تەبئى-پەنگە ئورۇن بارمۇ؟...

يوللىغۇچى : ablimitt يوللىغان ۋاقىت : 2013-08-23 10:26:03

تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ تەبئى-پەندىكى ئىنژىنىرلارنىڭ نۇپوستىكى نىسبىتى %30 دىن كەم بولمايدىكەن، بىزدە بولسا دېھقانچىلىق، مەمورلۇقتىن قالسا سەنئەتچىلەرنىڭ نىسبىتى باشقا كەسىپلەردىن يۇقىرىراققۇ دەيمەن.

    مىللەتنى تەرەققى قىلغۇزۇش،مەنۋى تۇرمۇشىنى بىيىتىشنى مەقسەت قىلىپ بىرمۇنچە ئىقتىساد،ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى كۆپ ۋاقتىڭلارنى سەرپ قىلىۋاتقان جاپاكەش ھەرقايسى تور بىكەت مەسئوللېرى،ئالدى بىلەن سىلەرگە رەخمەت! قايسى  بڭر تەرەققى تاپقان دۆلەت بولسۇن ھەممىسىدە ئۆزىگە خاس سانائەت تەرەققىياتى بار. دۆلىتىمىزمۇ بۇرۇن تۈۋەن سەۋىيلىك تۇرمۇش بۇيۇملررى ئىشلەپچىقىرىشتىن ھازىر يۇقىرى-يىڭى تېخنىكىغا قەدەم قويدى.
    دەسلەپكى مائارىپنى ئانا تىلىمىزدا قۇبۇل قىلغانلار ئۇخشاش مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشىنى كىچىكىمىزدىن ئۈگەنگەن ئانا تىلىمىزدىكى ماتىريالدىن كۆرسەك نىمىلا دىگەن بىلەن باشقا يىزىقتىكىدىن ياخشى چۈشىنىمىز، بۇ ھەممىمىزگە ئورتاق. كونىلارنىڭ ‹‹تەرجىماندىن شائىر چىقمايدۇ››دىگىنى بىكار ئەمەس. بۇ باشقا تىلنى ئۈگىنىشكە كۆپ ۋاقتىنى سەرىپ قىلىۋەتكەنلەرنىڭ چۈشىنىش،تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس دىگەنلىك.
    مەقسىتىم ئۇيغۇرچە تور بەتلېرىمىزدە ئىلىكتىرون،مىتاللورگىيە ۋە باشقا كەسىپلەرگە سەھىپە ئاجراتساق. شۇ ساھە بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپتىكىلەر ۋە ئۇقۇغۇچىلېرىمىزنىڭ كەسپى بىلىمى(ئانىسىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان كەسپى ئاتالغۇلارنى ئانا يىزىقىدا كۆرۈپ چۈشىنىپلا قالماي،خەنزوچە تۇنۇشىمۇ تىز ئىگىرلەيدۇ) تىز سۈرئەتتە چوڭقۇرلىشىدۇ، ئىشىنىمەنكى مۇشۇنداق قىلغاندا مىللىتىمىز ياشلېرىدىن نۇرغۇن كان-كارخانا قۇرغۇچىلار، كەشپىياتچى-ئالىملېرىمىزنىڭ بارلىققا كىلىشىگە داغدام يول ئىچىپ بەرگەن بۇلىمىز.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تەبئى-پەن