ھازىر يانفوندا تورغا چىقىش ئاللىقاچان ئومۇميۈزلۈك بىر ئەھۋال بولۇپ قالدى. كۆپىنچىمىز يانفوندا ھەرخىل تور بېكەتلەر ۋە QQ غا چىقىپ تۇرىمىز. نۆۋەتتە NOKIA، Android,iPhone قاتارلىق ئەقلىفونلاردا تورغا چىقىش ئۈچۈن، كۆپىنچە UCWeb، QQ浏览器 قاتارلىق تور كۆرگۈلەرنى ئىشلىتىۋاتىمىز، بىراق ئەقلى بولمىغان يانفونلار ئۈچۈن، يانفوننىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن تور كۆرگۈنى ئىشلەتمەسلىكتىن باشقا ئامال يوق. Opera Mini بولسا JAVA دا تۈزۈلگەن بىر تۈرلۈك ھەقسىز يۇمشاق دېتال بولۇپ، ئۆزىدە JAVA مۇھىتى ھازىرلىغان بارلىق يانفونلاردا نورمال ئىشلەۋېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغىچە يانفون تور كۆرگۈلىرى ئىچىدە Opera دەك ئۇيغۇرچە تور بېكەتنى نورمال كۆرسىتىپ بېرىدىغان يەنە بىر تور كۆرگۈ يوق(ئەلۋەتتە iPhone4 تىكى Safari بۇنىڭ سىرتىدا).
ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون(智能手机) سۇپىسىدىكى تور كۆرگۈلەر ئىچىدە، بولۇپمۇ NOKIA نىڭ Symbian سۇپىسىدا ۋە Microsoft نىڭ Windows Mobie سۇپىسىدا ئىشلەيدىغان تور كۆرگۈلەر ئىچىدە، نۆۋەتتە Opera Mobile ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى توركۆرگۈ(浏览器)لەرنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتۈنلەي ھەقسىز ۋە ئىقتىدارلىرى ئاجايىپ يۇقىرى. يانفوندا تور بېكەت كۆرۈش ئۈنۈمى كومپيۇتېردىكىدىن قېلىشمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى Opera Mobile 10 ئارقىلىق يانفوندا تۇرۇپ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىمۇ ناھايىتى ھوزۇرلۇق زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ، ناۋادا يانفونىڭىز S60 ياكى Windows Mobile سۇپىسىدىكى يانفون بولسا، بۇ توركۆرگۈنى چوقۇم قاچىلاپ ئىشلىتىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
Apple شىركىتى 2007-يىلى 1-ئەۋلاد iPhone نى بازارغا سالغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە جەمئىي iPhone 4، iPhone 3GS، iPhone 3G ۋە iPhone 2G دىن ئىبارەت 4 ئەۋلاد iPhone نى بازارغا سالدى، بىراق كۆپىنچە ھاللاردا Apple شىركىتى بىزگە بۇلار ئارىسىدىكى سۈرئەت پەرقنى ئاشكارىلاپ يۈرمەيدۇ، يېڭىدىن iPhone سېتىۋالغۇچىلار سېتىۋالماقچى بولغان ئىستېمالچىلار ئۈچۈن، يانفونىنىڭ سۈرئەت جەھەتتە زادى قانچىلىك ناچارلىقىنى بىلىپ بېقىشىمۇ بىر قەدەر ئاۋارىچىلىق ئىش. تۆۋەندىكىسى تورداشلار تۆت ئەۋلاد iPhone نى بىر يەرگە قويۇپ بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق سۈرئەت پەرقىنى ئۆلچىگەندىكى خاتىرىسى…
12 دانە iPhone/iTouch تا زادى نېمە قىلغىلى بولىدۇ؟ يەنە نېمە قىلغىلى بولاتتى، ئەلۋەتتە پارچە ئېكرانلارنى بىرىكتۈرۈپ چوڭ كىنو ئېكرانى ياساپ كىنو قويغىلى بولىدۇ! Mongoose دەپ ئاتىلىدىغان بىر گۇرۇپپا مۇشۇنداق بىر ئېكراننى ياساپ چىققان. ئەمىلىيەتتە جەمئىي 13 iPhone ياكى iTouch كېتىدىغان بولۇپ، بىر دانە iPhone ئارقىلىق قالغان 12 دانە iPhone نى كونترول قىلىش ئارقىلىق بۇ ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدۇ.
كۈز پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى، ھېلى يامغۇر يېغىۋاتقان، ھېلى ئاپتاپ چىقىۋاتقان. دەرىزىدىن بېشىڭىزنى چىقىرىپ قارىسىڭىز، قۇياش چىشلىرىنى چىقىرىپ ھىڭگىيىپ تۇرغان بولسا، كالتە يەڭ مايكىنى كىيىپ ئىشىكتىن چىقىشىڭىزغا يامغۇر شالاقلاپ يېغىشقا باشلايدۇ. ناۋادا سىزدە بىر دانە ئەقلىفون(智能手机) بولسا، بۈگۈن مەن تەۋسىيە قىلماقچى بولغان 墨迹天气 نى قاچىلىۋالسىڭىز، يۇقارقى غەم-ئەندىشىلەردىن تەلتۆكۈس خالاس بولىسىز.
360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلى(360安全卫士) نى بەلكىم ئارىمىزدا ئىشلىتىپ باقمىغانلار يوق دېيەرلىكقۇ دەيمەن. بازارغا سېلىنىپ قىسقىغىنا 8 ئايدىلا ئىشلىتىدىغان ئابونتلىرى 200 مىليوندىن ئاشقان بۇ بىخەتەرلىك ياردەمچىسى، جۇڭگونىڭ ۋىرۇسخور بازىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىۋەتتى. نۆۋەتتە 360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلى ئەقلىي يانفون(智能手机) ساھەسىگىمۇ سىڭىپ كىرىپ، يانفون بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش ۋە ھەرخىل ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلارنى تۈگىتىش بىلەن كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولماقتا…
لىكىن شۇ چاغقىچە ئىشلەتكەن رەسىملەرنى يەنە بىر بوشلۇققا يۆتكەپ ئۇنى ئۇلانما قىلغان يەلەرنىڭ
قانداقسىگە ... جىڭدا 1 كىلو ئوتتاغىدەك باھانە دەڭە ...
ئۇندا بولسا تىلفۇنغا قاچىلاپ قويغاننىڭ ئىغىرى يوق ... لىكىن ئەقلى بولمىغان تىلفۇنلارنىڭ مىڭ
ھەقىقەتەن ياخشىكەن!
مەن تەكشۈرۈپ كۆردۈم بۇ بىر يالغان ئادەم ئالدايدىغان دىتالكەن ..
ئا كارتوننىڭ ماھارەتلىرى خۇددى مېنىڭ چۈشۈمدەكلىكەن . كارامەت چۈشلەرنى كۆرۈپ قويىمەن !
ئەسسالام ئەلەيكۇم تورخۇمار ئەپەندى ، ماڭا بۇ بىكەتنىڭ ئۇسلۇبى بەك لازىم ئدى ، ئككى كۈن بولدى ئزدىگىل
پاھ-ھوي...ماڭا بىرنى سوۋغا قىلمامسىلەر قىزلار؟
ئۆتمەي قالامىكىن بىزنىڭ ساقاللىغا... :oops:
:grin: راسلا قالتىسكەن ئەپ قويايمۇ بىرنى ....