نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > باش بەت

T-Shirt جېڭى - ئىجادىيلىقى ئاجايىپ يۇقىرى بولغان كىرىشتۈرمە سىن

بۇ بولسا YouTube دىكى Rhett ۋە Link ئىككى ئادەم بىرلىشىپ كىرىشتۈرگەن بىر خىل قاتۇرما سىن: T-Shirt جېڭى. سىندا Rhett ۋە Link ئىككەيلەن توختىماستىن ھەر خىل T-Shirt مايكىلارنى ئالماشتۇرىدۇ ۋە ئۆز-ئارا مايكا ئۈستىدىكى «ئويۇن سەھنىسى» دە جەڭگە چۈشىدۇ، باشتىن ئاخىرى ئىنتايىن ئۆزگىچە ۋە ئىجادى لايىھەلەنگەن…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 376 ئادەم ئولىشىپ بولدى

«مەكس ۋە سېھىرلىك قەلەم» - ئىنتايىن قالتىس لايىھەلەنگەن چەتئەل ئويۇنى!

«مەكس ۋە سېھىرلىك قەلەم» بولسا بىر خىل فىزىكىلىق ئېلىمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2D ئۆلچەمدىكى ئۆتكەل ئاتلاپ ئوينايدىغان ئويۇن، ئوينىغۇچىلار ئادەتتە ئويۇندىكى باش پېرسوناژ مەكس ۋە ئۇنىڭ سېھىرلىك قەلىمىنى كونترول قىلىدۇ. سىز بۇ سېھىرلىك قەلەم بىلەن مەكس يولۇققان ھەر خىل قىيىن ھالقىلاردا ئۇنىڭغا لازىملىق مەنزىرىنى سىزىپ بېرىسىز، بۇ ئارقىلىق مەكسنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ھەمدەم بولىسىز، ھەر بىر ئۆتكەلدە بىر نەچچە خىل ئىگىلەش قىيىن بولغان يوشۇرۇن ئامىللار يوشۇرۇنغان بولىدۇ، ئادەمنىڭ ئوينىغانسىرى ئوينىغىسىنى كەلتۈرىدىغان ئويۇننىڭ بىرى.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 349 ئادەم ئولىشىپ بولدى

كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان نادىر ئويۇن - ماشىنىلاشقان ئېزىتقۇ شەھىرى(Machinarium)

«ماشىنىلاشقان ئېزىتقۇ شەھىرى» بولسا Amanita Design دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك ئويۇن تۈزەش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن قىزىقارلىق ھەم كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان، ھەرخىل مەخپىي ئۆتكەللەرنىڭ سىرىنى تېپىش ئارقىلىق كېيىنكى قەدەمگە ئۆتكىلى بولىدىغان نادىر 2D ئويۇن. ئويۇننىڭ پۈتكۈل تارماقلىرىنى تولۇق تۈگىتىش ئەمىلىيەتتە ئۇنچە ئاسان ئەمەس، نۇرغۇن ئويۇن ھەۋەسكارلىرى بۇ ئويۇننىڭ ماي قەلەم ئۇسلۇبىدىكى پۇرىقىنى بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قېلىشقان، بىر ئويناپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان ئويۇن!

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 452 ئادەم ئولىشىپ بولدى

قوڭغۇراقلىق سائەت Alarm - قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە ئىنتايىن نەپس ئىشلەنگەن قىسقا كارتون فىلىم

«Alarm» نىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى قوڭغۇراقلىق سائەت دېگەن سۆز بولۇپ، مەزكۇر سىنمۇ ئىنتايىن نەپس ۋە ئۇستىلىق بىلەن ئىشلەنگەن، ھېكايە ۋەقەلىكىمۇ ئىنتايىن ئىجادىي لايىھەلەنگەن، ئىشىنىمەنكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ چوقۇم مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان كەچۈرمىشى بولغان بولۇشى مۇمكىن.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 342 ئادەم ئولىشىپ بولدى

