامىلنىڭ بىرى. شۇڭا سۈپىتى ياخشى بولغان بىر دانە ئېكران تاللاش ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىش. ئەمما بىر قەدەر كەسپىي ئېكران سىناش ئۇسۇللىرى مۇرەككەپ ھەم ئاۋارىچىلىق، بىزمۇ ئادەتتە ئۇ پارامېتىرلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيمىز، تۆۋەندىكى سىزگە ئاددى بىر ئۇسۇلنى ئۆگىتىپ قوياي، قېنى سىز بۇ ئېكرانىڭىز بىلەن قانچىنچى قۇرغىچە كۆرەلەيسىزكىن؟

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 1,979 ئادەم ئولىشىپ بولدى

ئۆزگىچە ئىشلەنگەن Google Chrome يېڭى ئېلانى

ئەنگىلىيە Google ئەترىتى يېقىندا ئۇزۇنلىقى 4 يېرىم مىنۇت ئەتراپىدا كېلىدىغان بىر يۈرۈش Google تەشۋىقات ئېلانى ئىشلىگەن، سۈرئەت، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق، ئۇسلۇب قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن Chrome نىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن، پۈتكۈل ئېلاننىڭ ئىجادىيلىق تەرىپى ئىنتايىن روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن، بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 327 ئادەم ئولىشىپ بولدى

بىر يۈرۈش قىزىقارلىق كاتەك يۈزلۈك QQ چىراي ئىپادىلىرى توپلىمى

بۇ QQ ئىپادىلىرى QQ نىڭ ئەسلىدىكى چىراي ئىپادىلىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ھەر قايسى چىراي ئىپادىلەرنىڭ يۈزى تۆت بۇرجەكلا، ئادەمگە ئاجايىپ تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇرۇن بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم، توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ ئاساسەن يىغىپ بولدۇم، ياقتۇرىدىغانلار چۈشىرىۋېلىڭلار.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 446 ئادەم ئولىشىپ بولدى

DirectX 2010.6 ئەڭ يېڭى قاچىلاش بولاقچىسى(3D ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئۈچۈن زۆرۈر قورال)

Directx بولسا 3D ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئۈچۈن بىر تۈرلۈك زۆرۈر قورال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ناۋادا سىز ئەڭ يېڭى 3D ئويۇنلارنى ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇن ھەۋەسكارى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Directx بولىقىنى قاچىلاش ئارقىلىق، ئويۇن ئويناش ۋە قاچىلاش جەريانىدا يولۇقىدىغان ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىق ۋە خاتالىقلاردىن ساقلىنالايسىز.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 308 ئادەم ئولىشىپ بولدى