نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5
  • 6
  • 7
  • 8
سۈرەتلىك ئەسلەتمە – IE1.0 دىن تارتىپ IE9 قىچە بولغان 15 يىللىق مۇساپە

ئۈلۈشكۈن كەچتە Microsoft شىركىتى Internet Explorer 9 نىڭ Beta نەشىرى، يەنى IE9 نى ئېلان قىلدى، يەنى IE ھازىر ئاللىقاچان 9-ئەۋلادقا قەدەم قويدى دېگەن سۆز. ئۇنداقتا كەينىمىزگە ئۆرۈلۈپ قارايدىغان بولساق، IE نىڭ نۇرغۇن ئاز بولمىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ مۇشۇ كۈنگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. تۆۋەندە قىستۇرما سۈرەت ئارقىلىق IE دىن …..

ھازىرغىچە 1,518 ئادەم ئولىشىپ بولدى
Windows 7 ۋەزىپە ستونىدىكى كىچىكلىتىلمە كۆزنەك رەزمېرىنى خالىغانچە بەلگىلەش قورالى

بىلىشىمچە Windows 7 دىكى يېڭىچە لايىھەلەنگەن ۋەزىپە سىتونى نۇرغۇن تورداشلارغا ئاجايىپ يارىدىغۇ دەيمەن. بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى ئوچۇق ھالەتتە تۇرغان كۆزنەكلەرنى تەقلىدى كىچىكلىتىپ بېرىش ئىقتىدارى ئىشلەتكۈچىلەرگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. بىراق Windows 7 دە بۇ كىچىكلىتىلمە كۆزنەكنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك رەزمېرى سەل كىچىك تەڭشەلگەن بولۇپ، بۇنى چوڭايتىش ئۈچۈن Windows تىزىملاش جەدۋېلىگە ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ، ناۋادا …..

ھازىرغىچە 1,159 ئادەم ئولىشىپ بولدى
20 دانە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تاللانغان ئۈستەل يۈزى تەگرەسىملىرى – WallPaper

كومپيۇتېرىمنى رەتلەۋېتىپ ئىلگىرى ساقلاپ قويغان بىر قىسىم ئۈستەل يۈزى تەگرەسىملىرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىدىدە تورغا يۈكلەپ قويدۇم، تەگرەسىم نى پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان تورداشلارغا ئەسقېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

ھازىرغىچە 2,852 ئادەم ئولىشىپ بولدى
ناۋادا ۋاقىت ھازىرقىدىن 400 ھەسسە ئاستىلىتىلسا ئەھۋال قانداق بولار؟

ۋاقىتنىڭ ھازىرقىدىن 400 ھەسسە ئاستا بولغاندىكى ئەھۋالنى پەرەز قىلىپ بېقىڭ، بۇ خىل ئەھۋالنى ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس، بىزنىڭ ئادەتتە تېز سۈرئەتتە يۈز بەرگەن ھادىسىلەردىن بايقايدىغىمىز پەقەت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا يوق بولىدۇ، تۆۋەندىكى تەجرىبە بىر قىسىم ئىشلارنىڭ جەريانىنىڭ سىزگە نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرالىشى مۇمكىن، شارنى تېشىۋېتىش، …..

ھازىرغىچە 3,567 ئادەم ئولىشىپ بولدى
ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، ھەرقانداق ئېغىر چاقچاقنىڭمۇ چېكى بولىدۇ! ناۋادا ئاشۇرىۋەتسىڭىز…

مەزكۇر سىننى ھەپتە ئالدىدا توردا ئۇچراتقان ئىدىم، قارىسام بۇ سىن ھەققىدىكى تالاشمىلار تا ھازىرغىچە تۈگىمەيۋېتىپتۇ. بەزىلەر بۇنى راستكەن دەيدۇ، بەزىلەر يالغان دەيدۇ، يەنە بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە بۇ سوتنىڭ دەلىل-ئىسپاتى ئىكەنمىش. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەزكۇر سىن بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ: ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، ھەرقانداق ئېغىر چاقچاقنىڭمۇ چېكى بولىدۇ، ناۋا ئاشۇرىۋەتسىڭىز…

ھازىرغىچە 5,250 ئادەم ئولىشىپ بولدى
ئەقلىفوندىكى ئەڭ ئېسىل توركۆرگۈ – Opera Mobile 10(يانفوندا ئۇيغۇرچە تور بېكەت كۆرۈش)

ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون (智能手机) سۇپىسىدىكى تور كۆرگۈلەر ئىچىدە، بولۇپمۇ NOKIA نىڭ Symbian سۇپىسىدا ۋە Microsoft نىڭ Windows Mobie سۇپىسىدا ئىشلەيدىغان تور كۆرگۈلەر ئىچىدە، نۆۋەتتە Opera Mobile ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى توركۆرگۈ(浏览器)لەرنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتۈنلەي ھەقسىز ۋە ئىقتىدارلىرى ئاجايىپ يۇقىرى. يانفوندا تور بېكەت كۆرۈش ئۈنۈمى كومپيۇتېردىكىدىن قېلىشمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى Opera Mobile 10 ئارقىلىق يانفوندا تۇرۇپ ئۇيغۇرچە …..

