GIF Movie Gear بولسا بىر تۈرلۈك GIF ھۆججىتى ھاسىل قىلىدىغان، تەھرىرلەيدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان ئالمىشىپ كۆرۈنىدىغان ھەرىكەتچان ئېلانلار دەل مۇشۇ خىلدىكى قوراللارنىڭ ياردىمىدە پۈتۈپ چىقىدۇ. Gif Movie Gear نى ئىشلىتىش قولاي ۋە سىغىمى كىچىك بولغاچقا، بارماقدېسكا قاتارلىقلاردا ئېلىپ يۈرۈشمۇ ئىنتايىن قولاي.
كۆپچىلىكنىڭ خەۋىرىدە بارمۇ يوق، بىلمىدىم. دۇنياغا داڭلىق كىنو-فىلىم ئىشلەش شىركىتى MGM(فىلىملەرنىڭ بېشىدا بىر شىر ھۆكىرەپ چىقىدۇ) تېخى يېقىندا ئۆزىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىدى، يەنى 007 ئائىلىسىدىكى فىلىملەر ۋە بۈگۈن قەھرىمانىمىز Tom بىلەن Jerry نىڭ ماكانى يوق بولدى، گەرچە 007 نىڭ 23-يۈرۈش قىسمى كېلەر يىللىرى چىقىدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ، بىراق بىز بىلەن …..
ھەر قېتىم قوراللىق ئېتىشىش خاراكتېرلىك كومپيۇتېر ئويۇنلىرى تىلغا ئېلىنسا، مەجبۇرىيەت چاقىرىقى (خەنچە نامى: 使命召唤)نىڭ گېپى چىقماي قالمايدۇ، ئەيتاۋۇر 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، يەنى بۈگۈن بۇ ئائىلىگە تەۋە بولغان ئەڭ يېڭى نەشىردىكى « مەجبۇرىيەت چاقىرىقى7: قارا ھەرىكەت » ئاخىرى ئېلان قىلىندى! يۇقىرى سۈپەتلىك ئويۇن كۆرۈنمە يۈزى ۋە ئاجايىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەقەلىك بىلەن ھەر بىر يېڭى ئەۋلاد …..
يېقىندا 360 بىلەن QQ ئوتتۇرىسىدا جەڭ يۈز بەرگەندىن كېيىن ھەرقايسى ۋىرۇسخورلار بەس-بەستە ھەقسىز نەشىرلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. كۆپچىلىككە تونۇش بولغان خەلقئارادىكى داڭلىق ۋىرۇسخور 卡巴斯基 مۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى « Kaspersky بىخەتەرلىك قوشۇنى 2011 » نى كۆپچىلىكە بىر يىللىق ھەقسىز ئىشلىتىشكە سۇندى.
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا يانفون ياكى QQ، E-mail قاتارلىقلاردا خىلمۇ-خىلمۇ ئادەم ئالدايدىغان ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالىمىز، مەزمۇنى ئاساسەن «سىزگە مۇكاپات چىقتى، مانچە پۇل سالسىڭىز سىزگە مانچە سوم قىممىتىكى مال ئەۋەتىپ بېرىمىز» دېگەندەك ئۇچۇرلار، بەزىدە بۇ ئالدامچىلار ھەددىدىن تېخىمۇ ئېشىپ توختىماي تېلىفون ئۇرىدۇ ۋە ئۇچۇر يوللاپ بىزنى قويماقچى بولىدۇ. ئۇنداقتا مەن …..
avast بولسا بىر تۈرلۈك ھەقسىز ۋە ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ۋىرۇسخور ، ھەقسىز بولۇشىغا قارىماي ئۆزىدە باشقا نۇرغۇن ھەقلىق ۋىرۇسخورلاردىنمۇ كۈچلۈك بولغان ۋىرۇس تازىلاش ئىقتىدارى ۋە ئىنتايىن كۆركەم لايىھەلەنگەن كۆرۈنمە يۈز تەمىنلىگەن، نۆۋەتتە تورداشلار تەرىپىدىن ئالقىشلىنىشى ۋە تەۋسىيە قىلىنىش دەرىجىسىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى.
