تەگئات قوللىنىش زاماننىڭ تەقەززاسى

يوللىغۇچى : yabghu يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-15 23:36:53

تەگئات قوللىنىش زاماننىڭ تەقەززاسى – تەگئاتىم «يۈكسەل» توغرىسىدامۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەلتەگئات(فامىلە)-كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائى ئالاقىلاردىكى خاس بەلگىسى،ئىجتىمائى جەمئىيەتتىكى ئ...

     

    تەگئات قوللىنىش زاماننىڭ تەقەززاسى – تەگئاتىم «يۈكسەل» توغرىسىدا
    مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل
     
     
     
    تەگئات(فامىلە)-كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائى ئالاقىلاردىكى خاس بەلگىسى،ئىجتىمائى جەمئىيەتتىكى ئەڭ تۈپ يىلتىز نومۇرى، ھەمدە كىشىلىك ھاياتتا قانداشلىك مۇناسىۋەتنى ئېنىقلاشتىكى تۈپ ماركا. تەگئات ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخى،مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ،دىنىي ئىتىقادى قاتارلىك ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭلاشقا ، ئۇ ھەر قايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس تەركىۋى قىسمىدۇر. ئۇ ھەر قايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىگىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىگىنىمۇ جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
     
     
    ھازىر دۇنيادا خەنزۇ، ئېنگىلىز، روس، ئەرەب، تۈرك، ياپون، پارس قاتارلىق ئاھالە سانى بىرقەدەر كۆپ بولغان مىللەتلەرلا ئەمەس، بەلكى، ئاھالە سانى خېلى ئاز بولغان ئۇششاق مىللەتلەرمۇ نەچچە ئەسىرنىڭ ئالدىدىلا، كېيىن قالغانلىرىمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا تەگئات قوللىنىشقا باشلىغان. ھازىرقى دۇنيادا، تەگئات – فامىلە قوللانمىغان مىللەتلەر بىز ئۇيغۇرلاردىن باشقا، پەقەت ئافرىقىدىكى ناھايىتى ئاز ساندىكى مىللەتلەر ، قەبىلە – جامائە ھالىتىدە تۇرىۋاتقان مىللەتلەر، ئۇكئانىيە – ياۋا ئاراللىرى، كالىمانتان ئاراللىرى قاتارلىق جايلاردىكى يەرلىك مىللەتلەرلا تېخى تەگئات قوللىنىشقا يۈزلەنمىدى. دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەردە بولسا تەگئات – فامىلە قوللىنىش ئاللا بۇرۇنلا ئومۇملىشىپ بولدى. ياپونىيە ، تۈركىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر تەگئات – فامىلە قوللىنىشنى دۆلەت تەرىپىدىن ئەمىر – پەرمان چۈشۈرۈش، قانۇن چىقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغان.
     
     
    بىر مىسال: تايلاندتا 1910 – يىلىدىن بۇرۇن، پەقەت خان جەمەتىدىكى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىلا تەگئات قوللىنىپ كېلىشكەن بولۇپ، ئاددىي ئاۋام – پۇقرالارنىڭ تەگئات – فامىلە قوللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان. تەگئات يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىگە خاس ئالاھىدە ئىمتىياز ئىدى. ئەينى چاغدىكى پادىشاھ چۇلالۇنكۇنراما ( 1910- 1868 يىللار ) ياۋرۇپادا زىيارەتتە بولۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئومۇمىي خەلقنىڭ تەگئات قوللىىنىشىنىڭ بىر خىل مەدەنىي ئىلغارلىقنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئادەتتىكى ئاۋام – پۇقرالارنىڭمۇ تەگئات – فامىلە قوللىنىىشغا ئىجازەت بەرگەن. بۇنى تايلاندتىكى ئاۋام – پۇقرالار ئۆزلىرىگە قىلىنغان كاتتا شاپائەت دەپ قاراشقان. شۇنىڭ بىلەن ، تايلاندتا تەگئات – فامىلە قوللىنىش ناھايىتى تېزلا ئومۇملاشقان.
     
     
    بولۇپمۇ قېرىنداش خەنزۇ مىللىتىنىڭ تەگئات – فامىلە قوللىنىش تارىخى نەچچە مىڭ يىلدىن ئاشىدۇ. ھازىرمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەرقانداق بىر كەنت – مەھەللىدە، ھەممە ئائىلىلەردە دېگۈدەك ھەربىر ئائىلىنىڭ نەسەبنامىسى ( ئائىلە تەزكىرىسى، جۇرۇڭقاي ) ، ئۇرۇق – جەمەت شەجەرىسى ( شەجەرە دەرىخى ياكى سېخمىسى ) بار. ئۇلاردا تەگئات مەدەنىيىتى تارىختىن بۇيان ئەجدادتىن – ئەۋلادقىچە ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ ، بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، ئۆزلىرىگە خاس بولغان جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى ئۆزگىچە مەنزىرە _ خەنزۇ خەلقى تەگئات مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشقان. ئۇلارنىڭ تەگئاتشۇناسلىقى راۋاجلىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئىرسىيەتشۇناسلىق، نوپۇسشۇناسلىق، گىنشۇناسلىق قاتارلىق نۇرغۇنلىغان زامانىۋىي ئۆتكۈر پەنلەر بىلەن ئۇتۇقلۇق بىرلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، خەنزۇ خەلقنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن. بۇ تەرىپى بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆرنەك قىلىشمىزغا ئەرزىيدۇ ، ئەلۋەتتە.
     
     
    بىز ئۇيغۇرلاردا بولسا، تارىختا تاكى 14 – ئەسىرنىڭ ئاخىرغىچە ئاز ساندىكى يۇقىرى مەرتىۋىلىك، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئارىسىدا تەگئات قوللىنىش ئادىتى بولغان بولسىمۇ، تەگئات – فامىلە قوللىنىش تۈرلۈك تارىخي، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئومۇمىي مىللەت گەۋدىسىگە ئومۇملىشالماي، تا ھازىرغىچە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنالماي كەلدى.شۇ ۋەجىدىن مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ تەگئات – فامىلەم توغرىسىدا كۆپ ئويلاندىم. ئىزدەندىم.ئاخىرى << يۈكسەل >> دېگەن بۇ ساپ ئۇيغۇرچە سۆزنى ئۆز جەمەتىمگە تەگئات – فامىلە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. << يۈكسەل >> دېگەن سۆزنى تەگئات – فامىلە قىلىشتىن ئىلگىرى، شەمشاد دېگەن سۆزنى تەگئات – فامىلە قىلاي دەپمۇ ئويلىغان ئىدىم، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2001 – يىلى نەشىر قىلىنغان << تارىمدىن سادا >> ناملىق شېئىرلار توپلىمىمدا، ھەمدە گېزىت – ژۇرناللاردا ئىلان قىلغان بىر قسىم شېئىر، ماقالىلىرىمدە << شەمشاد >> دېگەن سۆزنى تەخەللۇس قىلىپ قوللانغان ئىدىم. لېكىن، بۇ سۆزنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە سۆز ئەمەسلىكىنى ئويلاپ، ئۇنى تەگئات – فامىلە قىلىشتىن يالتايغان ئىدىم.
     
    2004 – يىلى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە 13 – نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا ئىشتراك قىلغان ئىدىم ( << شېئىرىي مۇددىئا توغرىسىدا >> ماۋزۇلۇق فوبلىستىك ماقالەم مەزكۇر مۇكاپاتقا نائىل بولغان ئىدى ). بۇ جەرياندا، ئالىم، تىلشۇناس ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىدىن تەگئات ھەققىدە پىكىر – مەسلىھەت ئالدىم. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى مەن كۆڭلۈمگە پۈككەن << يۈكسەل >> سۆزىنىڭ پۈتۈنلەي ساپ ئۇيغۇرچە سۆز ئىكەنلىكىنى، مەنىسىنىڭ چوڭقۇر، ئېيتىلىشقا قۇلاي، تەگئات – فامىلە قىلىشقا تازا باب كېلىدىغان سۆز ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن << يۈكسەل >> دېگەن بۇ مۇبارەك سۆزنى ئۆز جەمەتىمگە تەگئات – فامىلە قىلىشنى بېكىتتىم.نېمە ئۈچۈن تەگئات – فامىلە قىلىشقا << يۈكسەل >> سۆزىنى تاللىدىم؟ بۇ ھەقتە بىر يىلدىن كۆپرەك ئويلاندىم، ئىزدەندىم.
    بىرىنچىدىن،مەن تەۋە بولغان ئۇرۇق – جەمەت نەچچە ئەسىردىن بۇيان، گاھ روناق تېپىپ، گاھ ۋەيران بولۇپ، بەزىدە زورۇيۇپ، بەزىدە ئاجىزلاپ دېگەندەك بىرخىل ئاجىز ، تۇرغۇن ھالەتتە تۇرۇپ كەلگەن. جەمەتىمىزدە ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ، بوۋا – مۇمىلىرىمىزدىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەستىلىك – رىۋايەتتىن قارىغاندا، دادا تەرەپ ئۇلۇغ بوۋىمىز ئاقبەگ دېگەن كىشى ئىنىسى قارابەگ دېگەن كىشى بىلەن 18 – ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى خانىدانلىقلار ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش – يېغىلىقلار دەستىدىن يۇرتنى تاشلاپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ئاباد ماكانى بولغان ئۇش دېگەن يۇرتتىن قەشقەر تەۋەسىگە كۆچۈپ كېلىشكەن ئىكەن. ئاقبەگ دېگەن كىشى بارچۇققا ( ھازىرقى مارالبېشى بازىرى ) ، قارا بەگ دېگەن كىشى پەيزىئاۋاتنىڭ قىزىلبويى سۇلتانئېرىق كەنتىگە ماكانلىشىپ ، شۇ يەرلىك خەلقلەر بىلەن ئۆزلىشىپ- سىڭىشىپ كېتىشكەن ئىكەن. دادام ئابدۇلكەرىم ھاجى ( 80 ياش ) نىڭ ئېيتىشلىرىغا قارىغاندا، ئاقبەگ بوۋىمىز ئوشتىن بارچۇققا كۆچكەندە ئىشلەتكەن كاجۇۋا ( تۆگىگە ئارتىيدىغان ئادەم ئولتۇرالايدىغان تالدىن توقۇلغان سىۋەت ) ۋە بىر قىسىم تېرە مۇقاۋىلىق قېلىن – قېلىن كىتابلار تاكى 1950 – يىللارغىچە مارالبېشى دۆلەتباغدىكى ئائىلىمىزدە تەۋەررۈك سۈپىتىدە ساقلىنىپ كېلىنگەن ئىكەن. لېكىن، كېيىنكى بۇران – چاپقۇنلۇق يىللاردا ئەسلىدىكى ئۆيلەر چېقىلىپ، تەدرىجىي ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ يوقاپ كېتىپتۇ. ئاقبەگ دېگەن بابىمىز بارچۇققا كەلگەندە بۇ جاي قايتا گۈللىنىۋاتقان بولۇپ، ئاران 17 ئائىلىلىك ئادەم بار ئىكەندۇق. ئەينى دەۋردە بارچۇق قەشقەر دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىغا جايلاشقان بولغاچقا، بۇ چەكسىز كەتكەن توغراقلىق – يۇلغۇنلۇق بىلەن قاپلانغان بولۇپ، يولۋاس، بۆرە، قاۋان، كىيىك ، بۇغا – ماراللار ناھايىتى كۆپ بولغاچقا كىشىلەر ئېگىز ئۆسكەن توغراقلارنىڭ ئۈستىگە ساتما – ئۆي ياسىشىپ ئولتۇرۇشقان ئىكەن…
    يېقىنقى زامانلارغا كەلسەك، دادامنىڭ چوڭ دادسى مۇھەممەدتوختى، دادامنىڭ ئاكىسى ھەسەن بەختىلەر ( ئاللاھ ئۇلارنىڭ روھىنى جەننەتۇل مەئۋاغا نائىل قىلغاي ! ئامىن. ) گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل زۇلمىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن 1940 – يىللاردىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپتۇ …
    دادا تەرەپتىن ئېيتقاندا، مۇھەممەدئەلى – مۇھەممەدتوختى – بەختى توختى – ئابدۇلكەرىم بەختى – مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكىرىم ( مەن ) ۋە ئوغلۇم فەرھادتىن ئىبارە ئالتە ئەۋلاد توغرىسىدا خاتىرە – مەلۇماتقا ئىگىمىز… ئۇلۇغ بوۋىمىز مۇھەممەد ئەلى ئەينى زاماندا قەشقەر يېڭىشەھەر خانئىېرىقتىكى كۆكچى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، يېرىم دېقانچىلىق، يېرىم سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنىڭ ئوغلى بوۋىمىز مۇھەممەدتوختى ئاتا كەسپىگە ۋارسلىق قىلىپ، بارچۇقتىكى مال – چارۋىلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن كېلىپ، مۇمىمىز نۇرخاننى ئەمرىگە ئېلىپ، ئىككى ئارىلىقتا قاتناپ يۈرگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئوغلى – چوڭ دادىمىز بەختى توختىمۇ مارالبېشىدا ئىككىنچى ئايالى تۇرسۇنخانغا ئۆيلىنىپ، شۇ يەرلىك بولۇپ، 10 پەرزەنتلىك بولىپتۇ ( ھازىر بۇلاردىن 5 كىشى ھايات ) . دادامنىڭ چوڭدادىسى مۇھەممەدتوختى دادامنىڭ چوڭ ئاكىسى ھەسەن بەختىنى ئۆزى باققان بولغاچقا، 1940 – يىللاردا ھەسەن بەختىنى ئىزدەپ غولجىغا بېرىپ، شۇ يەردە ۋاپات بوپتۇ.
     
    ئانام تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئانامنىڭ چوڭدادىسى قاسىم ناۋاي دېگەن كىشى بولۇپ، مارالبېشى بازرىدا نەچچە ئەۋلاد ئاشپەزلىك قىلغان ئىكەن. 1934 – يىلى ئەتيازدا ماجۇڭيىڭ – خوجىنىياز ئىتتىپاقى بۇزۇلۇپ، تۆمۈر ئەلى ۋە مافۇيۈەن قىسىملىرى ئارقا – ئارقىدىن ئاقسۇدىن يولغا چىقىپ، تۇمشۇققا قاراپ ئاتلىنىدۇ. قەشقەر تەرەپتىن ۋالى ماشاۋۋۇ ياڭچىمىڭ دېگەن تۈەنجاڭنى باش قىلىپ مارالبېشىغا ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. يەنە مافۇيۈەننىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن خوتەنلىك ئەمىر ساھبىمۇ يېڭىساردىن قوشۇن باشلاپ مارالبېشىغا كېلىدۇ. ھەمدە يەرلىك خەلقتىن خەلق مۇداپىئە قوشۇنى تەشكىللەپ، چارىباغقا بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇمشۇق – مارالبېشى ئارىلىقىدا 40 نەچچە كۈن گىرەلەشمە جەڭ بولىدۇ. شۇ چاغدا، بوۋىمىز قاسىم ناۋاي ئوغلى ھاشىم ئاخۇن بىلەن شۇ ئالامانغا ئەگىشىپ چارىباغقا بارغان. شۇ كۈنى كېچىسى چارچاپ ھالىدىن كېتىپ دەڭ – سارايلاردا ئۇخلاپ كەتكەن ئاۋام قاتارىدا مافۇيۈەن قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىغان نەچچە يۈز ئادەم قاتارىدا قوللىىرى باغلىنىپ، بىر دەڭ – سارايدا خۇددىي شاخ – شۇمبىنى ئۈستى – ئۈسىتلەپ دۈۋلىگەندەك دۈۋلىنىپ، يەر يېغى ( كىرسىن ) چېچىپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. ئانامنىڭ تاغىسى ھاشىم ئاخۇن ئارىدا ئوت ئارىسىدىن يولقۇنۇپ چىقىپ، دەڭنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ قېچىپ بولغاندا، دادىسنىڭ << بالام ھاشىم ئاخۇن .... >> دېگەن ئېچىنىشلىق ئازاب نالىسىنى ئاڭلاپ چىدىماي، يەنە ئارقىغا قايتىپ، دادىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ بىللە كۆيۈپ ئۆلگەن ئىكەن ( بۇ ھېكايەتنى شۇ چاغدا بىللە قاچقان كىشىلەر ئېيتىپ بەرگەن ئىكەن ). شۇ چاغدا، مافۇيۈەن ئەسكەرلىرى مارالبېشى بازىرىغا ئۇدۇل باستۇرۇپ كېلىپ، خەلقنى بۇلاپ – تالىغان، شۇ قاتاردا دادا تەرەپ چوڭ دادىمىز بەختى توختىمۇ ئۆيىنىڭ تورۇسىغا ئېسىپ قويۇلۇپ، ئۆيىمىز ئاختۇرۇلۇپ، بۇلاڭ – تالاڭ قىلىنغان ئىكەن. 1949 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا جاڭ جىجوڭ – بورھان شەئىدىلەر تېنچلىق بىلەن ئازادلىق ئارمىيە تەرەپكە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن، بىر نەچچە گومىنداڭ ئۇفېتسىرى كۇچاردا ئوت قويۇپ بۇلاڭ – تالاڭ قىلغان ، بۇ چاغ دەل چوڭ دادىمىز بەختى توختى كۇچارغا سودا ئىشى بىلەن بارغان ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن چوڭ دادىمىز يەنە بىر قېتىم بارچە دەسمايە – سودا ماللىرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، مىڭ تەستە مارالبېشىغا قايتىپ كېلىۋالغان ئىكەن….
    مانا مۇشۇنداق ئەگرى – توقاي تارىخ مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن ئۇرۇق – جەمەتىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئاجىز ۋە تۇرغۇنلۇق ھالىتىگە 1949 – يىلى يېڭى ھاكىمىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىنلا خاتىمە بېرىلىپ، ئۇرۇق – جەمەتىمىز ياخشىلىنىش- راۋاجلىنىشقا قەدەم قويغان… ئۇرۇق – جەمەتىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئەگرى – توقاي تارىخى، ئېچىنشلىق سەرگۈزەشتىلىرى مېنىڭ << يۈكسەل >> دېگەن سۆزنى جەمەتىمگە تەگئات – فامىلە قىلىپ تاللىشىمغا ئاساس بولدى.
     
    ئىككنچىدىن،تەگئات – فامىلە قوللىنىش مەيلى رېئاللىق جەھەتتىن بولسۇن ياكى تارىخي نۇقتىدىن بولسۇن، بىر مىللەت ، بىر ئۇرۇق – جەمەتنىڭ ئويغارلىقىنىڭ، ئۆزى ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىغا مەسئۇل بولغانلىقىنىڭ مۇھىم ئالامىتى بولىۋاتقان بۈگۈنكى زاماندا، تەخىرسىزلىك ھېسلىرىم بارغانسېرى كۈچەيدى. شۈبھىسزكى بۇ خىل تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى دىلغۇل بولماي << يۈكسەل >> سۆزىنى تەگئات قىلىپ دەرھال بېكىتىشىمگە سەۋەب بولدى.
     
    ئۈچىنچىدىن، ئۇرۇق – جەمەتىمىزنىڭ نەسەب – شەجەرىسىگە دائىر تارىخي ئۇچۇرلاردىن ئۇرۇق – جەمەتىمىزنىڭ تەگئات – فامىلە قوللانغان – قوللانمىغانلىقىنى كۆپ سۈرۈشتۈرگەن بولساممۇ، بۇ ھەقتە پايدىلانغۇدەك بىرەر يىپ ئۇچى ماتېرىيالغا ئېرىشەلمىدىم. گەرچە ئۇرۇق- جەمەتىمىز ئىچىدە ئەۋلادتىن – ئەۋلادقىچە مۇددەرسلىك، خەلپەتلىك قىلغانلار كۆپ بولسىمۇ، ئۆزلىرىگە بىرەر ئاتنى تەگئات – فامىلە قىلىپ قوللىنىشمغانلىقى ئۈچۈن، يېڭىدىن تەگئات – فامىلە بېكىتىشكە توغرا كەلدى.
    تۆتىنچىدىن،ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭگودىكى 56 مىللەتنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى، يەنە كېلىپ جۇڭگو كومپارتىيىسى جۇڭگوچە مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە بەرگەن مىللەتلەرنىڭ بىرى. مىلىلتىمىزنىڭ تارىخي مۇساپىسىگە قارايدىغان بولساق، ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن تاكى يېقىنقى دەۋرلەرگىچە يېغىلىق، سوپى – ئىشانلارنىڭ زۇلۇمى، خارۇ – زارلىق، بېكىنمىچىلىك ئاساسى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. خۇددىي كۇلۇمبىيە يازغۇچىسى گارسىيە ماركۇسنىڭ << يۈز يىل غېرىبلىق >> ناملىق ئەسىرىدە لاتىن ئامېرىكىسىنى تەسۋىرلىگەندەك، 15- 16 ئەسىرلەردىكى دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى سەۋەبلىك يېپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان غەربىي يۇرت تەدرىجى خارابلىشىپ، دۇنيانىڭ نەزىرىنىڭ سىرتىدا قالدى. بۇ دىيارنى سۇپى – ئىشانلارنىڭ سۇلۇك – مەزھەبلىرى، تەپرىقچىلىق، ئاڭقاۋلىق قاپلىدى. خەلقمىز ھەتتا ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى – مىللەت ئاتىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. ئورقۇن تاشپۈتۈكلىرىدىن قارىغاندا، مىللىتىمىز تەگئات – فامىلىنى خېلى ئۇزۇن قەدىمقى زامانلاردىنلا باشلاپ قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ئەسىرلەرگە كەلگەندە، ئىستېمالدىن قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. ساپ ئۇيغۇرچە تەگئات – فامىلە – ئىسىملارنىڭ ئورنىنى ئەرەبچە، فارسىچە تەگئات- فامىلە – ئىسىملار ئىگىلىدى. قىسقىسى ئۆتكەن زاماندا مىللىتىمىزنىڭ ئەھۋالى بىر خىل چېكىنىش، تۇرغۇنلۇق ھالىتىدە تۇرۇپ كەلدى. 1949 – يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر خەلقىمۇ باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە ئوخشاش قەد كۆتۈردى . لېكىن قېرىنداش مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، مىللىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي – مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىياتى – يۈكسىلىشى تارىخي سەۋەبلەر تۈپەيلى يەنىلا كۆپ ئارقىدا تۇرماقتا. شۇ ۋەجىدىن، توختىماي ئىلگىرىلەش – يۈكسىلىش مىللىتىمىزنىڭ ، ئۇرۇق – جەمەت، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ روناق تېپىشىدىكى ھەلقىلغۇچ قىبلىنامە بولۇشقا تېگىشلىك بولۇپ قالدى.
    يۇقىرىقى تارىخى ۋە رېئال سەۋەبلەر مېنىڭ << يۈكسەل >> سۆزىنى ئۆزۈمگە ۋە كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىغا تەگئات – فامىلە قىلىپ تاللىشىمغا تۈرۈتكە بولدى.
     
    2001- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت ئەپەندى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئۇيغۇر مىللىتىمىزدە تەگئات – فامىلە قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. بۇ قۇتلۇق ئىش ياخشى باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن مەخسۇس مىزان – تۈزۈم چىقىرىلمىغاچقا، خەلق ئارىسىدا تازا ئومۇملىشالمىدى. مۇمكىن بولسا خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىغا مەخسۇس تەكلىپ سۇنۇپ، مىزان چىقىرىش تەلەپ قىلىنسا ۋە بۇ ھەقتە قانۇن – نىزام تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنسا، كىملىك، نوپۇس قاتارلىقلارنى بىجرىشتە تەگئات – فامىلە قوللىنىش مەجبۇرى يولغا قويۇلسا بەك ياخشى بولغان بولاتتى. مىللتىمىزمۇ جۇڭگودىكى ۋە دۇنيادىكى باشقا ئىلغار سىياسىي ئىجتىمائىي مىللەتلەرگە ئوخشاش تەگئات – فامىلىلىك ئىلغار مىللەت بولۇپ قالاتتى. كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزمۇ يىلتىز ئىزدەش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ، ئەجداد – ئەۋلاد رىشتى مەھكەم باغلىنىدىغان << پۇلات ئارقان >> غا ئېرىشكەن بولاتتۇق – دە، كېيىنكىلەر بىزگە – ئەجدادلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇشقان بولاتتى. بىزنىڭ يۈزىمىزمۇ بۇ جەھەتتە يورۇق بولغان بولاتتى ، خالاس.
     
     
    نەزمە :
     
    دۇلدۇل-ئات تونىلار قاشقىسى بىلەن،
    بەك ئاسان ئايرىماق باشقىسى بىلەن.
    ئادەمدە بولمىسا تەگئات ئۇچۇرى،
    كۆمۆلەر تارىخنىڭ لاتقىسى بىلەن.
     
    < يۈكسەل > دىن باشلىنار تەگئاتىم ئەمدى،
    يىلتىزدىن ئۈزۈلمەس ھاياتىم ئەمدى.
    ئەجداتتىن ئەۋلاتقا زەر رىشتە كەبى،
    باغلىنار نەسەبىم-ئۆززاتىم ئەمدى.]
     
    2008-3- 22 ، شەھرى ئۈرۈمچى .
     
    << قەشقەر >> ژۇرنىلىنىڭ 2008 – يىللىق 3 – سانىدىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.