ھازىرغىچە 3,106 ئادەم ئولىشىپ بولدى
3D ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى ئويۇن – يوقالغان پلانېتتىكى مۇستەملىكە(Lost Planet)

3D تېخنىكىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، كومپيۇتېر ئويۇنلىرىمۇ ئاجايىپ نادىرلىشىپ كېتىپ بارىدۇ دېسە، مەزكۇر ئويۇندا سىز بىر مەۋھۇم پلانېتتىكى سان-ساناقسىز تاشقى پلانېت ئالۋاستىلىرى ۋە قاراقچىلار بىلەن جەڭ قىلىسىز، ئويۇننىڭ ئىچكىرىلىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ سىرلىق تۈسكە تولغان بىر سۈيقەست سىزنىڭ يولىڭىزنى توسماقچى بولىدۇ. Lost Planet ئويۇنىنىڭ گەرچە كومپيۇتېر سەپلىمىسىگە بولغان تەلىۋى بىر ئاز …..

ھازىرغىچە 3,324 ئادەم ئولىشىپ بولدى
كۆرۈش تۇيغۇسىنىڭ خاتالىشىشى – ئەستە تۇتۇڭ، كۆرگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى راست بولۇشى ناتايىن!!

كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بەزىبىر ئىشلارغا ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئەقلى ھەيران قالىدۇ، ھەتتا كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ بولۇش ئۇنچە ئاسان ئىشمۇ ئەمەس. ئىنسان كۆزىنىڭ كۆرۈش ئالاھىدىلىكى تۈپەيلى، بەزىدە كۆزىمىز بىزنى ئالداپ قويىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىپ قالىدۇ، تۆۋەندىكى مەنزىرىلەر دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالى .

ھازىرغىچە 3,558 ئادەم ئولىشىپ بولدى
قانداق قىلغاندا توردىن چىرايلىق ئايكونلارنى تاپقىلى بولىدۇ؟ FindIcons ئايكون(ICON) ئىزدەش ماتورى

نۇرغۇن ھاللاردا بىز تور بېكەت لايىھەلەۋېتىپ، بىر قىسىم چىرايلىق ئايكون ئەندىزىلىرىگە مۇھتاج بولۇپ قالىمىز، بلوگ ياساش بولسۇن، تور بېكەت ياساش بولسۇن ۋە ياكى باشقا لايىھە ئىشلىرىدا بولسۇن، چوقۇم لازىمى بولىدۇ. بىراق بىز ئەسلىدىنلا بىر تۇغما لايىھەلىگۈچى ئەمەس، چىرايلىق ئايكونلارنى ياساپ چىقىشقا نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدىغىنى ھەممىمىزگە ئايان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە تورداشلار …..

ھازىرغىچە 1,242 ئادەم ئولىشىپ بولدى
بلوگدىن يازما كۆچۈرۈلگەندە ئەسلى مەنبە ئۇچۇرلىرى ئاپتوماتىك كۆچۈرۈلۈش ئىقتىدارى

گەرچە توردىكى كۆچۈرمىكەشلىك ھەققىدە خېلى كۆپ يازمىلار يېزىلغان بولسىمۇ، يەنىلا بىر قىسىم «يازما ئوغرىلىرى» يازما كۆچۈرگەندە ئەسلى مەنبە ئۇچۇرىنى قوشۇشنى خالىمايۋاتىدۇ ياكى مەنبەنى چىقىرىۋېتىپ ئاندىن كۆچۈرىۋاتىدۇ، شۇ سەۋەپتىن بىر قىسىم ئىجادى يازما ئاپتورلىرى گاڭگىراپ قالىدىغان، ئۆزىنىڭ ئەمگىكىنى قانداق قوغداشنى بىلەلمەيۋاتقان ئەھۋال مەۋجۇد. گەرچە بۇ خىل ئەھۋالنى %100 توسۇپ كەتكىلى …..

ھازىرغىچە 545 ئادەم ئولىشىپ بولدى
36 دانە تاللانغان ئېنگلىزچە ناخشا – بىر قىسىم خەنچە ناخشىلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسى

ئالدىنقى قېتىم يوللانغان بىر قانچە يۈرۈش ئېنگلىزچە تاللانما ناخشا توپلىمى تورداشلارنىڭ خېلى ياخشى ئىنكاسىغا ئېرىشىپتۇ، بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ رەتلەنگەن يەنە بىر يۈرۈش نادىر چەتئەل ناخشىلىرىنى يوللاپ قوياي. ئېنگلىزچە ئۆگىنىۋاتقان ۋە لاتىنچە ناخشىلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان تورداشلارغا ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن.

ھازىرغىچە 7,726 ئادەم ئولىشىپ بولدى
پەردە ئارقىسىدىكى ئاۋاز ئارتېستلىرىنىڭ ھېكايىسى

مەن ئادەتتە ياپونىيەنىڭ كارتون فىلىملىرىنى خېلى كۆرۈپ قويىمەن. Naruto دېگەندەك كارتونلارنى كۆرۈۋاتقىلىمۇ ئاز-كەم 5 يىل بوپتۇ، ئىلگىرى توردىن مۇشۇ فىلىمگە ئاۋاز بەرگەن ئارتېستلارنىڭ نەقمەيدان ماھارىتىنى كۆرۈپ بىر ھوزۇرلانغان ئىدىم. بىراق مەن كۆرگەن ئۇ سىندا ھەر بىر پېرسوناژ ئۈچۈن، ئايرىم ئاۋاز ئارتېستلىرى سەپلەنگەن ئىدى. بۈگۈنكى بۇ سىندىكى قىزچاق …..

ھازىرغىچە 3,511 ئادەم ئولىشىپ بولدى