پارس مەكتۇپلىرى 28،29-خەت

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-28 12:38:00

كەچقۇرۇن ئاھالىلەر توپلىشىپ بىر ئويۇنخانىغا ھازىر بولدى، ئاڭلىشىمچە ئۇنى «دراما» (بۇ يەردىكى «دراما» ئوپېراغا قارىتىلغان. پارىژدا ئىلگىرى (ھازىرمۇ بار) دۆلەتلىك درامىخانا (1680-يىلى تەشكىل قىلىنغان) ۋە ئوپېراخانا (1671-يىلى تەشكىل قىلىنغان) دېگەنلەر بار ئ



    پارس  مەكتۇپلىرى
     

    ئاپتورى: مۇنتىسكىيۇ
    تەرجىمە قىلغۇچى: تۇرسۇن ئەرشىدىن

    \

    يىگىرمە سەككىزىنچى خەت: رىجاتنىڭ مەلۇم بىرىگە يازغان خېتى

    مەن تۈنۈگۈن بىر ئىش كۆردۈم، گەرچە بۇنداق ئىشلار پارىژدا ھەر كۈنى يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ ئۇ ئىش ماڭا ئاجايىپ تۇيۇلدى.

    كەچقۇرۇن ئاھالىلەر توپلىشىپ بىر ئويۇنخانىغا ھازىر بولدى، ئاڭلىشىمچە ئۇنى «دراما» (بۇ يەردىكى «دراما» ئوپېراغا قارىتىلغان. پارىژدا ئىلگىرى (ھازىرمۇ بار) دۆلەتلىك درامىخانا (1680-يىلى تەشكىل قىلىنغان) ۋە ئوپېراخانا (1671-يىلى تەشكىل قىلىنغان) دېگەنلەر بار ئىدى ۋە مەخسۇس كومېدىيە ۋە تىراگېدىيىلەرنى ئوينايتتى، بىراق، مۇزىكا، ناخشا-ئۇسسۇل يوق ئىدى. شۇڭا پارىژ «كومېدىيەخانىسى» دېگەننى «دراماخانا» دەپ تەرجىمە قىلىش ئەمەلىي ئەھۋالغا مۇۋاپىق كېلىدۇ) دەيدىكەن. ئويۇن «سەھنە» دېيىدىغان ئېگىز سۇپىدا ئوينىلىدىكەن. ئۇنىڭ سۆيگىنى بولغان بىر ئەر ئوخشاشلا نەزەر بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ چىرايىدا ھەرخىل قىزىقسىنىشلار قوزغىلىدىكەن. بۇنداق ئۇيۇنلار گەرچە ئاۋازسىز بولسىمۇ، لېكىن جانلىق ھەم تەسىرلىك بولىدىكەن. بالكۇندىكى ئايال ئارتىسلارنىڭ (ئەمەلىيەتتە تاماشىبىنلار كۆزدە تۇتۇلغان. كەڭ كۆلەملىك ئاۋازسىز ئۇيۇنلاردا تاماشىبىنلارمۇ سەھنىدىكىلەرگە بېقىشىپ بەرگەچكە «ئارتىس» دەپ ئاتالغان) يېرىم گەۋدىسىلا كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن، ئۇلار دائىم قوللىرىنى يەڭلىرىگە يوشۇرۇپ، راۋۇرۇس ئولتۇرۇشىدىكەن. تۆۋەندە ئۆرە تۇرۇشىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر سەھنىدىكىلەرگە قاراپ كۈلۈشىدىكەن.

    بىراق ھەممىدىن بەتتەر مۇشەققەت تارتىدىغانلار باشقا بىر نەچچەيلەن ئىكەن، ئۇلارنىڭ يېشىنىڭ ئۇنچىۋالا چوڭ ئەمەسلىگى، ھېرىش-چارچاشقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، مەخسۇس ياللانغان بولسا كېرەك. ئۇلار دائىم پاي-پېتەك بولۇپ يۈگۈرۈشۈپلا يۈرىدىكەن. ئۆزلىرىگىلا مەلۇم بولغان بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردىن گاھ چىقىدىكەن، گاھ كىرىپ كېتىدىكەن. ھەيران قالارلىق چەبدەسلىك بىلەن بىرنەچچە قەۋەتلىك بىنالارغا چىقىدىكەن. ئۇلار بىر تۇرۇپ بىنانىڭ ئۈستىدە، بىر تۇرۇپ ئاستىدا، بىر تۇرۇپ ھەرقايسى بالكۇنلاردا پەيدا بولىدىكەن. ئۇلارنى بىردەم كۆرۈنۈپ، بىردەم غايىپ بولۇپ كېتىدىغان سۇ ئۈزگۈچىلەرگە ئوخشاتسا بولىدىكەن، ئۇلار بەزىدە بۇ تىياتىرخانىدىن ئايرىلىپ، باشقا بىر تىياتىرخانىغا بېرىپ ئۇيۇن كۆرسىتىدىكەن. ھەتتا بەزى ھاسسىغا تايىنىپ ماڭىدىغانلارمۇ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان چاققانلىقتا ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىكەن. ئاخىرىدا، كىشىلەر ئالاھىدە ئۇيۇنلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۆلۈملەرگە كىرىدىكەن. ئۇ يەردە، ئاۋۋال تازىم تازىم سالام بېرىشىدىكەن، ئاندىن ئۆز-ئارا قۇچاقلىشىپ سۆيۈشىدىكەن. ئاڭلىشىمچە، ئۆز-ئارا قۇچاقلىشىشقىمۇ يول قويۇلىدىكەن. ئۇ يەرلەر ئادەمنىڭ ئىللىق مۇھەببىتىنى ئۇرغۇتىدىكەن. بۇ يەرلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان مەلىكىلەر ھەقىقەتەنمۇ قوپاللىق قىلمايدىكەن. ھەركۈنى ئىككى، ئۈچ سائەت ئۇلارغا يېقىىنلىشىش بەك تەس بولسىمۇ، ئەمما باشقا ۋاقىتلاردا ئۇلار خۇددى قاتتىق مەستلىكتىن ئوڭايلا سەگىپ كەتكەندەك (بۇ يەردە دېيىلگەن مەلىكىلەر، ئارتىسلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار سەھنىدە ئۇيۇن كۆرسەتكەندە بەك جىددىيلىشىپ كەتكەچكە ـــ كىشىلەرگە ئانچە يېقىنلاشمىسىمۇ، بىراق باشقا چاغلاردا ئاسان يېقىنلىشىدۇ) چىقىشقاق بولۇپ كېتىدىكەن.

    يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىم، «ئوپېراخانا» دەپ ئاتىلىدىغان باشقا بىر ئۇيۇنخانىدىكىگىمۇ ئوخشاپ كېتىدىكەن، ئوخشىمايدىغان يېرى ئالدىنقىسىدا ئۇيۇن قويغۇچىلار سۆز قىلىدىكەن، كېيىنكىسىدە ناخشا ئېيتىدىكەن. ئۆتكەندە، بىر دوستۇم مېنى بىر ئايال باش رولچىنىڭ گىرىمخانىسىغا باشلاپ باردى. مەن ئۇ ئايال بىلەن خۇشال ئۇچراشتىم، ئىككىنچى كۈنى ئۇ ماڭا مۇنداق بىر پارچە خەت ئەۋەتىپتۇ:

    ئەپەندىم!

    مەن دۇنيادا ئەڭ بەختسىز بىر ئايال. ئىلگىرى مەن ئوپېراخانىدىكى ئەڭ ئەخلاقلىق ئارتىس بولۇپ كەلگەن ئىدىم. بۇندىن 7، 8 ئاي ئىلگىرى سىز تۈنۈگۈن كۆرگەن گىرىمخانىدا دىيانا (گرېك ئەپسانىلىرىدىكى ئوۋچىلار ئىلاھى)نىڭ تەزىيىسىنى باشقۇرىدىغان ئايالنىڭ رولىغا چىقىش ئۈچۈن گىرىم قىلىۋاتاتتىم، شۇ ئەسنادا بىر ياش پوپ كىرىپ مېنىڭ ئاق كۆينەكلىرىم، پەرتۇقلىرىم ھەم چېچىمنى تۈگكەن لېنتىلىرىمنى نابۇت قىلىپ، پاك بەدىنىمنى بۇلغىدى. مەن ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ ئۈچۈن زور قۇربان بەردىم، بىراق بۇ بەرىبىر پايدىسىز بولىدۇ، دەپ ئېيتتىم. ئۇ كۈلۈپ كەتتى ھەم مېنىڭ بەكمۇ ئۇماقلىقىمنى ئېيتتى. بىراق مەن ھازىر مانا مۇشۇ دەرىجىدە كېلەڭسىزلىشىپ كەتتىم. بەزىدە سەھنىگە چىقىشقىمۇ پېتىنالمايمەن. چۈنكى مەن، يۈز-ئابرۇي جەھەتتە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە خۇدۇكسىنىمەن. مېنىڭچە، باشتىن-ئاخىر پاك بىر قىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ، جىسمانىي جەھەتتىن چىقىمدار بولسا ئۇ، دىيانەتتىن مەھرۇم بولغانغا قارىغاندا تېخىمۇ تەس بولىدۇ. مەن ئەنە شۇنداق ئىشتىن ۋەھىمە قىلىدىغان تۇرۇقلۇق قانداقلارچە ھېلىقى ياش پوپ ئاۋۋال ماڭا توي قىلىش تەلىپىنى قۇيۇپ ماقۇللىغىمنى ئالمايلا، ئۆزى خالىغانچە ئىش قىلالايدۇ؟ دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇ سەلتەنىتىگە تايىنىپ مېنى ئەرزىمەس نەرسە قاتارىدا كۆرۈپ ئەسلىدە ئەڭ ئاخىرىدا ئىشلىنىدىغان ئىشنى قىلىپ كەتتى. بىراق ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىقى مېنى ۋاز كەچتۈرگەن بولسىمۇ، مەن ئەمدى داۋاملىق تىياتىرخانىدا قېلىشنى خالىمايمەن. باشقىلارغا ئېيتىشقا سەت بولغان بىرگەپنى قىلسام، تىياتىرخانىنىڭ مائاشى مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى قامدىيالمايدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى يېشىم بارغانسېرى چوڭىيىۋاتىدۇ، زىلۋالىغىممۇ ئىلگىرىكىدەك ئەمەس. مائاشىم گەرچە ئىلگىرىكىدىن ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ماڭا كۈندىن-كۈنگە ئازىيىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىۋاتىدۇ. سىزنىڭ ھەمرايىڭىزدىن ئاڭلىشىمچە، سىلەرنىڭ مەملىكىتىڭلاردا ئايال ئۇسسۇلچىلارنى بەكمۇ ئەتىۋارلايدىكەن. مەن ئىسپاھاندا بولسام تېزلا بېيىپ كەتكۈدەكمەن. ئەگەر سىز مېنى ئۆز مەملىكىتىڭىزگە ئېلىپ كېتىشكە ماقۇل بولسىڭىز، سىزنىڭ مەرھىمىتىڭىزنى ھەرگىز بىكار كەتكۈزمىگەن بولاتتىم. ئۆزۈمنىڭ ئەخلاقى ۋە پەزىلىتىم بىلەن سىزنىڭ شەپقىتىڭىزنى ئاقلىغان بولاتتىم. مەن...

        1712-يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 2-كۈنى، پارىژ.

     

    يىگىرمە توققۇزىنچى خەت: رىجاتنىڭ ئىبەمگە يازغان خېتى

    (ئىزمىرغا ئەۋەتىلگەن)

    خىرىستىيانلارنىڭ يولباشچىسى پاپا. ئۇ قەدىمدىن كېلىۋاتقان بىر بۇت. كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا كۈجە كۆيدۈرۈشلىرى پەقەت بىر ئادەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇ ئىلگىرى، ھەتتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرىنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان ئىدى. چۈنكى ئۇ چاغلاردا پاپا خالىغان چاغدا ئۇلارنىڭ خانلىق تاجىسىنى ئىلىۋېتەلەيتتى. بۇ خۇددى بىزنىڭ ئادىل خاندانلىقىمىزدىكى ھەرقايسى سۇلتانلارنىڭ ئىلمىنت ۋە گىروزىيىدىكى دۆلەتلەر پادىشاھلىرىنىڭ خانلىق تاجىسىنى ناھايىتى ئوڭايلا ئېلىپ تاشلىيالايدىغانلىقىغا ئوخشاپ كېرىدۇ. بىراق ھازىر ئۇنىڭدىن ھېچكىم قورقمايدىغان بولۇپ قالغان. ئۇ ئۆزىنى ئەڭ دەسلەپكى خىرىستىيانلارنىڭ بىرى، يەنى پەيغەمبەر يالۇسنىڭ ۋارىسى دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ مال-دۇنياسىنىڭ ھەددى-ھېسابسىزلىقىدا گەپ يوق. چۈنكى، مۆلچەرلىگۈسىز غەزىنىگە ئىگە ھەمدە ناھايىتىمۇ كەڭ زېمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

    ئېپىسكوپلار پاپىنىڭ قانۇن خىزمەتچىلىرى، ئۇلار پاپىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدا، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل خىزمەت ئىشلەيدۇ، يەنى ئۇلار بىر-بىرىگە جەم بولۇشقاندا پاپا بىلەن بىرگە دىنىي قائىدىلەرنى ۋە ئەمىر-مەرۇپلارنى تۈزىدۇ؛ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش يۈرگۈزگەندە بولسا، كىشىلەرنى ئامال  قىلىپ دىنىي قائىدىلەردىن چالغىتىشتىن باشقا ئىشى يوق. سەن بەلكىم خىرىستىيان دىنى، ئەمەلدە بېجىرىش بەكمۇ قىيىن بولغان سان-ساناقسىز ئەمىر-مەرۇپلاردىن تۈزۈلگەنلىگىنى بىلىسەن. كىشىلەر دىنىي قائىدىلەرنى بېجىرىشنى بەك قىيىن دەپ بىلىدۇ، ئېپىسكوپلار بۇنداق ئىشلاردىن كىشىلەرنى خالاس قىلىدۇ. ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆپچىلىك مۇشۇنداق قىلىشقا ئادەتلەنگەن. مۇشۇنداقبولغاچقا بەزىلەر روزا تۇتمايدۇ (روزا تۇتۇش ئىسلام دىنىدىكى ئادەت، بۇ يەردە خىرىستىيان دىنىنىڭ روزا تۇتۇش ئادىتى كۆزدە تۇتۇلغان) ياكى نىكاھ رەسمىيەتلىرىنى بېجىرمەيدۇ، ۋەدىلىرىدىن يالتىيىۋالىدۇ ياكى دىنىي قائىدىلەرگە خىلاپ ھالدا تويلىشىدۇ، بەزىدە ھەتتا كۆپچىلىك بەرگەن قەسەملىرىدىن تېنىۋېلىشنى راۋا كۆۈپ، بىرلىكتە ئېپىسكوپلار ياكى پاپىغا داتلىسا، ئۇلار دەرھال بۇ ھەقتە ئەمەلدىن قالدۇرۇش يارلىقى چۈشۈرىدۇ.

    ئېپىسكوپلار ئۆزلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھېچقانداق ئەقىدىلەرنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. بۇ يەردىكى دوكتۇرلارنىڭ سانىنى ئېلىپ بولغىلى  بولمايدۇ، دوكتۇرلارنىڭ كۆپى مۇناستىرلارغا ئورۇنلاشقان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دىنغا ئائىت نەچچە مىڭ خىل يېڭى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇلار ئاۋۋال كىشىلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىشىدۇ. خېلى ئۇزۇندىن كېيىن يەنە ئۇلار بۇنداق جېدەلنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارارىغا كېلىشىدۇ.

    شۇڭلاشقىمۇ مەن سېنى خىرىستىيانلار پادىشاھلىقىدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئەزەلدىن ھەرقانداق دۆلەتتىكىدىن كۆپ بولۇپ كېلىۋاتىدۇ دەپ ئىشەندۈرەلمەيمەن.

    مەلۇم بىر تەشەببۇسنى ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويغان كىشى، دەسلەپتە «غەيرىي ئەقىدىچى» دەپ كۆرسىتىلىدىكەن. «غەيرىي» دەپ ئاتىلىدىغانلارنىڭ ھەربىرسىنىڭ ئۆز ئالدىغا نامى بولىدىكەن، بۇ نام خۇددى ئۇلارنىڭ ئۇيۇشمىلىرىنىڭ بەلگىسىگە ئوخشايدىكەن، لېكىن ئۇلار «غەيرىي» دېگەن بۇ گەپنى ياقتۇرمىسىمۇ، بۇنداق ئايرىش قۇلايلىق ئىكەن. چۈنكى تالاشچىلار ئىككى تائىپىگە ئايرىلغان بولۇپ، باشقىلار بىرخىل پەرقنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، غەيرىيلەرنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشسا يەنە بەزىلەر ئۇلارنى ئاقلاپ چىقىدىكەن ھەمدە بۇنداق ئاقلاش بىر ئادەمنى قاردەك ئاپئاق قىلىۋېتىدىكەن-دە، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم ئۆزىنى «خالىس ۋارىسچى» دەپ ئاتىۋالىدىكەن.

