Siri

iPhone 4S ئېلان قىلىنغاندا Siri دەپ ئاتىلىدىغان مۇشۇنداق بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئۆتكەن. ئېلان قىلىش سىنىنى كۆرگەنلەر بولسا بۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىغۇ دەيمەن. بۇ بىز فىلىملاردا كۆرىدىغان ئاۋاز ئارقىلىق باشقۇرىدىغان ماشىنا ئادەمگىلا ئوخشايدىغان بىر نەرسە.

داۋامىنى ئوقۇش »

بىزنى تەقەززا قىلغان iOS 5 مانا!

دىققەت قىلسام بۈگۈن (12-ئۆكتەبر) ھەممەيلەن iOS 5 نى ساقلاپ تاقىتىمىز تاق بولدى. راست ئەمەسمۇ! ئامېرىكا ۋاقتى بىزنىڭ دىيارىمىزدىكىگە قارىغاندا ئون نەچچە سائەت پەرق قىلغانلىقتىن بىزنى مۇشۇنداق تەقەززا قىلدى. مانا ھازىر (شىنجاڭ ۋاقتى 12-چىسلا كەچ سائەت 11 دىن 5 ئۆتكەندە) iOS 5 نىڭ ھەقىقىي نەشىرى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى.

داۋامىنى ئوقۇش »

5-ئەۋلاد iPhone بولۇپ ئېلان قىلىنغان iPhone 4S نىڭ كامېراسى 8 مېگاپېكسىللىق ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىشتۇق. ئۇنىڭدا ھەتتا 30fps تېزلىكتىكى 1080P لىك سىنغىمۇ ئالغىلى بولىدىكەن. ئوپتىكىلىق لېنزا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سېنزورمۇ چوڭايتىلغان ئىكەن. ئالما تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە بۇ كامېرا نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەقىللىق تېلىفونلارغا ئىشلەتكەن ئەڭ ئىلغار كامېرا ئىكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

Sentinel 2

 

ئەسلى «ھەقسىز ئويۇننى قانداق تېپىشنى بىلەمسىز» دېگەن يازمىدىن كىيىن، ھېچقانداق ئويۇننى تەۋسىيە قىلماي دېگەن ئىدىم. لېكىن بۈگۈن ماۋۇ مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئېسىل ئويۇن ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىلغان ئىكەن. شۇڭا سىلەرنىڭمۇ چۈشۈرىۋېلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىپ ئايرىم يازما يوللىدىم.

داۋامىنى ئوقۇش »

iTunes 10.5 نى چۈشۈرۈڭ

iPhone 4S ئېلان قىلىنغان چاغدا ئۇلار 12-چىسلا iOS 5.0 نى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتىشقان ئىدى. بۈگۈن بۇ كۈنمۇ كەلدى. يېڭى ئىقتىدارلىرىدىن بەھرلەنمەكچى بولغان ئالمىداشلار (قۇلۇپى يوق بولسىلا) دەرھال چۈشۈرۈشكە ئالدىراۋاتىدىغۇ دەيمەن؟

داۋامىنى ئوقۇش »

ئاجايىپ - غارايىپ ئەپ (1) : Heart Rate

iPhone نى Steve Jobs ياساپ قويغىنى بىلەن ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېخىمۇ قوللىنىشچان قىلىشتا پروگراممېر ئاۋانگارتلار تولىمۇ چوڭ روللارنى ئويناۋاتىدۇ. قولىڭىزدىكى بۇ iPhone شۇ قەدەر قوللىنىشچان بىر نەرسىكى، سىز ئۇنىڭ پۈتۈن ئالاھېدىلىكلىرىنى مەڭگۈ توپمۇ-تولۇق بايقاپ ۋە ئىشلىتىپ بولالمايسىز.

داۋامىنى ئوقۇش »

Time to Cook

يازما نامىغا قاراپ ئالمىنىڭ ھازىرقى CEO سى Tim Cook نامىنى قويىۋاپتىغۇ دەپ قالغانسىز؟ بۇ ئەپنى ياسىغان پروگراممىر ئىسىمنى مەنچە قەستەن مۇشۇنداق ئالغان بولسا كېرەك. بۇ ئاشخانىدا ئىشلەيدىغان ۋاقىت بەلگىلەپ قويىدىغان ئەسكەرتمىلىك سائەت ئىكەن. قوللىنىشچانلىققا ئېگە بۇ ئەپ بۈگۈن ھەقسىز تارقىتىلىپتۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

رەسىم بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەپلەر توپلىمى

ئالدىنقى يازمىمىزدا ساياھەتكە چىققاندا ئىشلەيدىغان ئەپلەر دەپ سۈرەتكە ئالىدىغان ئەپلەردىن نەچچىنى تەۋسىيە قىلىپ چىققان ئىدۇق. بۈگۈن رەسىمگە تارتقاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئايفوننىڭ ئۆزىدىلا ھەرخىل ئۈنۈملەرنى قوشىدىغان ئەپلەردىن بىرنەچچىنى تەۋسىيە قىلاي.

داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش