كېيىن خۇشال بولىسەن(ئەزىز نەسىن)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-24 23:06:30

كېيىن خۇشال بولىسەنئەزىز نەسىن (تۈركىيە)تۈركچىدىن ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ تەرجىمىسى ئۇلار تونۇشقىنىغا ئۈچ كۈن بولمايلا تۇرمۇش قۇرۇشقا ۋەدىلىشىپتۇ. بولغۇسى كېلىن خېلى ئوڭلۇق ئائىلىنىڭ قىزى، ئاتا ...



    كېيىن خۇشال بولىسەن
    ئەزىز نەسىن (تۈركىيە)

    تۈركچىدىن ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ تەرجىمىسى
      

      ئۇلار تونۇشقىنىغا ئۈچ كۈن بولمايلا تۇرمۇش قۇرۇشقا ۋەدىلىشىپتۇ. بولغۇسى كېلىن خېلى ئوڭلۇق ئائىلىنىڭ قىزى، ئاتا ـ ئانىسى ناھايىتى نازۇك تەبىئەتلىك ئادەملەردىن ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن قىز يىگىتكە:
       ـ ئۆيىمىزگە بېرىپ ئاتا ـ ئانامدىن رازىلىق ئالمىساڭ بولمايدۇ، ـ دەپتۇ.
       كۈيئوغۇل بولغۇچىنى سورىساڭلار، ئۆزى ياۋاش ـ يۇمشاق يىگىت، بىر گەپنى ئىككى قىلغۇسى كەلمەيدىكەن، ئىلاجىنىڭ بارىجە بىر كىمنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمىسەم، دەيدىكەن. شۇڭا ئۇ:
       ـ ياخشى گەپ بولدى، ئەتىلا ئۆيۈڭگە بېرىپ داداڭدىن بۇ تويغا رۇخسەت ئالىمەن، ــ دەپ قىزنى خاتىرجەم قىپتۇ.
      قىز بۇ ئىشنى ئاپىسىغا ئېيتپىتۇ. ئاپىسىمۇ ھەممە گەپنى ئېقىتماي ـ تېمىتماي ئېرىگە يەتكۈزۈپتۇ. ئاخىر بوۋاي ـ موماي ئىككىسى ئەتىسى كۈيۈ ئوغۇل بولغۇچىنى كۈتۈۋاپتۇ. ئۇلار بىللە ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچىشىپتۇ، بىر ھازاغىچە تاغدىن ـ باغدىن گەپلىشىپ ئولتۇرۇشۇپتۇ. ئەنە گەپ قىلىدۇ، مانا گەپ قىلىدۇ، دەپ بوۋاي بىلەن موماي راسا كۈتۈشۈپتۇ، لېكىن يىگىت توي ئىشىدىن زىنھار ئېغىز ئاچماپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قايتىشنىمۇ ئويلىماپتۇ. كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشۈپتۇ، كەچلىك تاماقنىمۇ يەپ بوپتۇ، ئاندىن يەنە قەھۋە ئىچىشىپتۇ. بولغۇسى كۈيئوغۇل يەنىلا ئېغىز ئاچماپتۇ. ئۇنىڭ ئېغىزىدىن گەپ كۈتۈپ خېلى ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. يېرىم كېچىدە مېھماننى قوغلىۋەتكىلى بولاتتىمۇ؟ ئىلاجسىز ئۇنىڭغا ئورۇن سېلىپ قويۇپ:
        ـ نېرىقى ئۆيگە چىقىپ ئارام ئېلىڭ، ئورۇن سېلىپ قويدۇق، ــ دېيىشىپتۇ.
       بىر چاغدا شۇنداق قارىسا، يىگىت قىزنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ ئاشۇ خانىگە تارتقۇشلىغى تۇرۇپتۇ. بوۋاينىڭ ئاچچىقى كېلىپ:
        ـ ئوغلۇم، بۇ نېمە قىلىق؟ ــ دەپتۇ.
       يىگىت بولسا پېتىنىمۇ بۇزماي:
        ـ ئۇنىڭغا گېپىم بار، دادا، ــ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
        ـ قانداق گەپ؟
        ـ گەپ بار دېگەندىكىن بولدىغۇ، سۈرۈشتۈرۈپ نېمە قىلىسىز، كېيىن بىلگەندە خۇشال بولۇپ قالىسىز.
        يىگىت شۇنداق دېگەچ قىزنى يەنە تارتقىلى تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ سىرلىق گېپىنى ئاڭلاپ بوۋاي بىلەن موماي ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپ قاپتۇ، بىر ـ بىرىنى ئىتتىرىشىپ ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ.
        ـ قېنى، كۆرۈپ باقايلى، نېمە گېپى باركىن، ـ بوۋاي بىلەن موماي كىرپىك قاقماي تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ.
        ئۇنىڭ تۇنجى قىلغان چوڭ ئىشى ئەنە شۇ بولغنىكەن. ئېھتىمال، ئەينەن شۇنداق بولمىغاندۇر، لېكىن بىزنىڭ قۇلىقىمىزغا پېتىپ كەلگىنى شۇ.
       ـ ئاخىر، ئەتىسى ئۇلار بىر ـ بىرىنى يېتىلىشىپ ھۇجرىدىن چىقىشىپتۇ.
       ـ قېنى ، نېمە گېپىڭ بار ئىدى، ئەمدى ئېيتىپ بەر، ــ دەپتۇ يىگىتكە قىزنىڭ دادىسى يەرگە قاراپ تۇرۇپ.
       ـ بۇ تەرىپىدىن خاتىرجەم بولۇڭ، دادا، ئەسلا غەم يېمەڭ، بىر نەرسىنى بىلمىسەك،  بىز گەپ قىلمايمىز. گەپ بار دېدىممۇ، مەيلىمىزگە قويۇپ بېرىڭ. كېيىن خۇشال بولۇپ قالىسىز.
        ناشتا قىلغاندىن كېيىن يىگىت «ئەمدى ماڭا رۇخسەت قىلىڭلار» دەپ كەتمەكچى بولغانىكەن، قىز جىم ئولتۇرۇۋاپتۇ.
        ـ تۇر ئورنۇڭدىن، ئەمدى يىغلىما. كېيىن ئېيتىمەن، گەپ بار، چوقۇم خوشال بولىسەن، ــ يىگىت شۇنداق دېگىنىچە قىزنى كەينىگە سېلىپ كېتىپتۇ. ئاتا ـ ئانا بولغان بىچارىلەر نېمە گەپ بولغىيدى، دەپ خېلى كۈنلەرگىچە كۈتۈشۈپتۇ. لېكىن ئۇنى قايتا كۆرۈش نېسىپ بولماپتۇ.
       بىز ياتقان تۈرمىگە شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن سەرگۈزۈشتىلىرى يېتىپ كەلدى.
       ئۇ يىگىت يەنە بىر كۈنى گەزلىمە دۇكىنىغا كىرىپتۇ ـ دە، تەكچىدىكى بىر توپ رەختنى كۆرسىتىپ:
        ـ ئۇنى كۆرۈپ باقاي، ــ دەپتۇ.
        دۇكاندار رەختنى ئېلىپ بېرىپتۇ. ئۇ بولسا رەختنى قولتۇقىغا قىسىپ، ھېچنىمە دېمەستىن ئىشىككە قاراپ مېڭىپتۇ. مالنىڭ ئىگىسى دەسلەپتە ھاڭ ـ تاڭ بولۇپ قاپتۇ، ئاندىن ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىپتۇ. يىگىت مىت قىلىپمۇ قويماي:
       ـ ھەي بۇرادەر، نېمىشقا قولۇمغا ئېسىلىسەن؟ مەن مېلىڭنى يەپ قوياتتىممۇ؟ نېمىشقا ئېلىپ ماڭىسەن، دېگەنمۇ گەپمۇ، توۋا. كېرەك بولغاندىكىن ئالىمەن ـ دە. ھە، شۇنداق. كۆپ چېچىلما، سەۋر قىل. گەپ بار، ــ دەپتۇ.
        ئۇنىڭ تەمكىن، قەتئىي گەپلىرىنى ئاڭلىغان دۇكاندار نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قاپتۇ. ئاخىر ئۇ يا مېلىدىن ئايرىلىپ كەينىگە قايتىدۇ ياكى «نېمە گەپ بولدىكىن؟» دەپ ھاڭ ـ تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالىدۇ. ئەمما، يىگىت ئېيتقان گەپنىڭ نېمىلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن، چۈنكى ئۇ بىر قېتىم قولغا چۈشۈرگەن ئادىمىگە قايتا يولۇقمايدىكەن.
       بۇ يىگىتنىڭ ئېغىزدىن ـ ئېغىزغا كۆچۈپ يۈردىغان ھۈنەرلىرى كۆپ، لېكىن ھەممىسىنىڭ يولى ۋە ئۇسۇلى بىر خىللا ئىدى.
       بىر كۈنى ئۇنىڭ كوچا ئاپتۇبۇسىدا بېلەت ساتقۇچىنى راسا بابلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىشتى. ئۈچىيىمىز ئۈزۈلگۈچە كۈلۈشتۇق. بۇ ۋەقە مۇنداق بولغانىكەن.
       بىر كۈنى ئۇ كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقىپتۇ ـ دە، ئۇدۇل بېلەت ساتقۇچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
       ـ قېنى، بوينۇڭدىكى سومكىنى ماڭا ئۇزارت! ـ دەپتۇ. بېلەت ساتقۇچى ھەيران بولۇپ:
       ـ نېمىشقا ئەمدى؟ ـ دەپ سوراپتۇ.
       ـ ۋاي ـ ۋۇي، سەنمۇزە،بەر دېگەندىن بەرمەمسەن.
       ـ خوش، نېمىشقا بېرىدىكەنمەن؟
       ـ سۈرۈشتۈرۈپ كېتىشىنى قانداق قىلاي،ھازىر ئېيتتىم، بولدىغۇ. سەن ماڭا بېرىۋەرگىن، گەپ بار، كېيىن خۇشال بولۇپ قالىسەن.
       بېلەت ساتقۇچى ھەيران بولغىنىچە بوينىدىكى سومكىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بېرىپتۇ. ئۇ پۇل بىلەن توشقان سومكىنى ئېلىپ، ئالدىرىماي ـ تەمتىرىمەي ئاپتوبۇستىن چۈشۈپتۇ، ئاندىن ئاستا قەدەم تاشلاپ كېتىپ قاپتۇ. بۇنىڭغا قاراڭ، ئۇ نە يۈگۈرمەيدۇ، نە بىر ياققا قاچمايدۇ. بۇنى كۆرۈپ ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ قاپتۇ.
       ـ ئەنە شۇ ئادەم ئاخىر قاماققا چۈشتى. ۋىجىك ئادەم ئىكەن، ئوتتۇز بەش ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، كۆرگەن ئادەم يىگىرمە بەش ياشلاردا بار ئىكەن، دەپ قالاتتى. كۆزلىرى نەق يىڭنە تۆشۈكىدەك، ئۆزى مۇغەمبەر، بەك گەپدانمۇ ئەمەس. چوڭ كامېردا ئىككى كۈنگىچە ئاۋازىمۇ چىقماي يۈردى.
       ئۇ كېلىپ ئۈچىنچى كۈنى ھۈنىرىنى كۆرسەتتى.
       مەھبۇسلاردىن بىرىگە كۆز تاشلاپ يۈرگەن ئىكەن، ئۇدۇل ئالدىغا بېرىپ:
       ـ قېنى، ماڭا ئەللىك لىرا بەرگىنچۇ، ــ دەپتۇ.
       ـ نېمىشقا بېرىمەن؟
       ـ چىقىرىۋەر، كارىڭ بولمىسۇن.
       ـ نېمىشقىلىغىنى بىلسەم بولامدۇ؟
       ـ توۋا، نېمىشقىلىقى بىلەن نېمە ئىشىڭ بار، بەر دېگەندىكىن بېرىۋەرمەمسەن، ئاغىنە. قېنى ماڭا ئۇزارت، گەپ بار، كېيىن خۇشال بولىسەن.
       ئۇمۇ«نېمە گەپ باركىن؟» دەپ قىزىقىپ قېلىپ، ئەللىك لىرانى قولىغا ساناپ بېرىپتۇ.
       بۇ ۋەقەدىن شۇ كۈنىلا ھەممىسى خەۋەردار بولدى. مەھبۇسلارمۇ، ساقچىلار بىلەن تۈرمە باشلىقىمۇ بۇنى ئاڭلاپ راسا كۈلۈشتى.
       ئۇنىڭ قامالغىنىغا تېخى بىر ھەپتە بولمىغانىدى، توساتتىن غايىپ بولدى. قاماقتىن قانداق قاچقانلىقىنى كېيىن ئاڭلىدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، كەچقۇرۇن كۆزەتتە تۇرغان ساقچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
       ـ قېنى، ئىشىكنى ئاچ، ــ دەپتۇ.
       گەپنى چوڭ قىلغانغا نېمە يەتسۇن. ئەگەر باشقا ئادەم كېلىپ شۇنداق دېسە،ساقچى تۇمشۇقىغا ئايلاندۇرۇپ بىر مۇشت سالغان بولاتتى. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ ئەلپازىنى كۆرۈپ:
       ـ ئاچسام نېمە قىلىسەن؟ ــ دەپ سوراپتۇ. ــ ئاچقىن، كېيىن كۆرىسەن، گەپ بار.
       ـ ساقچى كامېرنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپتۇ.
       ـ ئەمدى بۇ ياققا ماڭ!
       ـ ساقچى ئۇنىڭ كەينىدىن تاشقىرى ھويلىغا چىقىپتۇ.
       ـ ئەمدى بۇ دەرۋازىنى ئاچ!
      ـ نىمىشقا؟
      ـ دېگىنىمنى قىلىۋەر، سوراپ نېمە قىلىسەن. ئاچىۋەر، گەپ بار، كېيىن خۇشال بولىسەن.
      ـ ساقچى دەرۋازىنىمۇ ئېچىپ بېرىپتۇ. ئۇ نېمە گەپ بارلىقىنى سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقان ساقچىغا قولىنى شىلتىپ قويۇپ ھايت - ھۇيت دېگۈچە كۆزدىن غايىب بوپتۇ.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.