كىتابنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-05-25 17:43:41

كىتابنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى (ۋىليام گاردون) ئەركىن ئەمەت تەرجىمىسى دانىشمەنلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە دەۋرنىڭ تەجرىبەساۋاقلىرى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ساقلىنىدۇ. ئىساك . دىسلىر -«ئەدەبىياتنىڭ...

    كىتابنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى (ۋىليام گاردون)

    ئەركىن ئەمەت تەرجىمىسى

     

    دانىشمەنلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە دەۋرنىڭ تەجرىبەساۋاقلىرى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ساقلىنىدۇ.
      ئىساك . دىسلىر -«ئەدەبىياتنىڭ قىزىقىشى»دىن ئېلىندى.

       بۇ بىر ئۆزگىچە ئۈزۈندىلەر توپلىمى ، شۇنداقلا بۇ كىتاب پەقەتلا يازغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىش قوللانمىسى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇلار ۋاراقلاپ كۆرگىنىدە ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق بولغان مەلۇم ئالاھىدە ئۈزۈندىلەرنى تاپالايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ كىتاب يەنە يېزىقچىلىققا ئەمدىلا كىرىشكەن ۋە كىتابى نەشر قىلىنغان يازغۇچىلارنى يېزىقچىلىق ماھارىتى ھەققىدىكى ۋە نەشرىياتچىلىق سودىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي ئەھمىيىتى بولغان تەكلىپلەر بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئۇلارغا ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
    ئەمەلىيەتتە تەخمىنەن 25 يىللار ئىلگىرى مەن ئەمدىلا يېزىقچىلىققا كىرىشكەن ۋاقىتتا ، باشقىلارنىڭ ماڭا مۇشۇنداق بىرەر كىتابنى تونۇشتۇرۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم . ئەينى ۋاقىتتا مەن كۆپ سانلىق يازغۇچىلارغا ئوخشاش ئۆزۈمدىن: «كىم مېنىڭ كىتابىمنى سېتىۋالىدۇ؟ ئۇلار يەنە نېمە ئۈچۈن مېنىڭ كىتابىمنى سېتىۋالىدۇ» دەپ سوراپ باقمىغان . مەن ھەتتا بىر كىتابنىڭ بازار مەسىلىسىگە پەقەتلا دىققەت قىلمىغان ، شۇنداقلا نەشرىيات سودىسىنىڭ ئايلىنىش تەرتىپى ھەققىدىكى ئىشلارغىمۇ كارىم بولمىغانىكەن.
        شۇڭلاشقا ، مېنىڭ يېزىقچىلىققا كىرىشىپ تۇنجى كىتابىم نەشر قىلىنغىچە بولغان ئارىلىقتا نېمە ئۈچۈن 17 يىل ۋاقىت كەتكەنلىكىنى مۇشۇ سەۋەبلەردىن چۈشىنىۋېلىشقا بولاتتى . تۇنجى كىتابىم نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ، مەن يەنە باشقا ئىككى كىتابىمنى نەشر قىلدۇردۇم . شۇنىڭ بىلەن مەن مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن تۇرمۇشىنى قامدىيالايدىغان ئاز ساندىكى كەسپىي يازغۇچىنىڭ بىرىگە ئايلىنىش شەرىپىگە ئېرىشتىم. شۇڭا مەن نىمىلەرنى يېزىش كېرەكلىكى قانداق يېزىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئۆزەم ئۇچراتقان نادىر ئەقلىيە سۆزلەرنى يىغىپ كۆپچىلىككە سۇنۇش ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇساپىسىنى قىسقارتىشقا ئاز بولسىمۇ ياردەم قىلىش نىيىتىدە بولدۇم.
    --------------
      تەرجىمىھال ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى بۈيۈك شەخسلەرنى ئوراپ تۇرغان جەزبىدار مەدھىيىلەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي  قىياپىتىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇنداق بولغاچقا ئەڭ ئۇزۇن تارىخ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىرى شەخسنىڭ تەرجىمىھالى تىپىدىكى بولۇپمۇ شۇ بىر شەخس ئارقىلىق شۇ بىر دەۋرنىڭ تەرجىمىھالىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان كىتابلاردۇر.
      ئەنگلىيە دراماتورگى ئېلون . بېنت.
    --------------
         پەقەت تەرجىمىھال ئەسىرىنىڭ باش قەھرىمانى بىلەن يۈرۈشتۇرۇشتا بىللە بولۇپ ، تۇرمۇشتا زىچ ئالاقە ئورناتقان ئادەملا ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىپ چىقالايدۇ. شۇڭا مەن يازغۇچىلارغا ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ تەرجىمىھالىنى ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئىگىز نۇقتىدىن كۈزىتىپ ئەڭ جۈرئەتلىك ، ئەڭ گۈزەل تىللار بىلەن گويا بىر بەدىئى سۈرەتتەك ئېچىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
      ئەنگلىيىلىك يازغۇچى ، لۇغەت تۈزگۈچى ، ئوبزورچى فورس . يوھانتون . جامىس . بورىسۋىل تۈزگەن «يوھانسوننىڭ تۇرمۇشى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى (1971يىل) .
    ---------------
        بىر ئادەمنىڭ سۆزھەرىكىتى پەقەتلا شۇ كىشىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن كىچىك بىر قىسمىنىلا تەشكىل قىلىدۇ . ئۇنىڭ ھەقىقىي  تۇرمۇشى بولسا ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا كۆمۈلگەن بولىدۇ . ئۇنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.
      مارك . تىۋىن «تەرجىمىھالىم» ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان (1924-يىل).
    -----------------
     ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالى يېزىلغان ئەسەرلەر بەلكى ئەڭ ئالىيجاناب يالغانچىلىق بولۇشى مۇمكىن.
      ھانفىلىر . كاپىنت ، «پاترىك . فېۋارتنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى دىئاگنوزى» «نيۇيورك ۋاقىتلىق گېزىتى كىتابلارغا باھا ئىستونى» . 1928-يىل 2ئاينىڭ 7كۈنىدىكى سانى.
    ---------------------
     تەرجىمىھال يازغۇچىلىرىنىڭ قورالى زادى نېمە؟ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قوراللىرى ئىچىدە مۇھىملىرىدىن ئاساسلىقى سەزگۈرلۈك ، ئاددىي تۇرمۇش ساۋاتلىرى ، ھېسداشلىق روھى ۋە ھەققانىيەتكە بولغان ئىنتىلىش قىزغىنلىقلىرىلا بولۇپ قالغان نەزەرىيە جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ئاسان ئىگىلىۋالغىلى بولىدۇ . مەن ھەتتا بەزى ئوبزورچىلارنىڭ مەن يازغان تەرجىمىھال ئەسەرلىرىمگە باھا بېرىپ ، پېرسوناژلارنىڭ روھىي  دۇنياسىنى چوڭقۇر سۈرەتلەپ بېرەلىگەن دەپ قارىغانلىقىدىن تولىمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلىمەن . مەن ئويلاپ قالىمەن ، مەن پېرسوناژلارنىڭ روھىي  دۇنياسىدىن باشقا يەنە نېمىنىمۇ يېزىشىم مۇمكىن؟ ئەگەر بىر تەرجىمىھال يازغۇچىسى كىشىلەرگە ئۆزى يېزىۋاتقان باش قەھرىماننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى سۈرەتلەپ بېرەلمىسە ، ئۇنداقتا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا گەۋدىلەنگىنى پەقەتلا خۇددى ھېسابات دەپتىرىدەك تاشقى شەكىل ئالغان ھايات خاتىرىسىلا بولۇپ قالىدۇ ، خالاس.
      تەرجىمىھال يازغۇچىسى تاڭناد . سىبورتنىڭ ۋىليام . گاردونغا توردا يوللىرىغا EMAIL دىكى بىر بۆلۈك سۆزى . 1998-يىلى 7ئاينىڭ 41كۈنى تاڭناد . سىبورت ئالفىرىد . شىۋىچ كوك ، تانزاس . ۋىليامىس ، لوۋرىنس . مارلىن ، مونرو جىس قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى يازغان .
    ---------------
        تەرجىمىھال ئەدەبىياتى ھەر خىل ، شۇنداقلا تەۋەككۈلچىلىك تۈسىگە ئىگە سەنئەت . ئۇ خۇددى سىدام پورتىرىت رەسىمى ، شېئىر ، ھەيكەلتىراشلىق ئەسىرى قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا ھەرخىل سەنئەت تۈرىدۇر. شۇڭلاشقا ئۇ تېخىمۇ يۇقىرى ماھارەت بىلەن تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ جەلپ قىلارلىق ۋە تېخىمۇ تەبىئى بولۇشى كېرەك.
        لىئون.ئەردىئىل ، «يازغۇچىلىق ھاياتىم» (1984يىل).
    ---------------------
     سەنئەتكار ۋە تارىخشۇناسلارنىڭ ھەممىسىلا تەرجىمىھال ئەسەرلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ كەتمەيدۇ . بەزىلىرى تەرجىمىھال ئەسىرىنىڭ ئىجادىيەت جەريانىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ، ماراش ، ھەتتا بۇلاڭتالاڭ قىلىش (شەخسىي  مەخپىيەتلىكنى دېمەكچى) جەريانى دەپ قارىشىدۇ.
      لىئون . ئەردىئىل ، «يازغۇچىلىق ھاياتىم» (1984-يىل).
    ----------------------
     تەرجىمىھال يازغۇچىلىرى خۇددى بىر ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ تارتمىلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئوغرىلاپ كېتىدىغان كەسپىي  ئوغرىلارغا ئوخشايدۇ.. . ئاشۇ بىر بۆلۈك باشقىلارنىڭ پىنھان سىرلىرىنى ماراشقا ئامراق چاتاقچىلار ئىلمىي  نام بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى پۇختا نىقابلاپ ھەم تەرجىمىھال يازغۇچىلىرىنى ئازدۇرىدۇ ، ھەم شۇنداقلا تەرجىمىھالنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنىمۇ ئازدۇرىدۇ.
      جىنت . ماركوم ، «سۈكۈناتتىكى ئايال: سىرۋىيە . پولاست ۋە تېد . شۇس» (1994-يىلى).
    ------------------
        مەن باشقىلارنىڭ مېنىڭ ھەممىلا ئىشلىرىمنى بىلىپ كېتىشىنى خالىمايمەن . مەن ئۆزۈمنىمۇ كەمكۈتىسىز دەپ قارىمايمەن . شۇڭلاشقا مەن ھەممىلا ئىشلىرىمدىن خاتىرە قالدۇرۇپ ئولتۇرمايمەن.
      تەرجىمىھال يازغۇچىسى ئانتونىيە . فولىيزىر خانىم.
    «تايمىس» ژۇرنىلى نىشاننى ئۇنىڭ ئۆزىگە قارىتىپ ، ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ ئۇنىڭمۇ تەرجىمىھالىنى يېزىشنى خالايدىغانخالىمايدىغانلىقىنى سورىغىنىدا ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزى . «تايمىس» ژۇرنىلىنىڭ 1998-يىلى 7ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى.
    -------------------
        بىر كىشىنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسىنى سۈرەتلەش خۇددى ئاشكارىلىنىش ئالدىدا تۇرغان  قاتىللىق دېلوسىدەك ھەقىقىي قىياپەتنىڭ ئېچىلىپ بېرىش جەريانىدۇر.
    ئەنگلىيىلىك پېداگوگ ، «خەلقئارا ئاۋانگارتلار مۇنبىرى»دىن ئېلىندى . 1989-يىلى 9-ئاينىڭ 15كۈنىدىكى سانى.

    ------------
    تەرجىمىھال يازغۇچىلىرى ساداقەتمەن سەنئەتكارلاردۇر . (تەرجىمىھال ئوبيېكتى بولغان باش قەھرىماننىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن تەسۋىرلەشنى كۆرسىتىدۇ).
    تەرجىمىھال يازغۇچىسى دوستمونتى  . مارك ئارتور ، لىئان . ئەيدىر تۈزگەن «يازغۇچىلىق ھاياتىم» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى (1984يىل).
    ---------------------
    مۇقاۋا ئېلانى
        بىر كىتابنىڭ مۇقاۋا ئېلانىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ھەرگىزمۇ سەل چاغلىماسلىق كېرەك ، چۈنكى ئۇنى كۆرىدىغان ئادەم ھامان كىتابنى كۆرىدىغان ئادەمدىن كۆپ بولىدۇ.
      ئېرلىس . كاھىن ، «قانداق قىلىپ بىر كىتابنىڭ مۇقاۋا ئېلانىغا ئاساسەن كىتابقا باھا بەرگىلى بولىدۇ» ناملىق ماقالىدىن ئېلىنغان . «لوسئانژېلىس ۋاقىتلىق گېزىتى» 1991يىلى 2ئاينىڭ 31كۈنى.
    ----------------------
           بارلىق كىتابلارنى ئىككى خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ . بىر خىلدىكىلىرى بىر مەزگىللىك كىتابلار (ياكى ۋاقىتلىق كىتابلار دەپ ئېلىشقىمۇ بولىدۇ) ، يەنە بىر خىلدىكىلىرى بولسا مەڭگۈلۈك كىتابلار (ئۆلمەس كىتابلار).
      جون  . لاسكىن ، «كۈنجۈت ۋە نېلۇپەر» دىن ئېلىنغان (1865يىل).
    (41) كىتاب بىزنىڭ بىلىم بۇلىقىمىز ، ئۇ بىزنىڭ ئېتىقادىمىز ، ئەستىلىك خاتىرىلىرىمىز ، ئەقىلپاراسىتىمىز ، ئەخلاقپەزىلىتىمىز ، شېئىرىي تۇيغۇمىز ، پەلسەپە ، تارىخ ۋە پەنتېخنىكا بىلىملىرىمىزنىڭ خەزىنىسىدۇر.
      دۆلەت مەجلىسى كۇتۇپخانىسى باشقۇرغۇچى خادىمى دانناس . بورستون ، بۇ ئۇنىڭ «كىتابنىڭ كەلگۈسى» نامىدا بەرگەن دوكلاتىدىن ئېلىنغان سۆز (1984يىل).

    -------------------------
    كىتاب مەدەنىيەتنىڭ تارقىتىش ۋاسىتىسى.
      تارىخشۇناس باربارا ، تاسمان ، «كىتاب» نامىدىكى دۆلەت مەجلىسى كۇتۇپخانىسىدىكى نۇتقىدىن ئېلىندى.
    1979- يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى.
    ---------------------
    دەرھەقىقەت مەدەنىيەتنىڭ نۇرى بەزىدە خىرەلىشىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ، ئەمما كىتاب بولسا گويا خاتىرە مۇنارىدەك مەڭگۈ يوقالمايدۇ.
      ئەدەبىيات ۋاكالەتچىسى روس ئارلى . شوك ، «نەشرىيات سودىگەرلىرى ھەپتىلىك ژۇرنىلى»دىن ئېلىندى .
    1985-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى.

    --------------
     ئەگەر كىتاب يوقىلىدىكەن ، ئىنسانلار تارىخىمۇ يوقىلىدۇ . ئىنسانلارمۇ ھامان يوقىلىدۇ.
      يازغۇچى چوتىن . روس ، بورگىس ، ئالفىرىد . دانناسنىڭ «كىتاب نەشرىياتچىلىقى»دىن ئېلىندى . ئېدىۋاد . پىرىس تەھرىرلىگەن 1997-يىلى).
         راست ئىشلار يېزىلغان كىتاب ئىستراتېگىيىلىك قورالدۇر.
     خارىت . بىچ . سىتو خانىمنىڭ «توماس تاغىنىڭ كەپىسى»دىن ئىرپودىن . سىنكىلىرنىڭ «ئورمان» ناملىق ئەسىرى ۋە لارف . نادنىڭ «كۈچىيىۋاتقان ئەنسىزلىك» قاتارلىق ئەسەرلەرگىچە تاكى لېچىر . كارسىن خانىمنىڭ ھازىرقى زامان پروزىسى «تىپتىنچ ياز كۈنلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرىگىچە كىتاب بىزنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىمىزدىن تارتىپ شىركەتلەرنىڭ ئايلىنىشىغىچە ناھايىتى زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ كەلدى . ھەتتا بۈگۈنكىدەك ئېلېكترون ئۇچۇر دەۋرىدە كىتاپ يەنىلا بىزنىڭ ئىدىيىمىز ، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىمىز ۋە كىشىلىك قىممەت قاراشلىرىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە يېتەكلەپ كەلمەكتە.
        ئامېرىكىنىڭ داڭلىق پىرىزدېنتى -روزۋېلت

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەركىن ئەمەت كىتاب