58 ديۇملۇق Touch Screen(سەزمە ئېكران) سەپلەنگەن بۇ ئۈستەل قارىماققا غايەت زور بىر iPhone غا ئوخشايدۇ، ناۋادا سىز بۇنى پەقەت بىر دانە iPhone شەكىللىك ئۈستەل دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا خاتالاشقان بولىسىز. بۇ ئۈستەلنى iPhone بىلەن تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن، بارلىق مەشغۇلاتلار iPhone بىلەن ماس قەدەمگە ئۆتىدۇ، سىز بۇ غايەت زور ئېكراندا …..
كىچىكىمىزدىكى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئۆلمەس كىلاسسىك ئويۇن Super Mario توغرىلىق مۇشۇنىڭ بىلەن نەچچە يازما يوللاپ بوپتىمەن ھەم بۇ ئويۇننى ئىزچىل ئويناۋاتقىلىمۇ 10 يىلدىن ئېشىپتۇ، بىراق تا ھازىرغىچە بۇ ئويۇنغا ئەسلىدە بۇنچىۋالا كۆپ مەخپىيەتلىكلەر نىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلمەي يۈرۈپتىمەن، بالدۇرراق بىلگەن بولسام بۇنچە جان قىينىماي ئۆتكەللەرنى خېلى ئاسانلا تۈگىتەتتىمكەن دەپ …..
تۆنۈگۈن كەچتە يەنە بىر مەيدان چوڭ تىپتىكى ئىنتېرنېت ئۇرۇشى پارتىلىدى، 360 قاچىلانغان كومپيۇتېردا QQ غا چىققاندىن كېيىن، QQ كومپيۇتېردا 360 نىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ ئوتتۇرىسدا يۆتكىگىلى بولمايدىغان كۆزنەكتىن بىرنى چىقىرىپ 360 نى كومپيۇتېردىن ئۆچۈرىۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدىغان، ئاندىن QQ ئاپتوماتىك تاقىلىپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلدى. …..
Pyro Studios شىركىتى بىزگە ئېلىپ كەلگەن بىر يۈرۈش ئويۇن « ئىتتىپاقداش پىدائىيلار(خەنچە نامى: 盟军敢死队) » نى ئارىمىزدا بىلمەيدىغانلار ئىنتايىن ئاز بولسا كېرەك. مېنىڭ كومپيۇتېر بىلەن تونۇشۇش تارىخىمنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەكمۇ، بۇ ئويۇننىڭ نۇرغۇن ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى مەن بۇ يۈرۈش ئويۇنلار ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن ۋە ياقتۇرۇپ ئوينىغان ئىككىنچى بۆلۈمى – …..
Microsoft Office توغرىسىدا يەنە ئىچكىرىلەپ سۆزلەش بىھاجەتقۇ دەيمەن، سۆزلەشكە توغرا كەلسە، بۇ نۇسخىدا قانداق يېڭىلىقلار بارلىقى توغرىسىدا ئازراق توختالساق بولار، 2010-يىلى چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن Office 2010 نى كۆپچىلىككە بىر تونۇشتۇرىۋېتەي دەپ قالدىم…
MacType توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە ماۋۇ يەردە بار، شۇڭا بۇ يەردە ئارتۇقچە سۆزلەپ ئولتۇرمىدىم. Windows 7 دە ئادەتتە خەت سىلىقلاش ھالىتى ClearType تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە UKIJ TUZ TOM غا ئوخشاش مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەت نۇسخىلىرى ئىنتايىن چاپاق كۆرۈنىدۇ، بىراق MacType دا ئۇنداق بولمايلا قالماستىن، بەلكى ئاجايىپ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ! ئەقىللىق …..
قوغۇنچىنىڭ ھىكايىسى