پارس مەكتۇپلىرى (22، 23-خەت)

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-18 17:38:00

پارس مەكتۇپلىرىمۇنتىسكىيۇيىگىرمە ئىككىنچى خەت:ھارۇننىڭ باش ئاختا قۇلغا ئەۋەتكەن خېتى(ئىسپاھاندىكى ئىچكىرى قوراغا ئەۋەتىلگەن)يۇنۇسبەگ، ئارقا ھويلىدىن ئۇزاقلاشقانسېرى، ئۇ، چېقىلغىلى بولمايدىغ...

     

     

    پارس  مەكتۇپلىرى
     

    ئاپتورى: مۇنتىسكىيۇ
    تەرجىمە قىلغۇچى: تۇرسۇن ئەرشىدىن
     

    يىگىرمە ئىككىنچى خەت :ھارۇننىڭ باش ئاختا قۇلغا ئەۋەتكەن خېتى

    (ئىسپاھاندىكى ئىچكىرى قوراغا ئەۋەتىلگەن)

    يۇنۇسبەگ، ئارقا ھويلىدىن ئۇزاقلاشقانسېرى، ئۇ، چېقىلغىلى بولمايدىغان ئاشۇ مۇقەددەس ئاياللارغا شۇنچە تەلمۈرمەكتە؛ ئۇ ھەسرەت چېكىۋاتىدۇ، ياش تۆكۈۋاتىدۇ؛ ئۇنىڭ دەرد-ئەلەملىرى بارغانسېرى كۈچىيىپ گۇمانى بارغانسېرى ئۇلغۇيۋاتىدۇ. ئۇ، ئۇ يەردىكى جېسەكچىلەرنى كۆپەيتىشنى ئويلاۋاتىدۇ. ئۇ مېنى ئۆزى بىلەن بىرگە كەلگەن قارا تەنلىكلەرگە قوشۇپ قايتۇرۇۋەتمەكچى. ئۇ ئۆزىنى ئەمەس، ئۆزى ئۈچۈن مىڭ ھەسسە قىممەتلىك دەپ تونۇغان نەرسىلىرى ئۈچۈن ۋايىم يەۋاتىدۇ.

    شۇڭا مەنمۇ سېنىڭ قانۇنلىرىڭغا ئىتائەت قىلىپ، سېنىڭ ئەندىشىلىرىڭگە شېرىك بولىدىغاندەك تۇرىمەن. ۋاي خۇدايىم! بىر ئادەمنىڭ بەختى ئۈچۈن قانچىلىغان كىشىلەر ئاۋارە-ھە!

    «تەبىئەت» گويا ئاياللارنى بېقىندى قىلىپ قويۇپ، ئۇلارنى شۇ بېقىندىلىقتىن قۇتۇلدۇرىۋالىدىغاندەك قىلىدۇ. ئىككى خىل جىنىسنىڭ ھوقۇقلىرى ئەسلىسىنى ئېيتقاندا ئۆز-ئارا تەسىر قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ ئىككى خىل جىنىسنىڭ مۇناسىۋىتىگە دەخىل يەتكۈزىدىكەن. بىز پەقەت ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدا يېڭى يارىشىشنى پەيدا قىلىش رولىنىلا ئوينايدىكەنمىز، چۈنكى بىز ئاياللار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىكنى، ئاياللار بىلەن ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئوتتۇرىسىغا مۇھەببەتنى قويىدىكەنمىز.

    مانا ئەمدى مەن تېخىمۇ جىددىيلىشىدىغان، غەمكىن ھالدا ئەتراپقا ئالاق-جالاق قارايدىغان، تېشىم پۈتۈن، ئىچىم تۈتۈن بولىدىغان، قېرىماي تۇرۇپلا غەم-غۇسىغا چۆكىدىغان ئوخشايمەن.

    مەن خوجايىنغا ئەگىشىپ غەربكە كەلگەندە بەكمۇ خوشال بولغان ئىدىم. بىراق مېنىڭ ئىرادەم خوجايىننىڭ مەنپەئەتى بىلەن بەلگىلىنىدۇ-دە. ئۇ مېنى ئاياللىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى بۇيرۇسا مەن ساداقەتمەنلىك بىلەن بېجا كەلتۈرىمەن، شۇ. مەن ئاياللارنىڭ مىجەزىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلىمەن، ئەگەر ئاياللارنى بوشاڭ، بىمەزە ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويمىسا، ئۆزلىرىنى بەكمۇ ئەقىللىق چاغلايدىغان بولۇۋالىدۇ. ئاياللارنى ھاقارەتلەش ئۇلارنى يەكسەن قىلىشتەك ئوڭاي ئەمەس. سېنىڭ دىققەت نەزىرىڭ قارىتىلىۋاتقان دائىرىگە ئۆزۈمنى ئاتماقچىمەن.

