iPhone ىڭىزنى يۆتكىلىشچان سكەننىر قىلىۋالغۇڭىز بارمۇ؟ بەلكى بۇ ئەپ سىزگە ياردەم قىلالىشى مۇمكىن. Scan Pages ناملىق بۇ ئەپ ئارقىلىق بىز ماقالە، گرافىك، كىتاب-ژورنال ۋە مەھسۇلات كارتوچكىلىرى قاتارلىق ھەرخىل نەرسىلەرنى خۇددى سكاننېردە تەسۋىر ھاسىل قىلغانغا ئوخشاش ساقلاپ ئالالايدىكەنمىز.
چىللىنگو دېگەن ئىسىم كونا iPhone چىلارغا ناتونۇش بولمىسا كېرەك. ئارغامچا كېسىش Cut The Rope ئويۇنى دەل مۇشۇ شىركەتنىڭ نادىر مەھسۇلاتى. ئۇلار ئەمدى بالىلار مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلگىلى تۇرۇپتۇدەك. ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئۇلار ئەمدى بالىلارنىڭ پۇلىنى تاپقىلى تۇرۇپتۇدەك … بۇ ئويۇن بۈگۈن ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىلىپتۇ. ئۆيىدە كىچىك بالىلار بار دوستلار بوپقالسا چۈشۈرۈپ قويسا بولغۇدەك.
تۈگمە كېسىش دېگەن بۇ ئويۇن ئىلگىرى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشى ۋە ئېلان قىلىپ تەشۋىق قىلىشىغا ئېرىشكەن نادىر ئويۇن ئىكەنتۇق. بۇ ئوماق ئويۇن – بۈگۈن ۋاقىتلىق ھەقسىز ئىكەن. سىزگە لازىممۇ؟
«App Store دىكى پەچەت ئەپ» دېگەن بۇ يازمىمىزدا پاكىستان Pak Data تېخنىكا شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى Quran Majeed نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدۇق. شۇ جەرياندا بۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ يوقلىغىدىن ئەپسۇسلىنىپ، كيىنكى نەشىرلىرىدە قوشۇلىشىنى ئۈمىد قىلىشقان ئىدۇق. ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن كىيىنكى نەشىرىدىلا بۇ ئىش روياپقا چىقىپتۇ!
ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ تېمىسىدىكى يازمىلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. بايا بۇ ئەپنى شۇنداقلا چۈشۈرۈپ قويۇپ كارىم بولماپتۇ. بىكارچىلىقتا قاچىلاپ ئويناپ كۆرسەم بۇ «ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ» ئىكەن ئەمەسمۇ؟ دەرھال تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى!
تۈنۈگۈن تېخى QR كودى ئوقۇش ۋە ياساش قورالىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدۇق. قارىسام ماۋۇ ئەپ ئارقىلىق بىز گەرچە بىر قەدەر ئىپتىدائىي بولغان تاياقچە كودنى ئوقۇيالايدىغان بولساقمۇ، لېكىن بۇ پەقەت ئوقۇپ بېرىش بىلەنلا چەكلىنپ قالمايدىكەن. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى داۋامىدىن كۆرۈڭ ئەمىسە.
QR code بولسا خەنچە 二维码 دەپ ئاتىلىدىغان، يۇقارقىغا ئوخشاش ئۇششاق چىكىتلەرنىڭ تەرتىپلىك ئورۇنلىشىشىدىن تەركىپ تاپقان، ئىچىدە رەقەملا ئەمەس سان ۋە ھەرپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، مەخپىيلەشتۈرۈپ كۆرسىتىدىغان كود شەكلىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر. ياخشى تۇرىۋاتامسىلەر؟ ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەپەر ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن جان تەندە سالامەت ھالدا ئاخىرى ئاخىرلىشىپ، سەپەر ھاردۇقىنىمۇ چىقىرىپ بۈگۈن پاسىبان كۇلۇبىنى قايتا ئېچىشقا مۇيەسسەر بوپتىمەن. ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ يوقلاپ تۇرغىنىغا، بىخەتەرلىكىمگە كۆڭۈل بۆلۈپ ئىزدەپ تۇرغانلارغا ئاللاھ ئەجىر-ئەزىم ئاتا قىلسۇن. رەھمەت سىلەرگە.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار