پارس مەكتۇپلىرى 30، 31-خەت

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-30 11:00:00

ئوتتۇزىنچى خەت: رىجاتنىڭ خېتىنىڭ داۋامى(ئىزمىرغا ئەۋەتىلگەن) پارىژدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەۋەسچانلىقى تازىمۇ بىمەنىلىك دەرىجىسىگە يەتكەن. مەن پارىژغا كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە كۆپچىلىك مېنى خۇددى...



     

    ئوتتۇزىنچى خەت: رىجاتنىڭ خېتىنىڭ داۋامى

    (ئىزمىرغا ئەۋەتىلگەن)

       پارىژدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەۋەسچانلىقى تازىمۇ بىمەنىلىك دەرىجىسىگە يەتكەن. مەن پارىژغا كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە كۆپچىلىك مېنى خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەك كۆرۈپ، ئەر-ئايال، قېرى-ياش كۆز ئۈزمەي تاماشا قىلىشتى. مەن سىرتقا چىقسام ھەممىسى دېرىزىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قارىشاتتى. مەن تويلىرىس (ئورسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدان ھەم گۈللۈك، ئەينى چاغلاردا پارىژدىكى ياسانچۇقلارنىڭ سەيلە قىلىدىغان مەيدانى ئىدى. گۈللۈك ھازىرمۇ بار، ئوردا بۈيۈك ئىنقىلاپتا ۋەيران قىلىنغان.) مەيدانىغا بارسام، ئەتراپىمنى دەرھال بىر توپ ئادەملەر ئورۇۋالاتتى. خىلمۇ-خىل رەڭدار كىيىملەرنى كىيىشىۋالغان ئاياللار خۇددى ھەسەن-ھۈسەندەك چۆرەمدە دائىرە بولۇۋالاتتى، ئۇيۇنغا كىرسەم، نەچچە يۈزلىگەن دەستىلىك كۆز ئەينەكلەر (دەستىلىك كۆز ئەينەك، يىراقنى كۆرگەندە قول بىلەن تۇتۇپ كۆرىدىغان ئەينەك) مېنىڭ چىرايىمغا توغرىلىناتتى. قىسقىسى ئەزەلدىن ھېچكىممۇ، مېنىڭدەك نۇرغۇن ئادەملەرگە كۆرۈنگەن ئەمەس. بەزىدە مەن ئەزەلدىن ئۆز ئىشىگىدىن نېرىغا بېرىپ باقمىغان بۇ ئادەملەرنىڭ: «گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا بۇ، سېپى ئۆزىدىنلا پارىسلىق ئىكەنغۇ» دەپ غۇلغۇلا قىلىشقىنىنى ئاڭلاپ، ئۆزۈمنى تۇتالماي مىيىقىمدا كۈلۈپ قويىمەن. مەن ھەممىلا يەردە دۇكانلاردا، تام مەشلەرنىڭ ئۈستىدە مېنىڭ سۈرىتىمنىڭ چاپلانغانلىقىنى كۆدۈم. ئۇلار قورقۇپ ماڭا خۇشخۇي مۇئامىلە قىلىشىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن قالتىس ئىش!

        بۇنچىۋالا شۆھرەت مېنى ئەپسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى. مەن ئۆزۈمنىڭ كەم چېلىقىدىغان ئاجايىپ غەلىتە ئادەم ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمەيمەن، ھالبۇكى مەن ئۆزۈمنى قالتىس ھېسابلاشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمەن. چۈنكى مەن، ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھېچقانداق تونۇش بولمىغان مۇشۇنداق كاتتا يات شەھەرنىڭ  ئىت-مۈشۈكلىرىگىمۇ ئارام بەرمەيدىغانلىقىمنى زادىلا ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن پارىسچە كىيىم-كېچەكلىرىمنى سېلىۋېتىپ ياۋروپاچىسىغا كىيىنىشنى، پوسۇنۇمنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن مەندە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يەنە قانداق ئالامەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم. بۇ سىناق ماڭا ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىمنى تونۇتتى. مەن پارىسچە كىيىملىرىمنى سېلىۋەتكەندىن كېيىن، كىشىلەر مېنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىمنى بىلەلمەيدىغان بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن كىيىم تىككۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن، ئۇ مېنى بىردىنلا خالايىقنىڭ نەزىرى ھەم دىققىتىدىن خالاس قىلدى. مەن كىيىمنى ئالماشتۇرۇپلا، كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق ئازادىلىككە چىقىپ قالغاندەك بولدۇم. بەزىدە مەن كۆپچىلىك بىلەن سائەتلەپ تۇرساممۇ، بىرەرسى ماڭا قايرىلىپ قاراپمۇ قويمايدىغان، سۆزلەش پۇرسىتىنىمۇ بەرمەيدىغان بولدى. ئەگەر بىرەرسى كۆپچىلىككە ئۇشتۇمتۇتلا مېنىڭ پارىسلىق ئىكەنلىگىمنى بىلدۈرۈپ قالسا، مەن دەرھاللا ئەتراپىتىكىلەرنىڭ چۇلدۇرلىشىپ: «نېمە! نېمە! بۇ ئەپەندىم پارىسلىقما؟ بۇ ئىشقا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ! ۋاي تاڭەي، بۇ ياق قانداقلارچە پارىسلىق بولۇپ قالغاندۇ؟» دېگەنلىرىنى ئاڭلايدىغان بولدۇم.

        1712-يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 6-كۈنى، پارىژ.

     

     

    ئوتتۇز بىرىنچى خەت: لىدەنىڭ يۇنۇسبەگكە يازغان خېتى

    (پارىژغا ئەۋەتىلگەن)

        قەدىرلىك يۇنۇسبەگ، مەن ھازىر ۋېنىتسىيىدە، كىشىلەر يەر يۈزىدىكى شەھەرلەرنى تاماشا قىلىشقا كاشىلا قىلىشمىسىمۇ، لېكىن مەن ۋېنىتسىيىگە كېلىشىم بىلەنلا ھەيرانلىقتا قالدىم. بۇ شەھەر ئۇنىڭ چېركاۋلىرى ھەم ئېگىز مۇنارلىرى، ھەممىسىلا سۇغا چىلىشىپ تۇرغانغا ئوخشاش كۆرۈنىدىكەن. ئەسلىدە، پەقەت سۇچىلارلا ئىستىقامەت قىلىدىغان بۇ شەھەرنى قاپلاپ كەتكەن مىخ-مىخ ئادەملەرنى كۆرگەندە، ھەممە كىشى ھەيرانلىقتىن خالىي بولالمايدۇ.

        بىراق پانىي ئالەمنىڭ بۇ شەھىرىدە، دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى يەنى تىرىك سۇ (ئىتالىيىنىڭ ۋېنىتسىيە شەھىرى دېڭىز ساھىلىگە جايلاشقان گۈزەل شەھەر بولۇپ، ئۇ يەردە تاتلىق سۇ كەمچىل بولغاچقا، يىراقتىن توشۇپ كېلىشكە توغرا كېلىدۇ.) كەمچىل ئىكەن. بۇ يەردە بىرەر قېتىممۇ پەرىزنى بىجا كەلتۈرگىدەك غۇسلى قىلىش مۇمكىنچىلىگى يوق ئىكەن. بىزنىڭ مۇقەددەس پەيغەمبىرىمىز بۇ شەھەردىن نەپرەتلىنىدۇ. ئۇ ئاسماندىن بۇ شەھەرنى كۆرگەن ھامان غەزەپلەنمەي قالمايدۇ.

        ئەگەر ئاشۇنداق بولمىغىنىدا مەن بۇ شەھەردە تۇرىۋېرىشنى بەكمۇ خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلغان بولاتتىم. چۈنكى مېنىڭ ئەقىل-پاراسىتىم بۇ يەردە كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتىدۇ. مەن سودا ماھارىتىنى ئۆگىنىۋاتىمەن. پادىشاھلارنىڭ مەنپەئەتىنىڭ نەدىلىگىنى چۈشىنىۋاتىمەن، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىۋاتىمەن. ھەتتا ياۋروپانىڭ خۇراپاتلىغىغىمۇ سەل قارىمايۋاتىمەن. مەن تىبابەتچىلىك، فىزىكا، ئاسترونومىيە ۋە ھەرخىل ھۈنەر-سەنئەتنى بىلىپ، تەتقىق قىلىۋاتىمەن. گەپنىڭ قىسقىسى، مەن يۇرتۇمدا تۇماننىڭ ئىچىدە ياشىغان بولسام، ھازىر بىردىنلا تۇماندىن يۇلقۇنۇپ چىققاندەك بولۇپ قالدىم.

            1712-يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 16-كۈنى. ۋېنىتسىيە.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پارس مۇنتىسكيۇ