    1711-يىلى زۇلقەئىدە ئېيىنىڭ 12-كۈنى، ئىزمىر.

     

     

    يىگىرمە ئۈچىنچى خەت: يۇنۇسبەگنىڭ دوستى ئىبەمگە يازغان خېتى

    (ئىزمىرغا ئەۋەتىلگەن)

    قىرىق يول يۈرگەندىن كېيىن بىز لىۋورنو شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. بۇ يېڭى شەھەر ئىكەن. توسكان (ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رايونلار بولۇپ ئىلگىرى چوڭ دۆلەت تەشكىل قىلغاندا فىرېنزىنى پايتەخت قىلغان. 1860-يىلى ئىتالىيە تەركىۋىگە قوشۇلغان) يەرلىك كېنەزلىرى سازلىق يېزىنى ئىتالىيىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن شەھىرىگە ئايلاندۇرۇۋېتىپتۇ. بۇ ئۇلارنىڭ تالانتىنى ئىسپاتلايدۇ، ئەلۋەتتە.

    ئاياللار ناھايىتىمۇ كەڭ ئەركىنلىكتە يۈرىدىكەن. ئۇلار بىرخىل «رەشىق» دەپ ئاتىلىدىغان دېرىزىدىن (بىرخىل كۆپ پەنجىرلىك دېرىزە) ئەرلەرگە بىمالال قاراۋېرىدىكەن؛ ئۇلار ھەركۈنى مومايلار بىلەن كوچىلارغا چۈمبەل (بۇ يەردە ئىتالىيىنىڭ قەدىمكى دەۋرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، ھازىر ئۇ يەردە ئاياللار سىرتقا چىققاندا چۈمبەل تارتىۋالمايدۇ. پارىستىمۇ قەدىمقى زامانلاردا ئاياللار سىرتقا چىققاندا چۈمبەلگە ئورۇنۇۋالاتتى) تارتىۋېلىپ چىقىۋېرىدىكەن. ئۇلار ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ ئەرلىرى، تاغا، چوڭ دادىلىرى، ئوغۇل جىيەنلىرى بىلەن كۆرۈشىۋېرىدىكەن. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئەرلىرى قىلچىمۇ نارازى بولمايدىكەن.

    بىر مۇسۇلمان، خىرىستىيان شەھەرلىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە، ھەقىقەتەن بەكمۇ ھەيرانلىقتا قالىدىكەن. ھازىر نەگىلا بارساڭ ئالدىڭغا ئۇچراپ تۇرىدىغان نەرسىلەرنى، مەسلەن، قۇرۇلۇش-بىنالار، كىيىم-كېچەكلەر ھەمدە ئاساسىي ئۆرپ-ئادەتلەردىكى پەرقلەرنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدىكەن. مەن ئۇلارنىڭ ھەتتا ئەڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىدىمۇ بىرخىل غەلىتىلىك بارلىقىنى ھېس قىلساممۇ، لېكىن ئۇنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن.

    بىز ئەتە مارسېلغا ئاتلانماقچىمىز. ئۇ يەردە ئۇزاق تۇرمايمىز. رىجات ئىككىمىز پارىژغا تېزرەك يېتىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتىمىز، ئۇ يەر ياۋروپا ئېمپىرىيىسىنىڭ (ئۇ بۇ يەردە پۈتكۈل ياۋروپانى دېمەكچى) پايتەختى. ساياھەتچىلەر ھامان چوڭ شەھەرلەرگە بېرىشنى ئويلايدۇ، چۈنكى چوڭ شەھەرلەر چەتئەللىكلەرنىڭ ئورتاق ۋەتىنى بولۇپ قالغان.

    خەير-خوش. مېنىڭ سېنى مەڭگۈ سېغىنىدىغانلىقىمغا شەكسىز ئىشەنگەيسەن.

    1712-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 12-كۈنى، لىۋورنو.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇنتسكيۇ _