پارس مەكتۇپلىرى (1-خەت)

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-31 13:37:30

پارس مەكتۇپلىرىمۇنتىسكىيۇمۇقەددىمە مەن بۇ يەردە بىر پارچە بېغىشلىما يازماقچى ياكى بۇ كىتابىمغا ھىمايىچى تەلەپ قىلماقچى ئەمەسمەن. ناۋادا كىتاب ئوبدان بولسا، كىشىلەر ئۇنى چوقۇم ئوقۇيدۇ، ئەگە...


     

    پارس مەكتۇپلىرى
     

    ئاپتورى: مۇنتىسكىيۇ
    تەرجىمە قىلغۇچى: تۇرسۇن ئەرشىدىن

    مۇقەددىمە

        مەن بۇ يەردە بىر پارچە بېغىشلىما يازماقچى ياكى بۇ كىتابىمغا ھىمايىچى تەلەپ قىلماقچى ئەمەسمەن. ناۋادا كىتاب ئوبدان بولسا، كىشىلەر ئۇنى چوقۇم ئوقۇيدۇ، ئەگەر ناچار بولسا، كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئوقۇش-ئوقۇماسلىقى ئۈستىدە مېنىڭ ھېسابلىشىپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق.

       مەن پەقەت بىرىنچى تۈركۈمدىكى مەكتۇپلارنى خالايىققا كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ رايىنى سىناپ باقماقچىمەن؛ مېنىڭ كىتاب جازىلىرىمدا يەنە نۇرغۇنلىغان باشقا مەكتۇپلارمۇ تۇرۇپتۇ. ئۇلارنى كېيىنكى كۈنلەردە ئېلان قىلساممۇ بولىدۇ.

       بىراق، شۇنىسى شەرتكى، مەن كىشىلەرنىڭ مېنىڭ كىملىگىمنى بىلىپ قېلىشنى خالىمايمەن؛ مۇبادا كىشىلەر مېنىڭ ئىسىم-فامىلەمنى بىلىپ قالىدىكەن، مەن شۇندىن ئېتىبارەن جىم بولىۋالىمەن، مەن بىر ئايالنى تونۇيمەن. ئۇ ناھايتىمۇ چىرايلىق ماڭىدۇ، ئەمما بىرەرسى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرىۋالسا، ئۇ ئاسقاقلاشقا باشلايدۇ. مەن ئۆزەمدىكى كەمچىلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ تەنقىدلىشىنى خالىمەيمەن، ۋاھالەنكى بۇ كىتابتا كەمچىلىكلەر يېتىپ ئاشقۇچە تۇرۇپتۇ، ئەگەر كىشىلەر مېنىڭ كىملىكىمنى بىلىپ قالسا:‹‹ بۇ ئەسەر ئۇنىڭ پەزىلىتىگە ماس كەلمەيدىكەن؛ ئۇ ۋاقىتنى ئەڭ مۇۋاپىق ئورۇنلارغا سەرپ قىلىشى، سالاپەتلىك بىر ئادەم تۇرۇقلۇق بۇنداق يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن بەنت بولماسلىقى لازىم ئىدى›› دېيىشى تۇرغانلا گەپ. تەنقىدچىلەردە بۇنداق ھېسسىيات ھەرگىز كەم ئەمەس، چۈنكى بۇنداق ھېسسىياتقا كېلىش ئۈچۈن كۆپ ئەقىل كەتمەيدۇ-دە!

      بۇ كىتابتا نامى ئاتالغان ھېلىقى بىر قانچە پارىسلارغا كەلسەم، ئۇلار مەن بىلەن بىرگە تۇرغان ئىدى، ئەتىگەن-ئاخشاملىرى ئۇچرىشىپ تۇراتتۇق. ئۇلار مېنى باشقا بىر ئىقلىمنىڭ ئادىمى دەپ بىلگەچكە، ھېچنىمىسىنى مەندىن سىر تۇتمايتتى. دېمىسەممۇ، شۇنچىلا يىراق يەردىن كۆچۈپ كەلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ يەنە سىر ساقلاپ يۈرۈشىنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتىمۇ يوق ئىدى. ئۇلار مەكتۇپلىرىنىڭ كۆپىنى ماڭا كۆرسەتكەن، مەنمۇ كۆچۈرۈپ ئالغان ئىدىم. مەن ھەتتا ئۇلارنىڭ بىخەستەنلىكىدىن پايدىلىنىپ باشقا خەتلىرىنىمۇ كۆرۈۋالغان ئىدىم. ۋاھالەنكى بۇ خەتلەرنى ئۇلار ھەرگىزمۇ ماڭا ئاشكارىلىمايتتى. چۈنكى بۇ خەتلەرنىڭ مەزمۇنى شۆھرەتپەرەس ۋە ھەسەتخور كۆڭۈللەرنى بەكمۇ زېدە قىلاتتى.

      شۇڭلاشقا مەن تىلماچلىق بىلەن شۇغۇللاندىم. مېنىڭ پۈتكۈل ئاۋارىچىلىقىم، بۇ ئەسەرنى ئۆز ئېلىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش بولدى. مەن كىتابخانلارنى ئاسىيالىقلار تىلىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىدىن خالىي قىلىشقا تىرىشتىم، كىتاپخانلارنى سان-ساناقسىز دەبدەبىلىك سۆز-ئىبارىلەردىن خالاس قىلدىم، ئۇنداق قىلمىغىنىمدا بۇ سۆز-ئىبارىلەر كىتابخانلارنى تالدۇرۇپ گاراڭ قىلىپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى.

      بىراق، مېنىڭ كىتابخانلار ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىم بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. مەن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن تەكەللۇپ سۆزلەرنىمۇ قىسقارتىۋەتتىم، شەرقلىقلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەردلىكلىگى بىزنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. مەن يەنە ئىككە دوستنىڭ ئوتتۇرىسىدىلا پەيدا بولۇپ ھەم غايىپ بولۇپ تۇرىدىغان خالايىققا كۆرسىتىشنىڭ ھاجىتى بولمىغان نۇرغۇنلىغان چاكىنا، ئوشۇقچە قائىدە-يوسۇنلارنىمۇ قىسقارتىۋەتتىم.

      ئەگەر مەكتۇپ توپلاملىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپتورلارنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك ماڭا ئوخشاش يول تۇتسا، ئېھتىمال ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى تامامەن يوقاپ كېتىشى مۇمكىن.

      بىر ئىش مېنى تەئەججۈپلەندۈرىدۇ؛ بۇ پارىسلار ئېلىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، بەزىدە ھەتتا ماڭا ئوخشاش پىششىق بىلىدۇ؛ ھەتتا ئەڭ زىل ئەھۋاللارنىمۇ ئۇلار تونۇپ يەتكەن؛ مەن شۇنىڭغىمۇ ئىشىنىپ قالدىمكى، ئۇلار يەنە ئىلگىرى فىرانسىيىگە كۆپ قېتىم ساياھەتكە كەلگەن نېمىسلار دىققەت قىلمىغان ئىشلارغىمۇ دىققەت قىلغان. بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ مەملىكىتىمىزدە ئۇزۇن يىل ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقىدىن بولغاندۇر؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، بىر ئاسىيالىقنىڭ بىر يىل ئىچىدە فرانسۇزلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى پىششىق بىلىۋېلىشى، بىر فرانسۇزنىڭ تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاسىيالىقلارنىڭ جىمغۇر، كىشىگە سىر بەرمەس مىجەزى دەل فرانسۇزلارنىڭ ئوچۇق كۆڭۈل-كۆڭلىدىكى گەپنى باشقىلاردىن ئايىمايدىغان مىجەزىگە توغرا كېلىدۇ.

     ئادەتتىكى قائىدە بويىچە،  تىلماچلارغا ھەتتا ئەڭ قەبىھ ئىزاھچىلارغىمۇ ئەسلى ئەسەرنى بىرەر قۇر ماختاپ، ئۇنىڭ لازىمەتلىك جايلىرى، ئارتۇقچىلىقى ۋە ئېسىل نۇقتىلىرىنى كۆرسىتىپ بىرىشىگە يول قويۇلىدۇ، بۇلار بولسا تەرجىمە ئەسەر ياكى ئىزاھاتنىڭ كىرىش سۆزىنى بېزەيدۇ. مەن بۇنداق قىلىشنى لازىم تاپمىدىم؛ كىشىلەر مېنىڭ بۇنداق قىلمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبلىرىنى ئوڭايلا پەملىۋالالايدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى سەۋەبلىرىدىن بىرى، بۇنداق سۆزلەر بەكمۇ زېرىكتۈرەرلىك بولىدۇ. ۋاھالەنكى مېنىڭ بۇ يازمىلىرىممۇ بەك زېرىكەرلىك بولۇپ كەتتى-مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم مەن بۇنى بىر پارچە مۇقەددىمىگىلا كىرگۈزۈپ قويدۇم.

     

     

    بىرىنچى خەت: يۇنۇسبەگنىڭ دوستى رۇستەمگە يازغان خېتى

     

       گامدا (پارىسلارنىڭ قەدىمقى پايتەختى، 1722-يىلى ئافغانلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان). بىرلا كۈن توختىدۇق. ئۇ يەردە ئون ئىككى پەيغەمبەر بىلەن بۈۋىي مەريەم ئانىمىزنىڭ مازارلىرىنى تاۋاپ قىلىپ يەنە يولغا چىقتۇق. تۈنۈگۈن، يەنى ئىسپاھاندىن ئاتلانغىنىمىزنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى تەۋرىزگە (پارىستىكى بىر جاينىڭ ئىسمى) يېتىپ كەلدۇق.

     ئىلىم ئېلىش ئىشتىياقىدا، رىجات ئىككىمىز گۈزەل يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ، تېنىچ تۇرمۇشنىڭ خوشاللىقلىرىدىن ۋاز كېچىپ، جاپا-مۇشەققەت چېكىپ پەزىلەت ئىزلەشكە تەۋەككۈل قىلدۇق؛ بۇنداق قىلغان پارىسلار ئىچىدە بىز ئىككىمىز ئىنشائاللاھ ئەڭ دەسلەپكىلىرى بولۇپ قالارمىز.

      بىز ئاۋات پادىشاھلىقتا تۇغۇلغان بولساقمۇ، ئەمما بىز ئىلىم ئېلىشنىڭ چېكى مۇشۇ پادىشاھلىقنىڭ چېگرىسى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، دەپ ھېسابلىغان ئەمەسمىز، شۇنىڭدەك شەرقنىڭلا (بۇ يەردە ئوتتۇرا ۋە يېقىن شەرق، جۈملىدىن پارىس كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ئاپتاپىنى بىزگە بىردىن-بىر يورۇقلۇق بېغىشلىغۇچى ئاپتاپ دەپمۇ قارىغان ئەمەسمىز.

      بىزنىڭ سەپىرىمىز توغرىسىدا باشقىلارنىڭ قانداق غۇلغۇلا قىلىشىۋاتقىنىنى خەت بىلەن خەۋەر قىلىپ تۇرغىن؛ ماڭا يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان سۆزلەرنىڭ ئۇنچىۋالا ھاجىتى يوق، چۈنكى مەن تەرەپ بولىدىغانلارنىڭ ئانچە كۆپ ئەمەسلىگىنى بىلىمەن. خەتنى ئىجرۇنغا (تۈركىيىنىڭ جاي ئىسمى. يۇنۇسبەگ بىلەن رىجات پارىستىن ياۋروپاغا سەپەر قىلغىنىدا توختاپ ئۆتكەن چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى) يوللا، بىز ئۇ يەردە بىر نەچچە كۈن تۇرماقچىمىز.

      خەير-خوش قەدىرلىك دوستۇم، رۇستەم، ئىشەنگىنكى، مەن ئالەمنىڭ ئۇ چېتىگە چىقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ مەڭگۈ سېنىڭ سادىق دوستۇڭ بولۇپ قېلىۋېرىمەن.

      

                                    1711-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 15-كۈنى، تەۋرىز 

    (ئاخىرى بار)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.