نورۇز بايرىمى ھەققىدە تەكلىپ

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-24 00:50:57

نورۇز بايرىمى ھەققىدە تەكلىپيېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1949-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى مەمۇرىي ئىشلار مەھكىمىسى «مەملىكەت بويىچە ھېيىت-بايرام ۋە خاتىرە كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى&r...



    نورۇز بايرىمى ھەققىدە تەكلىپ


    يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1949-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى مەمۇرىي ئىشلار مەھكىمىسى «مەملىكەت بويىچە ھېيىت-بايرام ۋە خاتىرە كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى» نى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان. ئارىدىن 50 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 1999-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى گوۋۇيۈەن بۇ چارىگە 1-قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا قارار ماقۇللاپ، 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى 2-قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا قارار ماقۇللاپ، بارلىق پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بايراملارنى تۆۋەندىكىچە بېكىتتى:
    1-يېڭى يىل بايرىمى بىر كۈن؛
    2- چاغان(باھار بايرىمى)دا ئۈچ كۈن؛
    3- چوكانتال بايرىمىدا بىر كۈن؛
    4-ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا بىر كۈن؛
    5- تاڭزۇڭزا چاغىنىدا بىر كۈن؛
    6- تاۋۇز چاغىنىدا بىر كۈن؛
    7-دۆلەت بايرىمىدا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشنى بېكىتتى.
    ئاياللار بايرىمى، ياشلار بايرىمى، بالىلار بايرىمى، ئارمىيە بايرىمىدا شۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىغان پۇقرالارنى يېرىم كۈندىن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشنى بېكىتتى.
    بۇ بايراملاردا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش پۇقرالارنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، بايرام كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇش، ئىناق-ئىتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، روھىي كەيپىياتنى تەڭشەش، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە ئىجابىي رول ئويناپ، ھەر مىللەت خەلقىنى خۇشال قىلدى.

    گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان چارىنىڭ 4-ماددىسىدا: ئازسانلىق مىللەتلەر ئادەت بويىچە ئۆتكۈزىدىغان بايراملارنى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئادىتىگە ئاساسەن، دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى بەلگىلەيدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. موشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى 91-نومۇرلۇق «چارە» يەنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئادەتلەنگەن بايرامدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى» نى ئېلان قىلىپ، روزا ھېيتتا شۇ ھېيتنى ئۆتكۈزىدىغان مىللەتتىن بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش، باشقا مىللەتتىن بولغان ئىشچى خىزمەتچىلەرنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرمەسلىك، قۇربان ھېيتتا شۇ ھېيتنى ئۆتكۈزىدىغان مىللەتتىن بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش، باشقا مىللەتتىن بولغان ئىشچى خىزمەتچىلەرنى بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشنى بېكىتتى. بۇ چارىنىڭ يولغا قويۇلىشىمۇ ئوخشاشلا ئىجابىي رول ئوينىدى.

    نورۇز بايرىمى قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى (ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى)، يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ.
    نورۇز يېڭى يىل بايرىمى . چۈنكى نورۇز ھەر يىلى كۈندۈز بىلەن كېچە تەڭلىشىدىغان پەيىتتە كېلىدۇ . يەنى 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى كېچە سائەت نۆلگە توغرا كېلىدۇ . شۇڭا يېڭى يىلنىڭ باشلانغان كۈنى يىل بېشى قىلىنغان . 21 – مارت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈركى تىللىق مىللەتلەردە يېڭى يىلنىڭ باشلانغانغانلىقىدىن ئىبارەت ۋاقىت ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈپ ، كىشىلەرنى ۋاقىتنى سۆيۈش ، ۋاقىتنى قەدىرلەش ، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتەك رىقابەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغان .
    نورۇز تەبىئەت ۋە گۈزەللىك بايرىمى . نورۇز باشلانغان كۈن تەبىئەت جانلانغان ، دەل – دەرەخلەر كۆكىرىشكە باشلاپ ، تاغ ، ئىدىرلىقلارنى يېشىللىق قاپلاشقا باشلىغان ، ئەگىز ئېقىپ ، كىشىگە ھاياتلىق ئۈمىدى بېغىشلىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ . شۇنداق بولغاچقا ، نورۇز ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەردە تەبىئەتنى سۆيۈش ، تەبىئەتتىن زوقلىنىش ، تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن باغ – ئورمان ، گۈل – گىياھلىق بەرپا قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن .
    نورۇز – ئەمگەك بايرىمى ، تەنتەربىيە بايرىمى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت بايرىمى . ئەتىيازلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئەۋجىگە چىقىرىپ ، يېڭى يىلدا تېخىمۇ مول بايلىق يارىتىش نورۇزنىڭ ماددىي مەدەنىيلىك ئەنئەنىسى . تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي ساپاسىنى ياخشىلاشقا ئۇل سېلىش ، ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلىپ ، نورۇزنى ، كىشىلىك ھاياتنى مەدھىيىلەش ، بۇ ئارقىلىق ئەلگە ئىجادچانلىق ، خۇشاللىق ، مەردانىلىك روھى بېغىشلاش نورۇزنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى .
    نورۇز بايرىمى ئۇزۇن تارىخ، چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئاساس ۋە تەسىرگە ئىگە بولۇپ، ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام سۈپىىتىدە داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە. نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپلا قالماي، يەنە قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ شۇنداقلا تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭمۇ ئەنئەنىۋى باھار بايرىمىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزاق دەۋرلىك تەدرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدا دىندىن خالىي، بايرام جەريانىدا ھېچقانداق دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزلمەسلىكتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقا دىنىي بايراملاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ يەنە بىر رېئال ئەھمىيىتى شۇكى، نورۇز-شادلىق بايرىمى، ئۆملۈك-ئىناقلىق، بىرلىك-ئىتتىپاقلىق، ئامانلىق ۋە ئەمگەك بايرىمى بولغاچقا، ئۇ خەلقىمىز ئارىسىدا ئەسىرلەردىن بېرى ئۆزىنىڭ خاسىيىتىنى يوقاتماي، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى بايلىقى سۈپىتىدە ئارزۇلىنىپ ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلدى.

    پارتىيىنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش چاقىرىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ بايرام ئۆزنىڭ قۇبۇل قىلىشچانلىقى، خالىلىقى ۋە رەڭگارەڭلىكى بىلەن خەلىقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى جارى قىلدۇرۇش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
    نۇرۇز بايرىمى گەرچە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدە قۇربان ھېيىت ۋە رۇزى ھېيىتقا ئوخشاش رەسمى قارار چىقىرىپ مەخسۇس دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كەڭ ئاممىنىڭ مەركۈر بايرامنى قۇتلۇقلاش پائالىيتى قانۇن بۇيىچە قوغدالدى ۋە قانۇننى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن،80-يىللاردىن باشلاپ ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە بىر قىسىم ناھىيلەر نۆۋەت بىلەن چوڭ تىپتىكى نۇرۇز پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۇپ بايرامنى قۇتلۇقلاش بىلەن بىللە، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بۇ ئەنئەنىۋى بايرامنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي روللارنى ئوينىدى .
    ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ھەريىلى نۇرۇز بايرىمىنى ھارپىسىدا، ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز، تاتار، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەركەزى شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان ئاھاللىرى مەخسۇس بىر كۈننى تاللاپ چوڭ تىپتىكى يىغىلىش پائالىيتى ئۆتكۈزۇپ بايرامنى قۇتلۇقلاپ كەلمەكتە. تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەريىلى دېگۈدەك نۇرۇز بايرىمىنى سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۇپ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز مىقياسىدىكى كەڭ بايرام ئەھلىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان مىللىي ئوقۇغۇچىلارمۇ تەشكىللىك ھالدا ھەرخىل يوسۇندىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر بايرامنىڭ رەڭگارەڭلىكى، قاتلام ئالاھىدىلىكى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلماقتا.
    گەرچە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەتلەر مەزكۇر بايرامنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە نورمال ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەرمۇ ساقلانماقتا. بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بىرىنچى، مەيلى شەھەر ياكى يېزىلاردا بولسۇن، مەزكۇر بايرام تېخى رەسمىي يوسۇندا قانۇنلاشتۇرۇلمىغان بولغاچقا، مەزكۇر بايرامنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھۈكۈمەت مالىيىسىدىن مۇقىم مەبلەخ ئاجىرتىش قىيىن بولماقتا. ئىككىنچى، ئۈسكۈنە ۋە مەيدان قىيىنچىلىقى، بىر قىسىم ئەنئەنىۋىي ۋە زامانىۋى ھەركەت تۈرلىرى مەخسۇس ئۈسكۈنىلەرنىڭ بولۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ جەھەتتىكى قىيىنچىلىق بىر قەدەر ئېغىر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۈچۈنمۇ مەخسۇس مەيدان بولمىغاچقا، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ نورمال ئۆتكۈزۈلۈشىمۇ توسالغۇغا ئۇچرىماقتا.

    شۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئادەتلەنگەن بايرامدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى» گە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، نورۇز بايرىمىنى ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر مىللەت ئاممىسى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بايرام قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەكلىپ قىلىمىز. تەكلىپىمىز مۇۋاپىق بولسا، قوبۇل قىلىنسا، كۆپ خۇرسەن بولاتتۇق.
    ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە خەلق ۋەكىللىرىنىڭمۇ بۇ تەكلىپكە ئەھمىيەت بېرىشىنى، بۇ ھەقتە مۇناسىپ تەكلىپ بېرىشنى ئويلىشىپ بېقىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمىز.

    بۇ تەكلىپنى تەييارلاشتا، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى تارىخ تەتقىقات ئورنىدىن ئەلى غوپۇرنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى توغرىسىدا» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدىن پايدىلاندۇق. بۇ يەردە ئالايىتەن رەھمەت ئېيتىمىز.
    مەنبە: ئۆزۈم.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.