    يۇقىرىقى ئەھۋال فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيىگىلا تەئەللۇق. چۈنكى ئاڭلىشىمچە ئىسپانىيە بىلەن پورتۇگالىيىدىكى بەزى دىن تارقاتقۇچىلار، ھېچقانداق جاقچاقنى كۆتۈرمەيدىكەن، ئۇلارنىڭ تىرىك ئادەمدىن بىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىشى خۇددى پاخالنى كۆيدۈرگەندەكلا ئوڭاي ئىكەن. مۇبادا سەن كالىس (ئىسپانىيىنىڭ بىر ئۆلكىسى، ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋروپا خىرىستىيانلىرىنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان مۇقەددەس جايى) شەھىرىگە بېرىپ مۇشۇ كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغۇدەك بولساڭ، قولۇڭغا تەسۋىي ئېلىپ، ئاغزىڭدا دۇرۇت ئوقۇپ ئىككى پارچە كىگىز ئەدىيالنى ئۈستۈڭگە يېپىنىپ، ئىككى بوغقۇچ بىلەن باغلاپ يۈرۈشۈڭ كېرەك ئىكەن، ئۇنداق قىلمىساڭ ھالىڭغا ۋاي بولىدىكەن! بۇلارنى ئورۇنلىيالمايدىغان نامرات پۇقرالارنىڭ كۈنى بەك تەس ئىكەن، غەيرىي دىن مۇرىتلىرى ئۆزىنىڭ خالىس ئىكەنلىگى ھەققىدە قەسەم قىلغان تەقدىردىمۇ قارشى تەرەپ ئۇنىڭ «خالىس»لىغىغا قوشۇلمىسا، يەنىلا غەيرىيلەرنىڭ قاتارىدا تىرىكلا ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلىدىكەن. ئۇلار ئاق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئاق ئىكەنلىگىنى ھېس قىلغۇچە، ئۇ ئاللىقاچان كۈلگە ئايلىنىپ بولىدىكەن.

    باشقا سوتچىلار جاۋابكارنىڭ يوللۇق ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويسا، يۇقىرىقى سوتچىلار جاۋابكارنى يەنىلا جىنايەتكار دەپ ھېسابلايدىكەن. ئەگەر بۇ مەسىلىدە نائېنىقلىق بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش بولىدىكەن. چۈنكى ئۇلار ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قاباھەت بولىدۇ دەپ قارايدىكەن، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلاردا ئادەملەر زادى يالغان سۆزلىمەيدۇ، دەيدىغان ياخشى كۆز قاراشمۇ بار ئىكەن، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار كەچۈرگىسىز جىنايەتچى پەسكەش پاھىشە ئاياللىرى ياكى رەسۋا ئادەملەرنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى قۇبۇل قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمنامىلىرىدە گۈڭگۈرتلانغان كۆينەك كىيدۈرۈلگەن (دىنىي سوت كۆيدۈرۈشكە ھۆكۈم قىلغان (تىرىك كۆيدۈرۈشكە) ئادەمگە كۆيۈشىگگ ئاسان بولسۇن ئۈچۈن گۈڭگۈرتلانغان كۆينەك كىيگۈزەتتى) جىنايەتچىنى ئاۋۋال ئاز-تولا مەدھىيلەيدىكەن ھەمدە جىنايەتچىنىڭ تولىمۇ بىچارە قىياپىتىدىن بەكمۇ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى، كۆڭۈللىرىنىڭ ئىنتايىن يۇمشاقلىقىدىن، قان تۆكۈشتىن قورقىدىغانلىقىنى، بۇنداق ھۆكۈم ھېچقانداق ئامال قىلالمىغانلىقتىنلا چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىدىكەن. شۇڭلاشقا، ئۆزلىرىگە تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن بولسا كېرەك، ئۇلار بەخىتسىزلىككە مەھكۇم قىلىنغانلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز چۆنتەكلىرىگە سالىدىكەن.

    پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ ئەۋلاتلىرى ياشاۋاتقان جايلار نېمە دېگەن بەخىتلىك! بىزنىڭ بەختىيار زېمىنىمىزدا، يۇقىرىقىدەك پاجىئەلەر ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان. پەرىشتىلەر بىزگە يەتكۈزگەن مۇقەددەس دىندا (ئىسلام دىنى كۆزدە تۇتۇلغان. بۇ يەردە مونتېسكيۇنىڭ ئىزاھاتىدا: «پارىسلار، ئىسلام مۇخلىسلىرى ئىچىدە كۆڭۈل، كۆكسى ئەڭ كەڭ خەلق» دېيىلگەن) ھەققانىيەت ئۆز-ئۆزىنى قوغدايدۇ، ئۇنىڭدا يۇقىرىقىدەك پاجىئەلىك ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئۆزىنى قوغداشنىڭ قىلچىمۇ ھاجىتى يوق.

     1712-يىلى، شەۋۋال ئېيىنىڭ 4-كۈنى، پارىژ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.