بىر قەدەر نەپس ياسالغان ئىنتايىن ئوماق ئايكون توپلىمى - Cute Blogging Icon Set

بۇ بولسا ياسىلىشى بىر قەدەر نەپس ۋە ئىنتايىن ئوماق لايىھەلەنگەن ئايكونلار توپلىمى، ئاپتور تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ھەقسىز تەمىنلەنگەن بولۇپ، بولاقچە ئىچىدە كۆپ خىل رەزمېردىكى PNG فورماتىدىكى ئايكونلار تەمىنلەنگەن، لازىم بولغانلار چۈشىرىۋېلىڭلار…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 388 ئادەم ئولىشىپ بولدى

ھەرىكەتلەندۈرگەندىلا توختاتقىلى بولىدىغان قوڭغۇراقلىق سائەت

ئالدىنقى قېتىم تونۇشتۇرغان تەڭگە تاشلىغاندىلا توختاتقىلى بولىدىغان قوڭغۇراقلىق سائەتكە ئوخشاش، بۇ قېتىمقىسى پەقەت ھەرىكەتلەندۈرگەندىلا توختاتقىلى بولىدىغان قوڭغۇراقلىق سائەت.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 203 ئادەم ئولىشىپ بولدى

كەينىڭىزدىن ئەگىشىپلا يۈرۈيدىغان مۇنداق سافا بولسا ھەرگىز ھېرىپ قالمايسىز!

بۇ بىر ماشىنا ئادەم شەكلىدىكى سافا بولۇپ، ناۋادا سىز بۇ سافانى شەكىل ئۆزگەرتەلەيدۇ دەپ قارىغان بولسىڭىز خاتالىشىسىز، بىراق بۇ سافا شەكىل ئۆزگەرتىشتىنمۇ قالتىس ئىشلارنى قىلالايدۇ، قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە بۇ سافانىڭ كارامىتىنى كۆرۈپ باقايلى.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 477 ئادەم ئولىشىپ بولدى

پۇل تاشلىغاندىلا ئاندىن توختاتقىلى بولىدىغان قوڭغۇراقلىق سائەت

بۇ قوڭغۇراقلىق سائەت ياپوننىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى باھاسى 500 سوم ئەتراپىدا، باھاسى سەل قىممەترەك، لازىملىق تورداشلار بولسا توردىن ئاختۇرۇپ باقسا بولىدۇ، تاۋباۋدا ئەسلى نۇسخىسى ياكى تەقلىدى نۇسخىلىرى بولۇشى مۇمكىن.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 183 ئادەم ئولىشىپ بولدى

كىچىك چاغلىرىمىزدا ئېلىكترونلۇق ئويۇنخانىدا ئوينايدىغان 491 خىل ئويۇننىڭ توپلىمى

بەلكىم كىچىك چېغىڭىزدا ئېلكترونلۇق ئويۇنچۇقخانىلارغا ئوينىغان شۇ ئويۇنلىرىڭىزنى ھازىرمۇ ئوينىغۇڭىز كېلىدىغاندۇ؟ نېمە؟ ئۇنى كىچىك باللا ئوينايدىغان نەرسە؟ سىزمۇ بەلكىم نەچچە يىل بۇرۇن تېخى كىچىك بالا بولغىيتىڭىز، بالىلىق چاغلىرىڭىزدىكى ئەسلىمىلەرنى بەلكىم بۇ ئويۇنلاردىن تاپالىشىڭىز مۇمكىن. تۆۋەندىكى ئويۇنلار جەمئىي 491 خىل بولۇپ، نۆۋەتتە توردا ساقلانغان ئەڭ تولۇق نۇسخىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 911 ئادەم ئولىشىپ بولدى

Northstar ئايكون توپلىمى - 44 دانە نەپس ياسالغان PNG فورماتىدىكى iPhone ئۇسلۇبىدىكى ئايكونلار

بۇ بولسا بىر يۈرۈش ئىنتايىن نەپس ياسالغان iPhone پروگرامما ئايكونلىرى بولۇپ، Northstar دەپ ئاتىلىدۇ. جەمئىي 44 دانە بولۇپ، بۇ ئايكونلارنى تور بېكەت پروگراممىلىرىنى بېزەشتە ياكى باشقا ھەرقانداق پروگرامما قوللىنىشىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئايكونلارنىڭ بېزىلىشى ئالاھىدە سۈزۈك.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 328 ئادەم ئولىشىپ بولدى